باكسى مۇزېيى

بىلىۋېلىڭ - 13

1741124
باكسى مۇزېيى

 تۈركىيەنىڭ شەرقىي قارادېڭىز رايونىدىكى بىر يېزىدا مۇكاپاتلىق بىر مۇزېينىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟

شەرقىي قارادېڭىز رايونىنىڭ بايبۇرت ۋىلايىتىگە جايلاشقان، بۇرۇن  «باكسى»، ھازىر «بايراقتار» دەپ ئاتىلىدىغان يېزىدا،  بىناكارلىق لايىھەسى، تەبىئىي قۇرۇلمىسى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى لايىھەلىرى بىلەن دىققەت قوزغاۋاتقان بىر مۇزېي باردۇر. شەھەر مەركىزىگە 45 كىلومېتىر كېلىدىغان مۇساپىدە، «چۇرۇھ ۋادىسى» غا قارايدىغان تاغنىڭ ئۈستىدە، رەسسام ۋە ئاكادېمىك پىروفېسسور دوكتور ھۈسامەتتىن كوچان تەرىپىدىن قۇرۇلغان باكسى مۇزېيى، 2010-يىلى ئېچىلدى. بىناكارلىق قۇرۇلمىسى ۋە ئۆزگىچە جايلىشىش ئورنى تۈپەيلى «ئادەتتىن تاشقىرى مۇزېي» دەپ ئاتالغان باكسى مۇزېي، كۆرگەزمە زاللىرى، تەلىم - تەربىيە سېخلىرى، ئامبار مۇزېيى، يىغىن زالى، مېھمانخانا، قەدىمكى مەسجىد ۋە كۈتۈپخانىسى بىلەن دىققەت قوزغايدۇ.

زامانىۋى ۋە ئەنئەنىۋى سەنئەتلەرنى بىرلا ۋاقىتتا باغرىغا بېسىپ ياتقان مۇزېي، يەنە يەرلىك خەلقكە تەلىم - تەربىيە ۋە خىزمەت پۇرسىتىمۇ سۇنماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۆزى جايلاشقان رايوندىكى تالانتلىق بالىلارنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوقۇشىغا تۆھپە قوشماقتا، بولۇپمۇ لايىھەلەش، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى يېڭىلىقلارغا ماس كېلىدىغان لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش ئۈچۈن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان، بولۇپمۇ ئاياللارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەلىرىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈۋاتقان باكسې مۇزېيى، 2014-يىلى ياۋروپا كېڭىشى مۇزېي مۇكاپاتى ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى شەرەپ مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر