سائىنت پىئېر چېركاۋى ۋە ئانادولۇنىڭ تۇنجى مەسچىتى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانى...

1739267
سائىنت پىئېر چېركاۋى ۋە ئانادولۇنىڭ تۇنجى مەسچىتى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىنسان يەر يۈزىدە ئاپرىدە بولغاندىن تارتىپ بىر – بىرىدىن پەرقلىق جايلاردا ياشاپ كەلدى. ئۇلارنىڭ تۇنجى ماكان تۇتقان، پاناھلانغان يەرلىرى ئۆڭكۈرلەر بولدى. چۈنكى ئۆڭكۈرلەر كىشىلەرنى ھەم كىلىمات شارائىتىدىن ھەمدە ياۋايى ھايۋانلاردىن قوغدايتتى. ئىنسانلار ئوۋ ئوۋلاشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن بولسا، ئۆڭكۈرلەرنىڭ قاراڭغۇ ۋە سوغۇق جايلىرىنى گۆشلىرىنى قوغداشقا ئاجراتتى. ھەتتا، بەزى ئۆڭكۈرلەرنى خۇددى سوغۇق ساقلاش ئۆيىگە ئوخشاش پەقەت مۇشۇ مەقسەتتىلا ئىشلەتتى. كىشىلەر ئۆڭكۈرلەردىن ئۆلۈكلىرىنى دەپنە قىلىش، يوشۇرۇنۇش ۋە ياكى ئىبادەت قىلىش مەقسىتىدىمۇ پايدىلاندى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە زىننەت بۇيۇملىرى ئۇچرىسا، يەنە بەزىلىرىدە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە مۇكەممەل سىزىلغان تام رەسىملىرى ئۇچرايدۇ. ئانادولۇ جۇغراپىيەسىدە بۇلارنىڭ مىساللىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.

* * * * *

دەسلەپتە پاناھلىنىش ۋە قوغدىنىش مەقسىتىدە ئىشلىتىلگەن ئۆڭكۈرلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۇنجى ئىزلىرىغا شاھىت بولدى. مەسىلەن، خاتاينىڭ سامانداغى ناھىيەسىدىكى ئۈچئاغىزلى ئۆڭكۈرىدە، زامانىمىزدىن 200 مىڭ يىل ئىلگىرىكى تۇنجى ئىنسان بىلەن مىلادىدىن 40 مىڭ يىل ئىلگىرىكى تۇنجى زامانىۋى ئىنسانلارنىڭ قالدۇقلىرى بايقالدى؛ ئۆڭكۈردىن نۇرغۇن مونچاق ۋە تاش ماتېرىياللار چىقتى. مۇتەخەسسىسلەر، بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى، ئىنسانشۇناسلىق ۋە ئارخولوگىيە جەھەتتە دۇنيادا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئانادولۇدىكى ئۆڭكۈر رەسىملىرىنىڭ تارىخى كونا تاش قوراللار دەۋرىگە تۇتىشىدۇ. مەرسىن، قاھرامانماراش ۋە بالىكەسىردىكى ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن تاملارغا سىزىلغان نەقىشلەر، ئانادولۇنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزۇن ھېكايىسىگە شاھىت بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

 بۇ جۇغراپىيە يېڭى دىننىڭ مۇھىم باسقۇچلىرى، شەكىللىنىشى ۋە بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىغا شاھىت بولدى. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قۇددۇستىن قېچىپ كەلگەن تۇنجى خىرىستىيانلار ئىھلارا ۋادىسىدىكى ئۆڭكۈرلەرگە ئورۇنلىشىدۇ. ئۆڭكۈرلەر بۇ قېتىم ئۆزگىچە بىر فۇنكسىيەنى ئۈستىگە ئالىدۇ. تۇنجى خىرىستىيانلار كاپادوكيا يەر ئاستى شەھەرلىرىدىكى ئۆڭكۈرلەرگە يوشۇرۇنۇۋېلىپ، يېڭى دىننى تارقىتىشقا تىرىشىدۇ. خاتاينىڭ ئانتاكيا ناھىيەسىگە يېقىن جايدا دۇنيادىكى تۇنجى ئۆڭكۈر چېركاۋى — سانت پيېر چېركاۋى بار.

* * * * *

ئانتاكيا جايلاشقان ئورنى سەۋەبىدىن ئەسىرلەردىن بۇيان ئىنتايىن مۇھىم كېسىشىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. مېسوپوتامىييەدىن غەربكە ئۆتمەكچى بولغانلار ئانتاكيانى بېسىپ ئۆتىدۇ؛ تېتىتقۇلار ۋە يىپەك يولى بۇ يەردىن ئۆتىدۇ. ئانادولۇدىكى ئەڭ قەدىمكى ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان ئانتاكيا، گىرېكلار ۋە رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ.

ھەزرىتى ئىسانىڭ 12 ئەلچىسى (ھەۋارىسى)نىڭ بىرى بولغان سانت پيېر، يەنە بىر نامى سائىنت پېترۇسمۇ خىرىستىيان دىنىنى تارقىتىشنى ئاسان دەپ ئويلاپ ئانتاكياغا كېلىدۇ. چۈنكى بۇ شەھەر ھەم قۇددۇسقا يېقىن  ئىدى، ھەمدە بۇ يەردە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر تىنچ ياشايتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا، ئانتاكيا رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى بولۇپ، بايلىقى، گۈللىنىشى ۋە ئەقلىي قۇرۇلمىسى بىلەن شەرقتىكى ئەڭ مۇھىم شەھەر ئىدى.

ئانتاكياغا كەلگەن سائىنت پېتىر «ھاچ تېغى (كىرېست تېغى)دىكى بىر تەبئىي ئۆڭكۈرنى چېركاۋ قىلىپ ئىشلىتىپ، ۋەز ئېيتىشقا باشلايدۇ. دەسلەپكى خىرىستىيان دەۋرىدە دىننىڭ تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان بۇ ئۆكڭۈر — ست.پىئېر چېركاۋى، مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈشتىن ئىلگىرىكى خىرىستىيان دىنىنىڭ تۇنجى چېركاۋى دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئۆڭكۈر جامائەت تۇنجى بولۇپ «خىرىستىيان» دېگەن نامنى ئالغان ۋە دىنىي قائىدىلەرنىڭ ئۇلى قويۇلغان جاي ھېسابلىنىدۇ. ئەۋلىيا سائىنت پىئېر خىرىستىيان جامائىتىنىڭ تۇنجى پوپى، شۇنداقلا دۇنيادىكى تۇنجى پاپاسى سۈپىتىدە تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. بۇ ئۆڭكۈر كېيىنكى يىللاردا تۇنجى خىرىستىيانلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشلىرىغا شاھىت بولغانلىقتىن، ھەج قىلىش مەركىزى دەپ ئېلان قىلىنىدۇ.

* * * * *

تاشقا ئويۇلغان بۇ ئۆڭكۈر چېركاۋنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 مېتىر، ئېگىزلىكى 7 مېتىر كېلىدۇ. رىم ئىمپېرىيەسى خىرىستىيان دىنىنى رەسمىي دىن دەپ قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئۆڭكۈرگە بەزى قوشۇمچىلار ئىلاۋە قىلىنىپ چېركاۋ شەكلىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئۆڭكۈردە سائىنىت پىئېرنىڭ ھەيكىلى، بۇزۇلۇپ كەتكەن موزايكا قالدۇقلىرى ۋە مۇقەددەس سۇ قاتارلىقلار بار. ساياھەتچىلەر شىپالىق دەپ قارالغان بۇ سۇدىن ئۇزۇن يىللار بويى ئىچىدۇ ۋە بىمارلىرىغا ئېلىپ كېتىدۇ. گەرچە بۇ سۇ يەر تەۋرەشلەر نەتىجىسىدە يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئازىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھازىرمۇ قىيا تاشلارنىڭ ئارىسىدىن تامچىپ چۈشۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا. چېركاۋدا يەنە تاغقا تۇتىشىدىغان بىر مەخپىي تونېلمۇ بار. بۇ تونىلنى ئىچكىدىكىلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، چېركاۋغا يېقىن يەردىكى نۇرغۇن كىچىك تەبىئىي ئۆڭكۈرلەرنىڭ ۋە قىيا تاشلارغا ئويۇلغان ماكانلارنىڭ خىلۋەتتە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. ئانتاكيادىكى سائىنت پىيېر چېركاۋى ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى — يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا. ئۇنى ھەر يىلى مىڭلىغان خىرىستىيانلار زىيارەت قىلماقتا ۋە قەرەللىك ھالدا دىنىي مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلمەكتە.

چېركاۋدىن يۇقىرىغا سوزۇلغان يولنىڭ ئاخىرىدا زىيارەتچىلەرنى ھەيران قالارلىق بىر يەر كۈتۈپ تۇرىدۇ. بۇ مۇشەققەتلىك يول بەل قويۇۋەتمەستىن ئىلگىرىلىگەنلەرنى تاشلار ئويۇلۇپ ياسالغان غايەت زور بىر يېرىم بەدەن ھەيكەل بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ. بۇ ھەيكەل يۇنان ئەپسانىلىرىدە دوزاخ كېمىچىسى خارون دەپ ئاتالغان، بېشى بىر يۇپۇق بىلەن يېپىۋېتىلگەن 4 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر ئىنسان پورترېتى. ئانتاكيادىكى ۋابا يۇقۇمىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن بولغاچقا، شەھەر ئاھالىسى بىر پېرىخۇندىن مەسلىھەت سورايدۇ. مانا بۇ نىقاب قاپارتما پېرىخۇننىڭ تەۋسىيەسى بىلەن شەھەرنى كېسەللىك ۋە ئۆلۈمدىن قوغداش ئۈچۈن ياسىلىدۇ.

* * * * *

ئانتاكيا دۇنيادىكى تۇنجى ئۆڭكۈر چېركاۋى سائىنت پىئېرغا ئوخشاشلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان يەنە بىر مۇقەددەس ماكانغىمۇ ساھىبىخانلىق قىلىدۇ. ئانادولۇنىڭ تۇنجى مەسچىتى — ھەبىب نەججار مەسچىتىمۇ بۇ شەھەرگە جايلاشقان. ھەبىب نەججار ئانتاكيادا ياشايدىغان بىر ياغاچچى ئىدى... ھەزرىتى ئىسانىڭ ئەلچىلىرىدىن يۇھەننا (يەھيا) بىلەن پائۇلۇس (يۇنۇس)، يېڭى دىننى ۋە تەڭرىنىڭ يەككە – يىگانە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئانتاكياغا كېلىدۇ. ئۇلارغا تۇنجى بولۇپ ئىشەنگەنلەرنىڭ بىرى ھەبىب نەججار بولىدۇ.  كۆپ تەڭرىلىك ئېتىقادتىن بىر تەڭرىلىك ئېتىقادقا ئۆتۈشكە چاقىرغان ئەلچىلەرگە كىشىلەر قاتتىق قارشى تۇرىدۇ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ پىلانلىرىنى تۈزىدۇ. ھەبىب نەججار بولسا، خەلقكە قارشى چىقىپ، ئەلچىلەرنى قوغداشقا ئۇرۇنۇش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ.

ئانادولۇنىڭ تۇنجى مەسچىتى ھەبىب نەججار مەسچىتى، ئىككى قەبرە، مەدرىسە ھۇجرىلىرى ۋە چەشمىدىن تەركىب تاپىدۇ. مەسچىت ھويلىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە يەھيا (يۇھەننا) ۋە يۇنۇس (پائۇلۇس)قا بېشىغلاپ ياسالغان قەبرىلەر بار.

* * * * *

ئانتاكيا ئۆزى گۇۋاھ بولغان بۇرۇلۇش نۇقتىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسلىمىلىرىنى ئەسىرلەر بويى يېڭى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ كەلگەن بىر قەدىمىي شەھەر. ئانتاكيادىكى ھەر بىر تاشنىڭ ئاستىدىن تارىخ ئوخچۇيدۇ. بۇ شەھەردىكى دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمكى ئۆڭكۈر چېركاۋىنىڭ جامائىتى ئۆزلىرىنى  تۇنجى قېتىم «خىرىستىيان» دەپ ئاتايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئانتاكيا قۇددۇستىن قالسىلا خىرىستىيان دىنىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس شەھىرى دەپ قارىلىپ، بىرىنچى دەرىجىلىك ھەج مەركىزى دەپ ئېلان قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر