مەنگەن ۋە ئاشپەزلىك

بىلىۋېلىڭ - 12

1737647
مەنگەن ۋە ئاشپەزلىك

           بولۇ ۋىلايىتىنىڭ مەنگەن ناھىيەسىنىڭ «ئاشپەزلەر دىيارى» ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

           بولۇ ۋىلايىتىنىڭ مەنگەن ناھىيەسى، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن تارتىپ ھازىرغىچە يېتىشتۈرۈپ چىققان ۋە 7 قىتئەگە ئەۋەتكەن ئاشپەزلىرى بىلەن گويا «ئاشپەزلەر دىيارى» دۇر... مەنگەننىڭ ئاشپەزلىك تارىخى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى سارىيىنىڭ تائاملىرىغىچە سوزۇلىدۇ. گېلىغا ئامراق پادىشاھلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغان ۋە 1604-يىلى تەختكە چىققان 1 - ئەھمەد، مەنگەنلىك ئۇستا ئاشپەزلەرنى توپكاپى سارىيىغا كەلتۈرگەن تۇنجى سۇلتان ھېسابلىنىدۇ.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى سارايلىرىدا باشلانغان ئاشپەزلىك مۇساپىسىنى جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە تالانتلىق ئاشپەزلەر بىلەن داۋاملاشتۇرغان مەنگەندىن چىققان ئاشپەزلەر، دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ ئاشخانىلىرىغا  قەدەر تارقالدى. مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىرىنىڭ دېگۈدەك ئاشپەزلىكىنى قىلغانلار، يەنە مەنگەنلىك ئۇستىلار بولدى. دۇنيادىكى ئالدىنقى 5 مەكتەپنىڭ بىرى بولغان ۋە تۈركىيەدە ئېچىلغان تۇنجى ئاشپەزلىك مەكتىپى جايلاشقان مەنگەندە يېتىشىپ چىققان ئاشپەزلەر، چەت ئەل دۆلەت رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋېلىشتا ئالدى بىلەن تاللىنىدىغان ئاشپەزلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە،  ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق، ئامېرىكا، ئافرىقا، ھەتتا يىراق شەرقتىمۇ، مەنگەنلىك ئاشپەزلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر