كالپۇك يېرىلىشنى  تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى - 19

1761542
كالپۇك يېرىلىشنى  تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

كالپۇك يېرىلىشنى  تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

ئاق شېكەر

بىر ھەسەل قوشۇقى ئاق شېكەرنى بىر ھەسەل قوشۇقى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كالپۇكىڭىزغا سۈرۈپ، بەش مىنۇت كۈتۈڭ، ئاندىن ئىلمان سۇ بىلەن كالپۇكىڭىزنى يۇيۇڭ.

ھەسەل

بارماقلىرىڭىزنىڭ ياردىمىدە كالپۇكلىرىڭىزغا (ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئورگانىك) ھەسەل سۈرۈپ، 15 مىنۇت كۈتۈڭ. بۇ ئۇسۇلنى كۈندە 2-3 قېتىم قوللانسىڭىز بولىدۇ.

بۇ ئۇسۇلنى ھەپتىدە 3-4 قېتىم قوللىنىش ئارقىلىق كالپۇك يېرىلىش دەردىدىن قۇتۇلالايسىز.

تەرخەمەك

تەرخەمەكمۇ كالپۇكلىرىڭىزنى ئېھتىياجلىق بولغان نەملىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. تەرخەمەكنىڭ سۇلۇق تەرىپىنى كالپۇكلىرىڭىزغا سۈرۈپ، 15-20 مىنۇت كۈتكەندىن كېيىن، كالپۇكلىرىڭىزنى يۇيۇڭ.

تەرخەمەكنى يەنە بىر خىل  قوللىنىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

ئالدى بىلەن تەرخەمەكنى پوستى بىلەن بىرلىكتە مۇۋاپىق بىر قاچىغا رەندىلەڭ، ئاندىن رەندىلەنگەن تەرخەمەك پارچىلىرىنى كالپۇكلىرىڭىزغا چاپلاپ، ئاز دېگەندە 20 مىنۇت كۈتۈڭ، ئاندىن كالپۇكلىرىڭىزنى سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇڭ.

بادام:

بادام ئارىلاشمىلىق لەۋ سۇرۇخ ئۈچۈن، 1 ئىستاكان بادام ئەزمىسىنى بىر قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە يېرىم چاي قوشۇقى ئاق شېكەر ۋە 1 چاي قوشۇقى ھەسەل ئىلاۋە قىلىڭ. بۇ ئارىلاشمىنى كالپۇكلىرىڭىزدا 2 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئېلىۋېتىڭ.

قەھۋە قالدۇقى:

قەھۋە قالدۇقى،  كالپۇك قۇرۇشنى داۋالاشقا ئىنتايىن پايدىلىقتۇر. بىر قاچىغا 1 چاي قوشۇقى قەھۋە قالدۇقى سېلىڭ، ئۈستىگە 1 چاي قوشۇقى ھەسەل ۋە 1-2 تامچە زەيتۇن يېغى ئىلاۋە قىلىڭ. بۇ ئارىلاشمىنى كالپۇكلىرىڭىزغا سۈرۈڭ، ئاندىن كالپۇكلىرىڭىزنى ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇڭ.

قېتىق ۋە كۈنجۈت ماسكىسى:

ماتېرىياللار

• 1 ھەسەل قوشۇقى قېتىق

• 1 ھەسەل قوشۇقى كۈنجۈت يېغى

قېتىق بىلەن كۈنجۈت يېغىنى مۇۋاپىق بىر قاچىدا ئوبدان ئارىلاشتۇرۇڭ، بۇ ئارىلاشمىنى بارماقلىرىڭىزنىڭ ياردىمىدە كالپۇكلىرىڭىزغا ئۇۋۇلىغاچ سۈرۈڭ، ئاندىن سوغۇق سۇ بىلەن كالپۇكلىرىڭىزنى يۇيۇڭ.

بۇ ئۇسۇلنى ھەپتىدە بىر قېتىم قوللانسىڭىز بولىدۇ.

زەيتۇن يېغى

ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن پاختىنىڭ ياردىمىدە كالپۇكلىرىڭىزنىڭ ئەتراپىغا زەيتۇن يېغى سۈرۈش ئارقىلىق كالپۇك يېرىلىش دەردىدىن قۇتۇلالايسىز.

ئالوي

ئالوي يوپۇرمىقىدىن چىققان گېلىنى كالپۇكلىرىڭىزغا سۈرۈپ، تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر شۇ پېتى ئۇخلاڭ.

كوكۇس مېيى

كوكۇس مېيىنى يېرىلغان كالپۇكلىرىڭىزغا سۈرۈڭ.

سۈت ۋە گۈل يوپۇرماقلىرى

بىر قاچا ئىسسىق سۈتنىڭ ئىچىگە بىر تۇتام گۈل يوپۇرمىقىنى سېلىپ، يېرىم سائەت كۈتۈڭ، ئاندىن گۈل يوپۇرماقلىرىنى سۈتتىن چىقىرىپ، ئېزىڭ، ئاندىن ئۇخلاشتىن بۇرۇن بۇ ئارىلاشمىنى كالپۇكلىرىڭىزغا سۈرۈڭ.

تۇز سۈيى

تۇز سۈيى ساقىيىش جەريانىدا جاراھەتنى پاكىز تۇتۇشقا ياردەم بېرىدۇ. بۇ مەقسەتتە كىچىك بىر ئىستاكان ئىلمان سۇغا بىر قوشۇق تۇز سېلىنىدۇ. بۇ ئارىلاشمىغا پاختا رەختنىڭ پارچىسى ياكى پاختا توپى چىلانغاندىن كېيىن، كالپۇكلارغا سۈرۈلىدۇ. بۇ ئارىلاشمىنى ئىشلىتىش جەريانىدا كالپۇكلاردا ئېچىشىش ۋە ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئەمما بۇ بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن يوقىلىدۇ.

سۇ

كالپۇكلىرىڭىزغا يوقاپ كەتكەن نەملىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇسسۇزلۇق ھېس قىلمىسىڭىزمۇ سۇ ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. كۈندە 8-10 ئىستاكان سۇ ئىچىش ئارقىلىق بەدەننى ئېھتىياجلىق سۇ بىلەن تەمىنلىگىلى، بۇ ئارقىلىق، كالپۇك يېرىلىش دەردىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر