ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىل دۇنياسىدا ‹ كىلاسسىك › لارنى قانداق بىر كېلەچەك كۈتۈۋاتىدۇ؟

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 15

1744541
ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىل دۇنياسىدا ‹ كىلاسسىك › لارنى قانداق بىر كېلەچەك كۈتۈۋاتىدۇ؟

( گامزە دەمەچ سىبىچ )

تارىخنىڭ يوللاردىكى ۋەكىللىرى بولغان كىلاسسىك ئاپتوموبىللار، كىلىمات كرىزىسىگە قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، بېنزىن ۋە دىزېل موتورلۇق  ئاپتوموبىللارنىڭ چەكلىنىش خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە. ئۇنداقتا، كېلەچەكنىڭ ئېلېكتىرنى مەركەز قىلىدىغان دۇنياسىدا كىلاسسىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئورنى قانداق بولىدۇ؟

بۇنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكىچە:

خىتاي، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان ۋە جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر دىزېل ۋە بېنزىن موتورلۇق  ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىشىنى چەكلەيدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى، 2040-يىلغىچە يېڭى بېنزىن، دىزېل ۋە ھىبرىد موتورلۇق  ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىشىنى توختىتىشنى قارار قىلدى. كېيىنچە، كىلىمات كرىزىسىگە قارشى كۈرەش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قەدەم تاشلاش چاقىرىقلىرىدىن كېيىن، بۇنىڭ مۇددىتى، 5 يىل بۇرۇنغا، 2035-يىلغا ئۆزگەرتىلدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىمۇ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ساپ ھاۋا نىشانلىرى دائىرىسىدە گاز قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش پىلانى بار. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت مەجلىسى، دىزېل ۋە بېنزىن موتورلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ چەكلىنىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەكتە. تۈركىيەمۇ يولغا قويغان «پارىژ كېلىشىمى» ئارقىلىق 2050-يىلغا بارغاندا ساپ نۆل قويۇپ بېرىش نىشانىغا يېتىشنى پىلانلىماقتا. ئۇنداقتا، بۇ قارارلار ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسى ئۈچۈن قانداق ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ؟

مەۋجۇت ئاپتوموبىللار بۇ قارارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرامدۇ؟

بولۇپمۇ گلاسگوۋدا چاقىرىلغان كىلىمات كرىزىسى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، «بېنزىن ۋە دىزېل موتورلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ چەكلنىشى» گە ئالاقىدار خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ئورۇن ئېلىشقا باشلىشى، بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ «پۈتۈنلەي چەكلىنىدىغانلىقى» غا ئوخشىغان پەرەزلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى.

بۇ ئەھۋال، بارلىق ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنى ئەندىشىگە سالدى، بولۇپمۇ بازار ئۈلۈشى يۇقىرى كىلاسسىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئىگىلىرى، بۇ قارار سەۋەبىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى.

ئالدى بىلەن، خۇش خەۋەر ...

ھۆكۈمەتلەر چىقارغان بۇ قارارلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلار پەقەت يېڭى ئاپتوموبىللاردۇر.

يەنى، مەۋجۇت ئاپتوموبىللار ھېچ بولمىغاندا ھازىرچە بۇ قارارلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بېنزىن موتورلۇق كونا ئاپتوموبىللارنى ئېلىپ – سېتىشمۇ بۇ قارارلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. لېكىن، كىلاسسىك ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرى، پۈتۈنلەي كونا تەرتىپ بويىچە ھەرىكەت قىلالمايدۇ.

ئاپتوموبىللارنىڭ قايتا سېتىلىش قىممىتى ۋە يېقىلغۇ تېپىش ئەھۋالى ئۆزگىرىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىللارغا قارىتا بېسىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بېنزىن موتورلۇق ئاپتوموبىللارغا باج ۋە قوشۇمچە تىزىملىتىش ھەققىنىڭ ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مۆلچەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ئەھۋال، شوپۇرلارنى ئاپتوموبىللىرىنى ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىللارغا ئالماشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدىكەن، ئەمما ئۈنۈمى 100% بولمايدىكەن. ئىچكى يېقىلغۇ موتورى ئىشلەپچىقىرىش بۈگۈنكى كۈندە توختىغان تەقدىردىمۇ، كەم دېگەندە يەنە 60 يىل ئىشلىتىلىدىكەن.

كىلاسسىك ئاپتوموبىللار مۇھىتقا قانچىلىك زىيان سالىدۇ؟

كىلاسسىك ئاپتوموبىللارنىڭ گاز چىقىرىش مىقدارىنىڭ نورمال ئاپتوموبىللارغا قارىغاندا كۆپ ئىكەنلىكى ۋە كىلىمات كرىزىسىنىڭ كۈچىيىشىگە تېخىمۇ كۆپ سەۋەبچى بولىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان.

ئەنگىلىيە ئالىملار جەمئىيىتىنىڭ پېشقەدەم ئاپتوموبىل ئانالىزچىسى دەيۋىد كۇك، مۇنداق دەيدۇ: «زامانىۋى ئاپتوموبىللارغا سېلىشتۇرغاندا ، كىلاسسىك ئاپتوموبىللارنىڭ گاز قويۇپ بېرىشى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ.»

1970 – يىللارنىڭ باشلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان كىلاسسىك ئاپتوموبىللار سەرپ قىلغان يېقىلغۇ بىلەن، يېڭى ئاپتوموبىللاردا ئىككى ھەسسە ئارتۇق مۇساپىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

كىلاسسىك ئاپتوموبىللارنىڭ باشقا يولى بارمۇ؟

كىلاسسىك ئاپتوموبىللارنىڭ كېلەچىكىگە قارىتا تاشلانغان بۇ قەدەملەرگە قارشى قىممەتلەردىن ۋاز كەچمەي ۋە يەرشارىغا زىيان يەتكۈزمەي تۇرۇپ، ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىقىنى قاندۇرغىلى بولامدۇ؟

قىسقا جاۋاب؛ ھەم بولىدۇ، ھەم بولمايدۇ.

ئاپتوموبىل يىغىپ ساقلىغۇچىلار، بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ تەجرىبىسىگە ھەۋەس قىلىدۇ.

ئۇلار، كونا مودېل ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆزلىرىنى A نۇقتىسىدىن B نۇقتىسىغا يەتكۈۈشىدىنمۇ بەكرەك تاشقى كۆرۈنۈشى، ئاۋازى ۋە ئات كۈچىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. ئەمما مۇھىت ئاسراش بەلگىلىمىلىرى كىلاسسىك ئاپتوموبىللارنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.

شۇنداقتىمۇ، تاشقى كۆرۈنۈشىدىن زوق ئالىدىغان ھەۋەسكارلار ئۈچۈن، زامانىۋى ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىللارنى كىلاسسىك ئاپتوموبىللارغا ئوخشاش لايىھەلەپ چىقىش تەشەببۇسلىرىمۇ بار.

بۇ تەشەبەسسۇلاردىن بىرىنىڭ قۇرغۇچىسى جاستىن لۇننىي، كىلاسسىك ئاپتوموبىللارنى ئېكولوگىيەلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىللارغا ئايلاندۇرالايدىغان بىر بازارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ.

بۇ تەشەببۇس، ئۆلچەملىك موتورنى ئېلېكتر سىستېمىسىغا ئالماشتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە موتورنىڭ ئاۋازى ۋە ئاپتوموبىلنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى تولۇق ۋە نۇقسانسىز ھالدا تاماملاشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

مەنبەسى: TRT Haber  

تېمىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى تور بېتىمىز www.trt.net.tr دىكى «پىروگراممىلار قىسمى» دىن كۆرەلەيسىلەر.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر