ئەردوغان بىلەن بايدىننىڭ ئۇچرىشىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (10

1729843
ئەردوغان بىلەن بايدىننىڭ ئۇچرىشىشى

ئەردوغان بىلەن بايدىننىڭ ئۇچرىشىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (10)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئەردوغان بىلەن بايدىننىڭ ئۇچرىشىشى » تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ** *** *********

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بايدىننىڭ ئالدىنقى ھەپتە رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنى دائىرىسىدىكى ئۇچرىشىشى تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئۇچرىشىش بولدى. ئۆزئارا ئۇچرىشىشنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى باش ئەلچىلەر كرىزىسىغا توغرا كەلگەنلىكى ئۇچرىشىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا كۆتۈردى. گەرچە باش ئەلچىلەر كرىزىسى ھەل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى باشقا مەسىلىلەر ئۇچرىشىش دائىرىسىدە مۇزاكىرە قىلىندى، لېكىن ھەل قىلىش چارىسى تېپىلمىدى. ئۇچرىشىش ئىجابىي ئۆتتى. مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا دائىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىرادە تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى كرىزىسنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان بولدى.

مۇناسىۋەتلەردە يېڭى سەھىپە ئاچىلىشى مۆلچەرلەنگەن ئەڭ مۇھىم ئىجابىي ئىلگىرىلەش، تۈركىيە ئامېرىكىدىن تەلەپ قىلغان F-16 سېتىۋېلىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىماي ئىشقا ئېشىشى ئىدى. لېكىن بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە بىرەر كاپالەت بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىش ئانچە مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى بۇ سېتىش ئىشلىرى ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشىنى شەرت قىلىدۇ. گەرچە بايدىن پالاتانى قايىل قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەر پالاتانىڭ بۇ مەسىلىگە ئانچە قىزىقمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشماقتا. ئەگەر ئىككى دۆلەت سېتىۋېلىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە مۇداپىئە ھەمكارلىقى تېخىمۇ تالاش-تارتىشلىق ھالغا  كېلىشى مۇمكىن.

 يەنە بىر مەسىلە، ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى تېرورلۇق تەشكىلاتى ي  گ غا ياردەم بېرىشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىدۇر. گەرچە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «ئەمدى سەۋرىمىز قالمىدى» دېگەن سۆزى تۈركىيەنىڭ پات يېقىندا سۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت قوزغايدىغانلىقىنىڭ ئىشارىتى دەپ چۈشىنىلگەن بولسىمۇ، ھازىر تېخى ھەرىكەت باشلانمىغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. ئەردوغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ي پ گ نى يەنە قوللاۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى ۋە بۇنداق داۋام قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. بۇ خىل تەنقىدلەر يېقىن كەلگۈسىدە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا سۈرىيە مەسىلىسىدە ئۆزئارا كېلىشىپ قىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 ئەلۋەتتە ئۇچرىشىشنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىمۇ بولدى. بايدىن بولۇپمۇ ئافغانىستان مەسىلىسىدە  تۈركىيە داۋاملاشتۇرىۋاتقان خىزمەت باسقۇچىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندا مۇھىم رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىز ۋە لىۋىيەدە مەسىلىسىدە ھەمكارلىشالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىمۇ موھىم ئىدى.

ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىككى ئاساسلىق مەسىلە بار: بىرىنچىسى ئىشەنچ كرىزىسى. ھەر ئىككى دۆلەت بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسىنى يوقاتتى.

ئىككىنچىسى، بىخەتەرلىك كرىزىسى. ئامېرىكانىڭ بولۇپمۇ سۈرىيەگە قاراتقان سىياسىتى تۈركىيە ئۈچۈن بىخەتەرلىك كرىزىسى پەيدا قىلماقتا. بۇ ئىككى كرىزىسنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى سەھىپە ئاچالىشى ئاسان بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر