يەللىك بوغۇم ئاغرىقى ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى - 12

1737644
يەللىك بوغۇم ئاغرىقى ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، سۈيدۈك كىسلاتاسى بوغۇملارغا يىغىلىپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكتۇر.

گۆش مەھسۇلاتلىرى ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى يەللىك بوغۇم بىمارلىرىنىڭ بوغۇم ئاغرىقلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. پۇرىن تەركىبى مول بولغان جىگەرگە ئوخشىغان ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، گۆش سۇلىرى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، شۇنداقلا، سەرەبىل ياكى پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر (نۇقۇت، پۇرچاق، يېسسىمۇق)، ئارپا ئۇمىچى، گۈل كەرەم، پالەك ۋە يەر مەدىكى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئېچىتىلغان ئىچىملىكلەرمۇ ئاغرىقلارنى كۆپەيتىۋېتىدىغان ئاساسلىق ئامىللاردىندۇر.

يەللىك بوغۇم ئاغرىقى سۈيدۈك كىسلاتاسى سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولغاچقا، بۇ كېسەللىكنى يېڭىشنى خالايدىغان كىشىلەر، سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

ئالما سىركىسى:

ئالما سىركىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئالما كىسلاتاسى، بەدەندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسىنى پارچىلايدىغان بولۇپ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا ئىنتايىن پايدىلىقتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن، 1 ئىستاكان سۇغا 1 قوشۇق ئالما سىركىسىنى ئىلاۋە قىلىش كېرەك.

لىمون سۈيى:

لىمون سۈيى سۈيدۈك كىسلاتاسىنى نېيتراللاشتۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق، سۈيدۈك كىسلاتاسى بەدىنىڭىزدىن چىقىرىلىدۇ. لىمون تەركىبىدىكى ۋىتامىن C سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر كۈنى  1 ئىستاكان سۇغا يېرىم ياكى بىر لىموننى سىقىپ ئىچىش يېتەرلىكتۇر.

گىلاس:

قارا بۆلجۈرگەن ۋە گىلاس سورتلىرى بەدەندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسىنى ئازايتىش ئارقىلىق بوغۇم ياللۇغىغا پايدا قىلىدۇ. بۇلارنىڭ سايىسىدا سۈيدۈك كىسلاتاسى پارچىلىنىدۇ ۋە ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىدىن ئۆتۈپ، بەدىنىڭىزدىن تېزلىكتە چىقىرىۋېتىلىدۇ.

چىمەن سۈيى:

چىمەن سۈيى سۈيدۈك كىسلاتاسىنى قاننىڭ ئىشقارلىق دەرىجىسىنى تەڭشەش ئارقىلىق يوقىتىدۇ.

كۆكتات شەربەتلىرى:

قەرەللىك ۋە يېتەرلىك مىقداردا كۆكتات شەربىتى ئىچسىڭىز،  يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنى ئازايتالايسىز.

ياۋروپا كەرەپشىسى:

ياۋروپا كەرەپشىسى، بەدەندە ئارتۇقچە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ بەدەندىن تېزلىكتە چىقىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ياۋروپا كەرەپشىسىنى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرگە ياكى تاماقلارغا سېلىپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش ئارقىلىق، يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ پاسسىپ تەسىرىدىن ساقلىنالايسىز. يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا پايدا قىلىدىغان يەنە بىر يېمەكلىك بولغان لىمون بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ تەملىك بولغان ياۋروپا كەرەپشىسىنى چوقۇم سىناپ بېقىشىڭىز كېرەك.

زەنجىۋىل ۋە زەرچىۋە:

زەرچىۋەنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشى تۆۋەن بولغاچقا، ھەر كۈنى، 6-8 گىرام زەرچىۋە تالقىنىنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۇتۇش كېرەك.

سۈيدۈك ھەيدەش چايلىرى:

كۈندۈزى سۈيدۈك ھەيدەش چايلىرىنى ئىچىشمۇ سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىقتۇر. كۆممىقوناق ھېچقانداق ئەكىس تەسىرى بولمىغان ئىشەنچلىك سۈيدۈك ھەيدەش دورىسىدۇر. ئالتۇن باشاق ئۆسۈملۈكىمۇ ھەردائىم سۈيدۈك ھەيدەش دورىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.

ئالما، بانان، پىياز ۋە نەشپۈتنى دائىم ئىستېمال قىلىش كېرەك.

رەيھان، لاۋانگۈل، روزېمارىيە ۋە قارا ئارچا  قاتارلىقلارنىڭ ئۇچۇشچان مايلىرى:

ئۇۋۇلاش ۋە مۇجۇش شەكلىدە ئىشلىتىلىدۇ.

كاربونات:

كۈنىگە بىر ئىستاكان سۇغا بىر تاتلىق قوشۇقى كاربونات ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىلىدۇ. (قان بېسىمى بار بىمارلار ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.)

كەرەپشە شەربىتى:

ماتېرىياللار: 300 - 350 گىرام كەرەپشە، 2.5 ئىستاكان سۇ

تەييارلىنىشى: بىر كىشىلىك كەرەپشە شەربىتى تەييارلىماقچى بولغان كىشىلەر، ھەپتىدە ئۈچ قېتىم 300 - 350 گىرام كەرەپشە ئىستېمال قىلىشى كېرەك. كەرەپشەنى ئىنچىكە توغراپ، 2.5 ئىستاكان سۇ ئىلاۋە قىلغاندىن كېيىن، ئاغزىنى يېپىپ، تۆۋەن ئوتتا 6-7 مىنۇت قاينىتىشىڭىز لازىم. كەرەپشە ئىستېمال قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەر، ئۇنى يەنە 7 مىنۇت قاينىتىپ، چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ پەقەت سۈيىنىلا ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى، چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئىستېمال قىلىڭ. تۇز، ماي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ماددىلارنى ھەرگىز قوشماڭ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر