قەھۋە خۇمارلىق ۋە بالىلارغا بولغان تەسىرى

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 14

1741572
قەھۋە خۇمارلىق ۋە بالىلارغا بولغان تەسىرى

 قەھۋە خۇمارلىق 12 ياشقىچە تۆۋەنلىدى

(گامزە دەمەچ سىبىچ)

مودا مەدەنىيەتنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان قەھۋەنى ئىستېمال قىلىش يېشى 12 گىچە تۆۋەنلىدى. ئۇنداقتا، سورتلىرى، پۇراقلىرى ۋە رەڭلىرى بىلەن جەلپ قىلىش كۈچىنى بارغانسېرى ئاشۇرۇۋاتقان قەھۋە ھەققىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاراشلىرى قانداق؟

قەھۋە ئىلگىرى يەمەندىن كېلەتتى، قىرىق يىل ئەستىن چىقمايتتى، قىز كۆرۈشكە بارغاندا، ھېيت – بايراملاردا، زىياپەتلەردە ئىچىلەتتى... بىزنىڭ قەھۋە ھەققىدىكى تونۇشىمىز يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ئۆزگەردى.

داڭلىق ماركا ۋە زەنجىرسىمان شىركەتلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق مودا مەھسۇلاتقا ئايلانغان قەھۋەنىڭ نىشان قىلىنىۋاتقان ئىستېمالچىلىرى كەڭ ساھەنى تەشكىل قىلىدۇ. قەھۋەنىڭ ئاساسلىقى «ئارابىكا» ۋە «روبۇستا» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى خىل شەكلى بار بولۇپ، ئىشلىتىش ۋە دەملەش ئۇسۇللىرى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. سۈت، كۆكتات سۈتى، سېرىق ماي، شاكىلات، كوكۇس قاتارلىق ئوخشىمىغان تەمدىكى ۋە ئىسسىق ۋە سوغۇق شەكىلدىكى قەھۋە سورتلىرىنىڭ بالىلارنىڭ رادارىغا كىرىشى تەبىئىي ئەھۋالغا ئايلاندى.

خەلقئارا قەھۋە تەشكىلاتى (ICO) نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدىكى قەھۋە ئىستېمال قىلىش نىسبىتى ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن% 15.6 ئاشماقتا ئىكەن. تۈركىيەدىكى قەھۋە ئىستېمالى 2012-2013-يىللىرى ھەر بىر ئادەمگە 595 گىرام توغرا كېلىدىغان بولۇپ، 2015-2016-يىللىرى 920 گىرامغا يەتكەن. بارىستا مەشقاۋۇلى نائىم كوجانىڭ مۆلچەرىچە، بۈگۈنكى كۈندە ھەر بىر ئادەمگە  توغرا كېلىدىغان قەھۋە ئىستېمالى بىر كىلوگىرامدىن ئاشىدىكەن.

قەھۋە ئىچكەن ياخشىمۇ؟ ياكى قەھۋە ئىچىملىكىمۇ؟

نائىم كوجا، قەھۋە سانائىتىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدا قۇرۇلمىلاشقانلىقىنى، زەنجىرسىمان شىركەتلەردە سېتىلىدىغان قەھۋەلەرنىڭ كېڭىيىشى بىلەن ئىستېمال يېشىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خىل ئېشىش كۆرۈلگەن 2007-يىلدىن ئىلگىرى، 12 ياشلىق بالىلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويايلى، ھەتتا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ 18 ياشقا كىرگۈچە قەھۋە ئىستېمال قىلىشىغا يول قويمايتتى. ئەمما، ھازىر بەزىدە، زەنجىرسىمان شىركەتلەردە قەھۋە ئېلىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.»

كوجانىڭ قارىشىچە، بالىلار كۆپىنچە سۈتلۈك ۋە شاكىلاتلىق، ياكى باشقا تەملىك قەھۋە ئىچىملىكلىرىنى ياخشى كۆرىدىكەن. بۇ قەھۋەلەر سۇيۇلدۇرۇلغاچقا، قارا قەھۋەگە سېلىشتۇرغاندا، تەركىبىدىكى قەھۋەنىڭ مىقدارى بىۋاسىتە ئازىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

قارا قەھۋە تەركىبىدە ئازراق يۇقىرى بولغاچقا، كوففېئىننىڭ مىقدارى يۈرەك سانجىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئەڭ مۇھىمى، قەھۋە ئىستېمال قىلىشنىڭ ۋاقىت ئارىلىقى ئىكەن. يەنى ھەر سائەتتە بىر، ھەر ۋاقىت ئىچىش توغرا ئەمەس ئىكەن. ئادەتتە، بىز ئەڭ ئاز بولغاندا 2-3 سائەتتە بىر قەھۋە ئىچسەك، بەدىنىمىزگە زىيان يەتكۈزمەيدىكەن.

«يۈرەك رىتىمى تېزلەشكەندە، بارلىق ئەزالارغا قان پۈركۈلىدۇ»

قەھۋەنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشنىڭ تەن سالامەتلىكى ياخشى كىشىلەرگە نىسبەتەن زىيانلىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن كوجا، قەھۋەنىڭ پايدىلىرىنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «يۈرەك رىتىمى تېزلەشكەندە، بارلىق ئەزالارغا قان پۈركۈلىدۇ، ئۇ چاغدا قەھۋە قانداق رول ئوينايدۇ؟ مۇقەررەر ھالدا بەدەننى تەڭشەشكە باشلايدۇ. قىسقىسى، قەھۋەنىڭ پايدىلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.»

ئۇيقۇ قالايمىقانلىشىش

قەھۋەدە، ياش گۇرۇپپىسى ۋە ئىستېمال قېتىم سانى ناھايىتى مۇھىم. ئىستانبۇل تېببىي پەنلەر فاكۇلتېتى بالىلار ئوپېراتسىيەسى مۇتەخەسسىسى مۈرسەل ھاسپولات،  قەھۋە ئىستېمال يېشىنىڭ 12 گە تۆۋەنلىشىنىڭ، جىددىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:

بىز بالىلاردا كۆرگەن نۇرغۇن كېسەللىكلەر يەپ - ئىچىش تەرتىپىدىن كېلىپ چىقىدۇ. قەھۋەمۇ بۇلار ئارىسىدىكى زىيانلىق بولغانلىرىدىن بىرى. قەھۋە ئىچكەن بالىنىڭ يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ كېتىدۇ ۋە تىترەش ئەھۋالى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھەم تەشۋىشلىنىش ھالىتى كۆرۈلىدۇ ھەم ئۇيقۇنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دەرۋەقە، بىزنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنىمىزمۇ ئۇيقۇنىڭ نورمالسىزلىقىدۇر، چۈنكى كېچىسى قانغۇدەك ئۇخلىيالمايدىغان بىر بالىنىڭ ھورمون تەڭپۇڭلۇقىمۇ بوزۇلۇشقا باشلايدۇ.

يۈرەك رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى بۈگۈنكى كۈندە مۇھىم بىر مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن، بالىلار ئۈچۈن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان بىر قىسىم يوشۇرۇن كېسەللىكلەرنى قوزغاشتەك ئەھۋاللارنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

قەھۋە ئىستېمال قىلىشنى ئاشۇرغاندا، ياشانغانلاردا كۆرۈلىدىغان قورساق كۆپۈش قاتارلىق ئۈچەي كېسەللىكلىرى،  ياش ۋاقتىدىلا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ. ئەگەر بالىلاردا يوشۇرۇن ۋە نامەلۇم ئىرسىيەت خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرى بار بولسا، بۇ كېسەللىكلەرنىڭ، يۈرەك رېتىمسىزلىقى بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ بالدۇر ئوتتۇرىغا چىقىشقا سەۋەب بولىدۇ.  يەنى يەپ – ئىچىش تەرتىپسىزلىكى ۋە قەھۋە قاتارلىق غىدىقلىغۇچى ماددىلارنى بالدۇر ئىستېمال قىلىش،  ياشانغاندا كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنى بالدۇر ئوتتۇرىغا چىقىرىشتەك قوزغىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

قەھۋە ئىستېمال قىلىشقا قارىتا قاتتىق قائىدە ئورنىتىشنىڭ ھاجىتى يوق

ھاسپۇلات سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:

ياشلارنىڭ قەھۋەدىن ھۇزۇرلىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى، ئۆزىنى زورلىشى، «مەن ھەرگىز ئىچمەسلىكىم كېرەك» دەپ ئۆزىگە قاتتىق قائىدىلەرنى ئورنىتىشىنىڭ ھاجىتى يوق.

نۇرغۇن مەنبەلەرگە قارىغاندا، كۆپلىگەن كىشىلەر تەمى ۋە ئۆزىگە خاس خۇشپۇراقلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋاز كېچەلمەيدىغان قەھۋە، دۇنيادىكى سۇدىن قالسا ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان ئىچىملىك ھېسابلىنىدۇ. قەھۋەنىڭ ئەنە شۇنداق ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىشىنىڭ ئۆزىگە خاس ئاساسى بار، ئەلۋەتتە. لېكىن، قەھۋە ئىستېمال قىلغاندا، ئۆلچەمگە رىئايە قىلىش شەرت.

مەنبەسى: TRT Haber  

تېمىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى تور بېتىمىز www.trt.net.tr دىن كۆرەلەيسىلەر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر