بوغۇم ياللۇغى ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى - 11

1734665
بوغۇم ياللۇغى ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى
Eklem kireçlenmesi-1.jpg

دوكتور مەھمەت ئۇچار  تەرىپىدىن تەييارلانغان «شىپا بۇلىقى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۇ ھەپتىكى بۆلۈمىدە، «بوغۇم ياللۇغى ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى»  ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

:::::

بوغۇم ياللۇغى ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، تىز ۋە يانپاش قاتارلىق يۈك توشۇش بوغۇملىرىنىڭ قېتىپ قېلىشى سەۋەبىدىن مېڭىش ۋە پەلەمپەيگە چىقىپ-چۈشۈش ھەرىكەتلىرىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بوغۇم ياللۇغىنى ئۆسۈملۈك بىلەن داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

1 - ئالوي

ئۆسۈملۈك بىلەن داۋالاشتا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەردىن بىرى بولغان ئالوي، بوغۇم ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، تېرىگە سۈرۈلىدۇ.

    2 -  بوسۋېللىيە دەرىخى ئۇرۇقدىشى

ھىندىستاندىن چېىقىدىغان بوسۋېللىيە دەرىخى ئۇرۇقدىشى ياللۇغ قايتۇرغۇچ بولۇپ، نەملەندۈرگۈچ سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.

   3 -  ئېۋكالىپت دەرىخى

ئېۋكالىپت دەرىخىدىن ئېلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەم ئېغىز ھەم تېرىگە سۈرۈلىدىغان تۈرلىرى باردۇر. تېرىگە سۈرۈلىدىغان تۈرلىرى، بوغۇم خاراكتېرلىك رېماتىزم ئاغرىقلىرىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئاغرىق پەسەيتىش ۋە سۇلۇق ئىششىقنى ئازايتىش رولىغا ئىگە.

  4 - چىنار يوپۇرمىقى

چىنار يوپۇرمىقى تېرىسى يىرتىلىپ، چوقۇم ئوبدان پىشقان بولۇشى كېرەك. چىنار يوپۇرمىقىنى ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى يىغىش مۇۋاپىقتۇر.

چىنار يوپۇرمىقى سۈيىنى تەييارلاش ئۇسۇلى:

ئىككى  دانەچوڭ چىنار يوپۇرمىقى (چوقۇم پىشقان يوپۇرماق بولۇشى كېرەك - يېشىل ياكى قۇرۇتۇلغان چىنار يوپۇرمىقى بولسىمۇ بولىدۇ) سوغۇق سۇدا يۇيۇلۇپ، پارچە-پارچە قىلىپ كېسىلىدۇ، 1 ئىستاكان سۇنى قايناتقاندىن كېيىن، يوپۇرماق ئىلاۋە قىلىنىپ، 1 مىنۇت دەملىنىدۇ.

ئىللىغان ھامان، كەچلىك تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېچە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىچىلىدۇ. ئىككىنچى قېتىم ئىچىش ئۈچۈن چوقۇم كەم دېگەندە 3 سائەت ئۆتۈشى كېرەك. بۇ ئۇسۇلنى ئۇدا 30 كۈن ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇش لازىم. ئەمما، تۇنجى ھەپتە ھەر كۈنى بۇ سۇ ئىچىلىدۇ، ئىككىنچى ھەپتە، ئىككى كۈن ئىچىلىپ، بىر كۈن ئىچىلمەيدۇ، ئۈچىنچى ھەپتە، ئۈچ كۈن ئىچىلىپ، بىر كۈن ئىچىلمەيدۇ، تۆتىنچى ۋە ئاخىرقى ھەپتە، تۆت كۈن ئىچىلىپ، بىر كۈن ئىچىلمەيدۇ. ئەنە شۇ يوسۇندا بىر ئاي تاماملىنىدۇ. چىنار سۈيىنى ھەر قېتىم يېڭى تەييارلاش كېرەك.

بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىش جەريانىدا سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، قىسقا – قىسقا مېڭىپ بېرىلىدۇ، ئوزۇقلىنىش پىروگراممىسىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.

يەرگە چۈشۈپ، تۇپىغا تەگكەن چىنار يوپۇرمىقىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، يوپۇرماقلار شاختىن يىغىلىشى كېرەك.

  5 -زەنجىۋىل

ھەر كۈنى دائىم زەنجىۋىل چېيى ئىچىش ئارقىلىق سۇلۇق ئىششىقنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.

  6 - يېشىل چاي

يېشىل چاي بەدەندىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ زىيادە ئاكتىپچانلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. يېشىل چاينى ئىچىملىك ​​ياكى تابلېتكا شەكلىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. يېشىل چاينىڭ پايدىسى بوغۇم ياللۇغى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن بوغۇم ئاغرىقىغا پايدىلىقتۇر.

   7 – زەرچىۋە

زەرچىۋەنىڭ ئاكتىپ تەركىبى بولغان كۇركۇمىننى تابلېتكا ياكى كاپسۇل شەكلىدە ئېغىزدىن ئىشلىتىش ئارقىلىق، بوغۇم ئاغرىقلىرىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

  8 - ئۆسۈملۈك ياغلىرى:

ئۆسۈملۈك ياغلىرىنى، تىز بوغۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بوغۇم سۆڭەڭلىرىدىكى پەي ۋە مۇسكۇل قېتىپ قېلىشقا قارشى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

• بىر قوشۇق سىيادان مېيى.

• يېرىم ئىستاكان زەيتۇن يېغى.

• 2 قوشۇق روزېمارىيە مېيى.

• 1 ھەسەل قوشۇقى لىمون يېغى.

• 1ھەسەل قوشۇقى چۆل رەيھىنى مېيى; ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ئاغرىق بار رايونغا ئۇۋىلىغاچ سۈرۈلىدۇ، ئاندىن ئۇنى  سۇلياۋ رەخت بىلەن ئوراپ، 1-2 سائەت ساقلاش كېرەك.

 9 - ئېتىزلىق قىرىقبوغۇمى:

بوغۇم ياللۇغىنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك ئۆسۈملۈك بولغان ئېتىزلىق قىرىقبوغۇمى چېيىنى ئىستېمال قىلىشمۇ، يەنە بىر خىل ئۆسۈملۈك بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. بۇنىڭغا ئوخشىغان دەملەپ ھازىرلاشقا بولىدىغان ئۆسۈملۈك چايلىرىنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

        10 - بەرەڭگە شەربىتى:

بوغۇم ياللۇغىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن يەنە بىرى، بەرەڭگە شەربىتىنى ئىشلىتىشتۇر. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، بەرەڭگە شەربىتى، پەي ۋە مۇسكۇل قېتىپ قېلىش نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئاغرىقلارنى ئازايتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.

بەرەڭگەنىڭ پوستىنى سويماي، نېپىز قىلىپ توغرىغاندىن كېيىن، سۇ قۇيۇلغان چوڭ قاچىغا تاشلىنىدۇ، مۇشۇ يوسۇندا بىر كېچە تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئەتىگەندە ئاچ قورساققا ئىچىلىدۇ.

      11 - ئاناناس شەربىتى:

يېڭى سىقىلغان ئاناناس بوغۇم ياللۇغىغا پايدىلىق بولۇپ، پەي ۋە مۇسكۇل قېتىپ قېلىش  نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.

    12 - كۈنجۈت:

بوغۇم ياللۇغىنى داۋالاشتا، بىر ئىستاكان كۈنجۈت بىر ئىستاكان سۇغا سېلىنىدۇ ۋە بۇ سۇ ئەتىگەندە ئاچ قورساققا ئىچىلىدۇ. كۈنجۈت بىلەن ياسالغان بۇ سۇ بوغۇم ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئاغرىقلارنى توختىتىدۇ ۋە پەسەيتىدۇ.

ئۆسۈملۈك بىلەن داۋالاشتىن سىرت يەنە، بەدەن ئېغىرلىقى ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق بولۇشقا قارشى كۈرەشمۇ ناھايىتى مۇھىمدۇر.

بوغۇم ياللۇغىنى داۋالاش جەريانىدا، ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق بەدەن ئېغىرلىقىدىن قۇتۇلۇش كېرەك. بۇ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن بوغۇملار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ھەرىكەت قىلىپ بېرىش:

بوغۇم ياللۇغىنى داۋالاشتا كۆپ ھەرىكەت قىلىپ بېرىشمۇ مۇھىمدۇر. ھەر كۈنى مېڭىپ ۋە چېنىقىپ بېرىشمۇ، تېببىي ۋە ئۈسۈملۈك بىلەن داۋاملاشقا ئىلاۋە ھالدا بىمارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئارىشاڭ ئارقىلىق داۋالاش:

بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان بىمارلار ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك  داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن بىرىدۇر.

كۆپ ئۈرە تۇرماسلىق: ئەگەر يانپاش رايونىدا بوغۇم ياللۇغى بار بولسا، دائىم ئۈرە تۇرماسلىق كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر