ئىھلارا ۋادىسى

بىلىۋېلىڭ - 19

1761549
ئىھلارا ۋادىسى

       ئوتتۇرا ئانادولۇغا جايلاشقان ئىھلارا ۋادىسىنىڭ دۇنيادىكى ۋادىلار ئارىسىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ئۇزۇنلۇقى 18 كىلومېتىر، چوڭقۇرلۇقى ئوتتۇرىچە 150 مېتىر، كەڭلىكى 200 مېتىر كېلىدىغان ئىھلارا ۋادىسى، ئوتتۇرا ئانادولۇدىكى ئاقساراي ۋىلايىتىنىڭ چېگرالىرى ئىچىگە جايلاشقان. ئىچىدە مىڭلارچە ياشاش ساھەسى بار بولغان ئىھلارا ۋادىسىنىڭ باشقا ۋادىلارغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى، قەدىمكى دەۋرلەردە ئىنسانلار ياشاپ ئۆتكەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋادىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشىدۇر. بۇ ۋادىنى قورشاپ تۇرىدىغان قىيالىقلارنى ئويۇش ئارقىلىق ياسالغان يۈزلىگەن چېركاۋ ۋە جايلار، بۇ ۋادىنى دۇنيادىكى  كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇرغان.

ئىھلارا ۋادىسى تەبىئىي گۈزەللىكى بىلەنمۇ تۈركىيەنىڭ كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان جايلىرىدىن بىرىدۇر. تامغا ئوخشاش تىك، چوڭقۇر ۋە تار بولغان ۋادىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى سۇنىڭ چېتىدە قويۇق بىر بوستانلىق باردۇر. ۋادى ئەتراپىدا چۆل باياۋانغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. ھالبۇكى، ۋادىنىڭ يانتۇلۇقلىرىدىن نەزەر تاشلىغاندا، مول ۋە يېشىل بىر تەبىئىي گۈزەللىك پارچىسى كۆرۈلىدۇ. گەرچە بۇ رايوندا چوڭ قۇرۇقلۇق مۇھىتى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرسىمۇ، لېكىن  ۋادىنىڭ ئاستى تەرىپىدە ئاقدېڭىز مۇھىتى ھېس قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر