قەدىمكى ھارران شەھىرى ۋە ھارران مەكتىپى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىدا ھارران توغرىسىدىكى قىزىقارلىق ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز...

1758215
قەدىمكى ھارران شەھىرى ۋە ھارران مەكتىپى
Harran qübbəli evləri.JPG
Harran.jpg
harran evleri1594602.jpeg
harran evleri1594599.jpeg
harran evleri1594584.jpeg
harran evleri1594587.jpeg
harran evleri1594590.jpeg
harran evleri1594591.jpeg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مىسسوپوتامىيە ... نۇرغۇن دۆلەت ۋە مەدەنىيەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلغان جاي... بۇ رايوندا ھەتتا مىسىرنىڭ جان تومۇرى ھېسابلىنىدىغان نىل دەرياسىدىنمۇ كۆپ مەدەنىيەت گۈللىنىدۇ ... بۇ يەردە گۈللەنگەن مەدەنىيەتلەر ۋۇجۇدقا چىقارغان يېڭىلىق ۋە كەشپىياتلار تارىخنىڭ چاقىنى تېزلىتىدۇ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ، مىسسوپوتامىيە ساماۋى دىنلارغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ،  ئۇ، مەدەنىيەتلەر بىر – بىرىگە ۋارىسلىق قىلغان بولغاچقا «مەدەنىيەتلەر بۆشۈكى»، تۇپراقلىرى مۇنبەت بولغاچقا «بەرىكەتلىك ھىلال» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ رايوننىڭ مۇھىم بىر قىسىمى ئانادولۇ جۇغراپىيەسىگە جايلاشقان.

بەرىكەتلىك ھىلالغا دىجلە ۋە فىرات دەريالىرى ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. رايوننىڭ كىچىك ئاسىياغا تۇتىشىدىغان يېرى — ھارراندا دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمكى مەكتەپلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئېچىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

* * * * *

ھارران تەخمىنەن 7000 يىللىق تارىخى ۋە سودا يوللىرىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىدىكى ئورنى نۇقتىسىدىن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جاي. ئاسسۇرلار، بابىللىقلار ۋە ئۇمەۋىيلەر ھارراننى پايتەخت قىلىپ تاللايدۇ. ھارران دېگەن بۇ ئىسىم سۇمېر ۋە ئاككادىيان تىللىرىدا «ساياھەت»، «كېسىشمە يوللار» ۋەياكى «قاتتىق ئىسسىق» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغانلىقى مەلۇم. «ھارران سىرلىق ئاي ئىلاھى سىننىڭ يۇرتىدۇر» دەيدىغانلارمۇ ، تەۋراتتىكى «ھاران» دېگەن جاينىڭ مۇشۇ يەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلارمۇ بار. ھەتتا بۇ شەھەرنىڭ نۇھ تۇپانىدىن كېيىن قۇرۇلغان تۇنجى شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ئۈچ ساماۋى دىننىڭ ئاتىسى دەپ قارىلىدىغان ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ بۇ تۇپراقلاردا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكى ھەقىقەتتۇر.

ئاسسۇر بىلەن بابىللىقلار قۇياش، ئاي ۋە سەييارىلەرنى مۇقەددەس ھېسابلايتتى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ئىلاھ دەپ قارايتتى. بۇ كۆپ خۇدالىق مەدەنىيەتلەر ئاسماندىكى جىسىملار ۋە ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى. ھارران بۇ كۆپ خۇدالىق ئېتىقادنىڭ گەۋدىلىك مەركەزلىرىنىڭ بىرى ئىدى. شۇ ۋەجىدىن بۇ شەھەردە ئاسترونومىيە تەرەققىي قىلغانىدى. ئىلىم - پەن مەركىزى بولغان شەھەر، ئۇزۇن ۋاقىتقىچە بۇ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغانلىقتىن دۇنيانىڭ تۇنجى مەكتەپلىرىنىڭ بىرى ھارراندا قۇرۇلغان دەپ قارىلىدۇ. گەرچە ھارران مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدا يېتەرلىك مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دەسلەپكى چاغلاردىن تارتىپلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇنىڭدىن باشقا ئاسسۇر ۋە بابىلون دەۋرىدىن باشلاپ ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ بىر مەكتەپتە سىستېمىلىق ئۆگىتىلگەنلىكىمۇ تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنىدۇ. مانا بۇ خىل تەلىماتلارنىڭ كېيىنكى دەۋرلەرگە مىراس قالدۇرۇلغانلىقى ۋە مەكتەپنىڭمۇ ھارران مەكتىپى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

ۋاقىت ئۆتۈپ، قەدىمكى دەۋر باشلىنىدۇ. ئۇ چاغلاردا ئىسكەندىرىيە بىلەن ئافېنا دۇنيانىڭ مائارىپ مەركەزلىرى دەپ قارىلاتتى. خىرىستىيان دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، رىم ئىمپېرىيەسى ئاكادېمىك ۋە پەلسەپە مەكتەپلىرىنى تاقاشنى قارار قىلىدۇ. ئالدى بىلەن ئافېنا، ئاندىن ئىسكەندىرىيەدىكى مەكتەپلەرنىڭ تاقىلىشى بىلەن، بىر قىسىم ئالىملار ھاررانغا پاناھلىنىپ، ھارران مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلايدۇ. قەدىمكى پەيلاسوپلارنىڭ ئەسەرلىرى ئەرەبچىگە، بەزى ئەرەب ئەسەرلىرى گىرېك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. ھارران مەكتىپى يۇنان قوليازمىلىرىنىڭ باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن تونۇشۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ يوقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مەكتەپ قەدىمكى دەۋرنىڭ ئىلىم - پەن، پەلسەپە، مېدىتسىنا ۋە سەنئەت قاتارلىق تېمىلىرىدا ئىسلام ئۆلىمالىرىغا يول كۆرسىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا ئىلىم - پەننى ئاساس قىلغان ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئالاقە باشلىنىدۇ. ھارران ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىمۇ بىر ئىلىم - پەن مەركىزى سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. تۇنجى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ھارراندا قۇرۇلىدۇ.

* * * * *

ھارران دۇنيانىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەكتەپلىرىنىڭ بىرىگە ئىگە بولۇشى بىلەنلا ئەمەس، مەدەنىيىتى ۋە قۇرۇلمىسى بىلەنمۇ دىققەتنى تارتىدۇ. ھارران بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونىغا جايلاشقان شانلىئۇرفا ۋىلايىتىنىڭ بىر ناھىيەسى.  ھارراننىڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان قۇرۇلۇشلىرى گۈمبەزلىك ئۆيلىرىدۇر. ھارران دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى گۈمبەزلىك ئۆي ئەنئەنىسىنى ئۇچراتقىلى بولىدىغان جايلارنىڭ بىرى. بۈگۈنكى كۈندە ھارران ئۆيلىرىگە ئوخشايدىغان ئۆيلەر ئىتالىيە، شوتلاندىيە، ئافغانىستان، پېرۇ ۋە خىتايدا ئۇچرايدۇ.

تارىخى مىلادىدىن تۆت مىڭ يىل ئىلگىرىكى چاغلارغا تۇتىشىدىغان ئۆيلەر، تىك تۆت بۇلۇڭلۇق بىر ھويلىنىڭ ئەتراپىغا خىشتىن ياسالغان بولۇپ، دېرىزىلىرى ئەينەكسىز، تاملىرى قېلىن، ئىچى ۋە سىرتىدىن لاي بىلەن سۇۋىلاتتى. ئېگىزلىكى بەش مېتىرغا يېتىدىغان بۇ ئۆيلەر قۇرۇلۇشنىڭ يۇقىرىسىغا قاراپ تارىيىپ گۈمبەز قىياپىتىنى شەكىللەندۈرىدىغان ھالەتتە سېلىناتتى. گۈمبەزنىڭ ئۈستى يورۇقلۇق چۈشۈرۈش ۋە تورخۇن رولىنى ئوينىشى ئۈچۈن ئوچۇق قويۇلاتتى. ھارران تۈزلەڭلىكىنىڭ چىدىغۇسىز ئىسسىق ھاۋاسىغا بۇ ئۆيلەر ئارقىلىق چارە تېپىلغانىدى؛ چۈنكى بىناكارلىق ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن ھارران ئۆيلىرى يازدا سالقىن، قىشتا ئىسسىق بولاتتى. ئېھتىياجغا ئاساسەن يېڭى گۈمبەزلەر ئىلاۋە قىلىنىپ، ئۆيلەرنى كېڭەيتكىلى بولاتتى. ئۆيلەرنىڭ گۈمبەز سانى ئۇ ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى نامايان قىلىپ بېرەتتى. قوغدىلىنىۋاتقان ھارران ئۆيلىرى نۆۋەتتە ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى — يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا.

* * * * *

ھارراننىڭ ئوتتۇرىسىدا شەھەرنىڭ ئۆتمۈشىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان 22 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر تۆپىلىك بار. ئۈستىگە چىقىپ ئەتراپقا نەزەر سېلىنغىنىدا، كىشىنىڭ ئېسىگە شەھەرنىڭ قايسى دەۋرلەرگە شاھىت بولغانلىقى سوئالى كېلىدۇ. ناھايىتى چوڭ رايونغا يېيىلغان تۆپىلىك، ئەمەلىيەتتە شەھەرنىڭ نەچچە مىڭ يىل بويىچە ئولتۇراقلىشىش رايونى قىلىپ ئىشلىتىلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. چۈنكى قېزىشتا بايقالغان تۇنجى قالدۇقلار كونا مىس قوراللار دەۋرىگە ئائىتتۇر. تۆۋەنكى قاتلاملاردىن سىن ئىبادەتخانىسى بايان قىلىنغان ساپال تاختاي ۋە يېزىقلار قېزىۋېلىندى. بۇ تۆپىلىكتە ھىتىت، ئاسسۇر، بابىلون، رىم، ئۇمەۋىيلەر، ​​ئابباسىيلار ۋە سەلجۇقىلار قاتارلىق مۇھىم مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىزلىرى بار.

گەرچە قېزىش جەريانىدا نۇرغۇن مۇھىم ئۇچۇر ۋە ھۆججەتلەر تېپىلغان بولسىمۇ، ئەمما سىن بۇتخانىسى ۋە ھارران مەكتىپىنىڭ قالدۇقلىرى تېخىچە تېپىلمىدى. كۈلتەپە تاختايلىرىدىمۇ ئىسمى زىكىر قىلىنغان بابىلون ئاي ئىلاھى سىنغا بېغىشلانغان بۇ ئىبادەتخانا، ھارراندىكى ئەڭ قەدىمكى يادىكارلىق ھېسابلىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، سىن ئىبادەتخانىسى ۋە ھارران مەكتىپىنىڭ تۆپىلىك تەۋەلىكىگە سېلىنغان بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تۆپىلىكنىڭ ئېتىكىدە ئانادولۇدىكى ئەڭ قەدىمىي مەسچىتلىرىنىڭ بىرى بولغان ھارران ئۇلۇ (چوڭ) جامەسى بار. بۇ ئانادولۇنىڭ تۇنجى راۋاقلىق ھويلىسى ۋە تاھارەت ئالىدىغان يېرى بار جامەسى بولۇپ، ھەيران قالارلىق تاش ئىشچىلىقى بىلەن ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ.

* * * * *

ھارراننىڭ يېنىدا كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان يەنە ئىككى جاي بار. گەرچە بىزگە ئاجرىتىلغان ۋاقىتنىڭ ئاخىرىغا كېلىپ قالغان بولساقمۇ، ئۇلار ھەققىدە توختالماستىن ئۆتۈپ كېتىشنى راۋا كۆرمىدۇق. ئۇلارنىڭ بىرى، شۇئەيىب قەدىمىي شەھىرى. بۇ شەھەر تاش قەبرىلەر ئۈستىگە سېلىنغان رىم دەۋرى ئىمارەتلىرى بىلەن تونۇلغان بولۇپ، شۇئەيب پەيغەمبەر مۇشۇ يەردە ياشىغان دەپ قارىلىدۇ. ئىككىنچىسى بولسا، سىن ئېتىقادىنىڭ مەركىزى بولغان سوماتار قەدىمكى شەھىرى بولۇپ، نەزىرلەر بېرىلىپ، ئىبادەتلەر ئادا قىلىنىدىغان ئۈستى ئوچۇق ئىبادەتخانا، دەپ قارىلىدۇ.

* * * * *

ھارران ئاسمان جىسىملىرى ئىلاھلاشتۇرۇلغان ۋە ئاسترونومىيە تەرەققىي قىلغان جاي. ئۇ قەدىمكى دەۋردىكى ئىلمىي تەپەككۇر پوزىتسىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان بىر دىن ۋە مەدەنىيەتكە ئايلىنىشىدا ۋاسىتىلىك رول ئوينايدۇ. ئېتىقاد، پەلسەپە ۋە ئىلىم - پەن ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ قەدىمىي شەھەر، ھەۋەسكارلارنى تارىخنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا سەپەر قىلىشقا چاقىرىدۇ، ئۇ گويا باشقا دىيارلارغا تەۋە چۆچەكلەرنى ئاڭلىتىۋاتقاندەكلا تۇيغۇ بېرىدۇ!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر