ساگالاسسوس قەدىمكى شەھىرى
نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ۋاقىت ياشاش جەريانىدا ئاستا، ئارقىغا بۇرۇلۇپ قارالغىنىدا، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاندەكلا تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇ ھەممە نەرسىنى ئۆزگەرتىش ياكى ئالماشتۇرۇش كۈچىگە ئىگە. ۋاقىتقا بولغان تونۇشىمىز، ئادەتتە مىنۇت، سائەت، ئاي، يىل، بەلكىم ئەللىك، ھەتتا يۈز يىل دېگەندەك بىز ئۆلچەپ - بىلەلەيدىغان جەرياندا تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ. بۇ ۋاقىتلار بىز ئۈچۈن بىرەر مەنىگە ئىگە. ئەمما بىز ھاياتلىق مۇساپىمىزنىڭ سىرتىدىكى ۋاقىت قاتلىمىنى قانچىلىك ھېس قىلالايمىز؟ «مىڭ يىل، ئىككى مىڭ يىل، ئون ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى» دېگىنىمىزدە، بىزگە ئىنتايىن يىراق تۇيۇلىدىغان، كۆز بىلەن كۆرۈپ، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان بۇ زامان قاتلاملىرىنىڭ قانچىلىك قىسمىنى ھېس قىلالايمىز؟ بېرىپ كۆرۈش، تۇتۇش مۇمكىن بولغاندىلا ئۇ لەھزىگە شاھىت بولىمىز، زامان چېغرىدا سەپەر قىلغاندەك تۇيغۇغا كېلىمىز. شۇنداق، ئانادولۇ جۇغراپىيەسى بۇنىڭغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىىدىغان مۇكەممەل جاي! 12 مىڭ يىللىق ئۆتمۈشكە ئىگە، ئىنسانىيەتنىڭ نۆل نۇقتىسى — گۆبەكلىتەپە؛ ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ 9 مىڭ يىللىق ھالقىلىق نۇقتىسى — چاتالھۆيۈك، 6 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە تۇنجى ئوردا سارىيى — ئارسلانتەپە ۋە يەنە نۇرغۇنلىرى... ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر - بىرىدىن قىممەتلىك ۋە قىزىقارلىق. بۈگۈن ئۇلارنىڭ بىرىنى، ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى —يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋاقىتلىق تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان، بىر چاغلارنىڭ ھەشەمەتلىك پايتەختى ساگالاسسوس ۋە ئىككى مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان توختاۋسىز ئېقىۋاتقان سۈيى بىلەن تونۇلغان ئانتونىنلەر چەشمىسى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.
* * * * *
ئانادولۇ زېمىنىدا نۇرغۇن مەدەنىيەتلەر، چوڭ-كىچىك نۇرغۇن شەھەرلەر قۇرۇلىدۇ. زاماننىڭ ئۇ سىرلىق قولى بۇ شەھەرلەر ئۈستىدىمۇ ئايلىنىپ يۈرىدۇ، ھايات داۋاملاشسىلا، شەھەرلەر ئۆزگىرىدۇ، كونىرايدۇ، يوقىلىدۇ... بەزى شەھەرلەر ۋاقىتقا تاقابىل تۇرالمايدۇ، بىز ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن بىر – ئىككى دانە قالدۇقلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولىمىز ياكى ئۇلار ھەققىدە ھېچ نەرسە بىلمەيلا ئۆتۈپ كېتىمىز، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پۈتۈن شان- شەۋكىتى بىلەن قەددىنى تىك تۇتۇپ يىللارغا دوئىل ئېلان قىلىدۇ. ساگالاسسوس قەدىمكى شەھىرىمۇ ۋاقىتنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى ئاز ئۇچرىغان، بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ قالغان ئاز ساندىكى شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرقى بۇردۇرنىڭ ئاغلاسۇن ناھىيەسى تەۋەلىكىگە جايلاشقان. ئۇ رىم دەۋرىنىڭ ئانادولۇدىكى ئىپادىسىنىڭ ئەكس ئېتىشىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئەڭ ياخشى ساقلانغان قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ بىرى. قەدىمكى دەۋردە پىسىدىيە دەپ ئاتىلىدىغان بۇ رايوننىڭ پايتەختى ساگالاسسوستۇر. پىسىدىيە ھازىرقى ئىسپارتا، بۇردۇر، ئافيونقاراھىسار ۋە كونيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كۆللەر رايونى دەپ ئاتالماقتا. پىسدىيە، يەنى كۆللەر رايونى ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە رايون. بۇ رايوننىڭ بىر تەرىپى دېڭىز بىلەن، يەنە بىر تەرىپى ئېگىزلىكى 2500 مېتىرغىچە يېتىدىغان تاغلارنى باغرىغا بېسىپ ياتىدۇ، تاغلارنىڭ ئارىسىدىكى پەقەتلا ئويلىمىغان يەردىن پەيدا بولغان كۆللىرى ۋە تۈزلەڭلىكلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان گۈزەللىككە ئىگە. رايوننىڭ تارىخى سەككىز مىڭ يىل ئىلگىرىكى چاغلارغا تۇتىشىدۇ.
پىسىدىيەلىكلەر ئەركىنلىك سۆيەر، جەڭگىۋار خەلق دېگەن نامغا ئىگە ئىدى. ئۇلار ھېچكىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاشنى خالىمىغاچقا، بۇ تاغلىق رايوننى ئۆزلىرىنىڭ ماكانىغا ئايلاندۇرغانىدى. سۇ مەنبەسى مول، تۇپرىقى مۇنبەت بۇ رايوننىڭ چولپىنى «رىم تىنچلىقى» دەپ ئاتالغان دەۋردە چاقناشقا باشلايدۇ. چۈنكى رىم ئىمپېراتورى پىسدىيەنى رىم سودا تورىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى ئاقدېڭىز بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان يوللارنىڭ ياسىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. پىسىدىيەنىڭ پايتەختى ساگالاسسوس شۇنىڭدىن باشلاپ گۈللىنىشكە يۈزلىنىدۇ. ھاۋاسى ئىللىق ۋە نۇرغۇن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ زەيتۇن يېغى يېتىشتۈرۈلىدىغان بولغاچقا، شەھەر بارا-بارا بېيىيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ساگالاسسوس ساپال ئىشلەپچىقىرىشتىمۇ ئىنتايىن ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە ئىدى. رايوننىڭ لاي قاتلاملىرىدىن ئېلىنغان ئالاھىدە لايدىن ياسالغان ساپال بۇيۇملار «قىزىل سىيرىلما ساگلاسسوس ساپال بۇيۇملىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاپېلسىن رەڭگىگە يېقىنراق كېلىدىغان قىزىل ساپال بۇيۇملار پارقىراق، سىلىق بولۇپ، پۈتكۈل ئاقدېڭىز ئويمانلىقىدىكى قەدىمكى دۇنيانىڭ ئەڭ ياقتۇرۇلىدىغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاقدېڭىزنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى قېزىش خىزمەتلىرى جەريانىدا زور مىقداردىكى ساگالاسسوس ساپال بۇيۇملىرى قېزىۋېلىندى. كېرەكسىز پارچىلارنىڭ تاشلىۋېتىلمەستىن قايتا ئىشلەپچىقىرىلىشى، يەنى شۇ يىللاردىمۇ كېرەكسىز نەرسىلەرنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش بۇ ساپال بۇيۇملارنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە قىلىدۇ.
* * * * *
ساگالاسسوس كېيىنكى يىللاردا رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇقەددەس مەركىزى دەپ ئېلان قىلىنىدۇ. ئىمپېراتورلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شەھىرى، ئېتىقاد ساياھىتىنىڭ تەسىرى بىلەن ئىقتىسادىنى كۈچەيتىپ، ئالتۇن دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈشكە باشلايدۇ. شەھەرگە مۇقەددەس مەركەزگە لايىق ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلار؛ نوپۇسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن كۆپ تاماشىبىن سىغىدىغان غايەت زور تىياتىرخانا سېلىنىدۇ. تىياتىرخانا ئەتراپتىكى رايونلاردىن كەلگەنلەرمۇ دىنىي مۇراسىملارغا ئىشتىراك قىلالىسۇن، دېگەن مەقسەتتە شەھەرنىڭ ئېھتىياجىدىنمۇ چوڭ قىلىپ ياسىلىدۇ.
ساگالاسسوس تىياتىرخانىسى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان خاراكتېرگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما شەھەر ئابىدىۋى چەشمە - فونتانلىرى بىلەن ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. چۈنكى بۇ شەھەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كىشىلىرى بايلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئۆزئارا بەيگىگە چۈشكەندەكلا چەشمە – فونتانلارنى ياساتقۇزىدۇ. لېكىن، بۇ قەدىمىي شەھەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بىر چەشمە بار؛ چۈنكى دۇنيانىڭ قەدىمكى شەھەرلىرى ئارىسىدا ھازىرمۇ فونكسىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پەقەت ئۈچلا چەشمە بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى بۇردۇرنىڭ ئاغلاسۇن ناھىيەسىدىكى ساگالاسسوس قەدىمكى شەھىرىدىدۇر. ئۈچ مىڭغا يېقىن تاشنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن «ئانتونىنلەر چەشمىسى» ئىككى مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان توختاۋسىز ئېقىۋاتقان سۈيى بىلەن شەھەردىكى باشقا چەشمىلەرنى ئارقىدا قالدۇرىدۇ.
شارقىراتمىلىق بۇ چەشمە رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ كۈچى ۋە نوپۇزىنى دۇنياغا نامايان قىلىش ئۈچۈن ياسىلىدۇ. بۇ چەشمىنى ياساشتا ئىمپېرىيەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن ئوخشىمىغان رەڭدىكى تاشلار ۋە قىممەت باھالىق ئافيون مەرمەرلىرى ئىشلىتىلىدۇ. ساگالاسسوس قەدىمكى شەھىرىنىڭ نەقەدەر باي ۋە ھەيۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن باشقا ئىسپاتلارنى ئىزدەشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ئانتونىن چەشمىسىگە قاراشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلىدۇ. بۇ چەشمە ھەققىدە يەنە بىر رىۋايەت بار: مىش- مىشلارغا قارىغاندا، بۇ بۇلاقنىڭ سۈيى كىشىلەرنى گۈزەللەشتۈرىدۇ ۋە ئۇنى ئىچكەنلەر مۇھەببەتلىشىدۇ! ئانتونىن چەشمىسى ھەر يىلى پەقەت بۇ رىۋايەتكە ئىشىنىپ كەلگەن مىڭلىغان زىيارەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ. ئىسىمىدىنمۇ مەلۇم بولۇپ تۇرغىنىدەك، بۇ بىر رىۋايەت، ئۇنىڭ ئاساسىنىڭ بار – يوقلۇقى نامەلۇم. لېكىن، بىز بۇ چەشمىنىڭ سۈيى توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىمىزنى كۆپچىلىك بىلەن سىلەر بىلەن ئورتاقلىشايلى: قەدىمكى شەھەردىكى قېزىش ئەترىتى ھاك تاشلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئىرغىپ چۈشۈۋاتقان بۇ پاكىز ۋە ئىنتايىن سوغۇق سۇنى بېلگىيەگە ئەۋەتىپ تەھلىل قىلدۇرۇپ، ياۋروپادا بۇ سۈپەت ۋە تەمدە سۇنىڭ يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.
* * * * *
ساگالاسسوس قەدىمكى شەھىرىنىڭ ئون بەش مېتىر ئېگىزلىكتىكى مەزارى ھەروئونى، تۈۋرۈكلۈك كوچىسى، شەھەر ئوردىسى، نېئون كۇتۇپخانىسى، مۇنچىلىرى ۋە باشقا قۇرۇلۇشلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشكە ۋاقتىمىز يېتىشمەيدۇ، بۇ يەردە پەقەت ئۇلارنىڭ ئىسملىرىنىلا تىلغا ئالالايمىز. زامان تۇرمۇزلانغان بۇ شەھەرنى ساياھەت قىلىش سىزگە باغلىق.