ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىقى ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى - 13

1741272
ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىقى ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى بەدەندىكى ئەڭ ئۇزۇن نېرۋىمىز ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر نېرۋا ھەرقانداق شەكىلدە تەسىرگە ئۇچرىسا،  بولۇپمۇ بەلنىڭ ئاستى قىسمىدا پۇتتا ئېغىر ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئاغرىق بەدەنگە داۋاملىق كېڭىيىدۇ.

دەسلەپتە، ئاغرىق ئاندا – ساندا ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن، ئەمما كېيىنچە ئاغرىقلار كۆپىيىپ كېتىشى مۇمكىن.

ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىقىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

سۈت، ھەسەل ۋە سامساق ئارىلاشمىسى

ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىقىغا ئۆسۈملۈك دورىلىرى بىلەن  ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەۋاتقانلار، بۇ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغىنىدا چوقۇم ئاغرىقنى پەسەيتەلەيدۇ.

ئالدى بىلەن سۈت، ھەسەل ۋە سامساقنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىملىك ھاسىل قىلىڭ.

بۇ ئارىلاشما ئىچىملىك، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىقىنى پەسەيتىشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ.

ئۇزۇندىن بۇيان ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىقىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ بۇ ئارىلاشما ئىچىملىكنى دائىم ئىستېمال قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

دورىلىق پىننەنىڭ ئۇچۇشچان مېيى

پىننە مېيى ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىقىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن بىرىدۇر. ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان تەبىئىي پىننە مېيى، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىقىنى داۋالاش ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىنماقتا.

پىننە مېيىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈش ئۈچۈن، ھەپتىدە ئىككى قېتىم بويۇندىن تارتىپ پۇتقىچە ئۇۋۇلاش شەكلىدە سۈرۈلۈشى كېرەك.

ئاغرىق ھېس قىلغاندا، ئورگانىك پىننە مېيىنى پۇتىڭىزغا سۈرۈشكە سەل قارىماڭ.

قان ئايلىنىشنى تەڭشەيدىغان بۇ پايدىلىق ماي، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

سېرىق قوڭغۇراقباش مېيى

ياللۇغ قايتۇرۇش كۈچىگە ئىگە سېرىق قوڭغۇراقباش مېيىنى ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىڭىز ئاغرىغان كۈنلەردە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

پۇتلىرىڭىز ئاغرىغان ۋە پۇتلىرىڭىزدا مادارسىزلىق ھېس قىلغان ۋاقىتتا سېرىق قوڭغۇراقباش مېيىنى پۇتلىرىڭىزغا سۈرۈشىڭىز تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

سېرىق قوڭغۇراقباش مېيىنى دائىم ئىشلەتكەندە، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىقىنى داۋالاشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

پىياز

ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى پىيازنى ئىككىگە بۆلۈپ، ھەر ئىككىسىنى لىپەك سۆڭەكلىرىڭىزگە ئۇۋۇلىغاچ سۈرۈڭ.

ئاغرىق پەسەيتىش ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش رولىغا ئىگە پىياز، پۇتلاردا ئوتتۇرىغا چىققان ئاغرىقنى پەسەيتىشتىمۇ ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرىدۇر.

پىيازنىڭ پۇرىقى ئادەمنى بىئارام قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، سۈرۈپ بىر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن پۇتلىرىڭىزنى يۇسىڭىز بولىدۇ.

كاپوستا يوپۇرماقلىرى

كاپوستا يوپۇرماقلىرى ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىقىنى پەسەيتىشكە ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدىغان ئۆسۈملۈك دورىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

كاپوستا يوپۇرماقلىرىنى بىر-بىرلەپ ئېلىپ، قىزىق سۇدا قاينىتىڭ.

ئىلمان كاپوستا يوپۇرماقلىرىنى پۇتلرىڭىزغا ئوراپ، بىر ئاز ساقلاڭ.

بۇ ئۇسۇل سايىسىدا قان ئايلىنىش تېزلىشىپ، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىقلىرىدىن ئەسەر قالمايدۇ.

 

كۈنجۈت يېغى ۋە زەنجىۋىل تالقىنى

زەنجىۋىل، ئاغرىق ئوتتۇرىغا چىققان ئەھۋاللاردا ئەڭ دەسلەپ ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىدىغان ئۆسۈملۈك بىلەن داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرىدۇر.

1 قوشۇق زەنجىۋىلنى 2 قوشۇق كۈنجۈت بىلەن ئارىلاشتۇرۇڭ.

ھاسىل بولغان قايماقسىمان ئارىلاشمىسىنى لىپەك سۆڭەڭلىرىڭىزدىن پۇتىڭىزلىرىڭىزغا  قەدەر سۈرۈڭ ۋە پۈتۈن رايونغا بۇ ئارىلاشمىنى سىڭدۈرۈڭ.

ئاغرىقىڭىز قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئازىيىدۇ.

ھەسەل مەيۇزەك

ئۇزۇن يىل سىناق قىلىنغان ۋە ئاغرىق پەسەيتىش رولى بىلەن دائىم كۈنتەرتىپكە كېلىدىغان ھەسەل مەيۇزەكمۇ ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

ھەسەل مەيۇزەكنى بىر قاچا قىزىق سۇغا سېلىپ قايناتقاندىن كېيىن، دەملەڭ.

سوۋۇغان ھەسەل مەيۇزەك سۈيىنى ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىقى بار جايغا بىر لۆڭگىنىڭ ياردىمىدە سۈرۈپ، لۆڭگىنى بىر ئاز شۇ پېتى قويۇڭ.

ھەپتىدە بىر قانچە قېتىم سىناپ بېقىش ئارقىلىق ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىقلىرىنى پەسەيتەلەيسىز.

قۇرۇتۇلغان گىلاس غولى:

تەخمىنەن 35 دانە قۇرۇتۇلغان گىلاسنىڭ غولى بىر ئىستاكان سۇغا سېلىنىپ، 5 -  4 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. بەشىنچى مىنۇتتىن كېيىن، ئۇنىڭغا بىر تۇتام (بەش گرامدىن ئون گرامغىچە) چاققان ئوت ئىلاۋە قىلىنىدۇ، ھەمدە ئۇنى يەنە 5 مىنۇت قاينىتىپ، ئىسسىغاندا، ئەتىگەن - كەچتە ئۇدا بىر ھەپتە ئىچىلىدۇ.

قىزىق سۇ خالتىسى ياكى داكانى بەل ئەتراپىغا قويۇش ئارقىلىقمۇ ئاغرىقلارنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، بۇ ئۇسۇلنى ھەر كۈنى يېرىم سائەت قوللانغىنىڭىزدا، چوقۇم پايدىسىنى  كۆرىسىز.  بۇنداق قىلىشنى خالىمايدىغانلار، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئىسسىقلىق ھەم مۇسكۇلنى بوشىتىدۇ، ھەم قان ئايلىنىشنى ئاشۇرىدۇ.

چېنىقىش:

سائەتلەرچە ئولتۇرۇش، ئىشخانىدا ئىشلەش ۋە تېلېۋىزور كۆرۈش، تولىمۇ ئەپسۇسكى، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ۋە بەل ئاغرىقلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپىنچە ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىقلىرىنى داۋالاشتا چېنىقىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئاددىي چېنىقىش ئۇسۇللىرىنىڭ سايىسىدا ھەم قۇۋۋىتىڭىز ئاشىدۇ، ھەمدە  مۆرىلىرىڭىزدىكى ئاغرىقلار ئازىيىدۇ.

دەسلەپتە ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، قىسقا مۇساپىگە مېڭىپ بېرەلىشىڭىز، پەلەمپەيدىن يۇقىرى چىقىپ، تۆۋەنگە چۈشەلىسىڭىز ۋە ھەر كۈنى مېڭىش مۇساپىڭىزنى ئاشۇرالىشىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئولتۇرۇش ئۇسۇلىڭىزنى پات-پات ئۆزگەرتىشىڭىزمۇ ئىشىڭىزغا يارايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر