تارىختىن كەلگەن سادا: مەھتەران

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 10

1728942
تارىختىن كەلگەن سادا: مەھتەران

(گامزە دەمەچ سىبىچ) 

دۇنيادىكى تارىخىي ئەڭ ئۇزۇن ھەربىي مۇزىكا ئەترىتى بولغان مەھتەران، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەنئەنىلىرىگە ئىزچىل ئەمەل قىلىپ، سېھرىي كۈچكە ئىگە ساداسىنى پۈتكۈل دۇنياغا ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

دۈشمەنگە قارشى ھۇجۇمغا  ئۆتىلىدىغان ھەممىلا جايدا مەھتەران چېلىپ، تۈرك ئەسكەرلىرىگە كۆتۈرەڭگۈ روھ ئاتا قىلاتتى، دۈشمەننى چۈشكۈنلەشتۈرەتتى ... دۇنيادىكى تارىخىي ئەڭ ئۇزۇن ھەربىي مۇزىكا ئەترىتى بولغان مەھتەران، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەنئەنىلىرىگە بىجانىدىل ئەمەل قىلىپ، سېھرىي كۈچكە ئىگە ساداسىنى پۈتكۈل دۇنياغا ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

نەۋبەت ئەنئەنىسى (تۈرك تارىخىنىڭ ھەر بىر دەۋرىدە مەۋجۇت بولغان ھەربىي مۇزىكا ئەنئەنىسى، بۈيۈك سەلجۇقىيلار دۆلىتىدە <نەۋبەت> نامى ئاستىدا ياشىتىلغان.)  يەنى ھەربىي مۇزىكا ئەنئەنىسى، قاراخانىيلار دۆلىتىدىن تارتىپ سەلچۇقىيلار دۆلىتىگىچە، مەملۇكلار دەۋرىدىن تارتىپ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىگىچە ئىزچىل داۋاملاشقانىدى.

ئانادولۇ سەلچۇقىيلار دۆلىتى ھۆكۈمدارى تەرىپىدىن، مۇستەقىللىق پەرمانى ئارقىلىق ھاكىمىيەت سىمۋولى سىمۋولى سۈپىتىدە قايى قەبىلىسىدىن ئوسمان بەگكە تۇغ ۋە دۇمباق بېرىلگەنىدى.

ئوسمان غازى، مەھتەرانغا بولغان ھۆرمىتىدىن مەھتەران مۇزىكىسىنى ئۈرە تۇرغان ھالەتتە ئاڭلايتتى، دەرۋەقە، ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن مەھتەر ئەنئەنىسىنىڭ ئاساسىمۇ دەل شۇ ۋاقىتتا تۇرغۇزۇلغانىدى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق مەھتەران مۇزىكا ئەترىتى، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەنئەنىلىرىگە بىجانىدىل ئەمەل قىلىپ،  سېھرىي كۈچكە تولغان ساداسىنى پۈتكۈل دۇنياغا ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ھەممىلا جايدا مەھتەران چېلىپ، تۈرك ئەسكەرلىرىگە كۆتۈرەڭگۈ روھ ئاتا قىلاتتى، دۈشمەننى چۈشكۈنلەشتۈرەتتى...

مەھتەر ئەترىتى، جەڭ مەيدانلىرى، مەھتەر مۇزىكىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئەڭ مۇھىم جايلار ئىدى. قەلئە قورشاۋلىرىدا، مەيدان جەڭلىرىدا ۋە دېڭىز ئۇرۇشلىرىدا، قىسقىسى، دۈشمەنگە قارشى ھۇجۇمغا  ئۆتىلىدىغان ھەممىلا جايدا مەھتەران چېلىپ، تۈرك ئەسكەرلىرىگە كۆتۈرەڭگۈ روھ ئاتا قىلاتتى، دۈشمەننى چۈشكۈنلەشتۈرەتتى... شۇنداقلا، تىنچلىق زامانىدا ھۆكۈمدارنىڭ ساداسى بولغان مەھتەر ئەترىتى، بەزى ۋاقىتلاردا نەۋبەت چېلىپ، خەلقكە ئۈمىد بېغىشلايتتى.

 ياۋروپانىڭ مۇھىم كومپوزىتورلىرى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى مەھتەرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى

مەھتەراننىڭ روھنى ئۇرغۇتىدىغان كۈچىنى ھېس قىلغان ياۋروپالىقلار، ئۆز قوشۇنلىرى ئىچىدە مەھتەر ئەترىتى تەشكىللەشكە باشلىغانىدى.

پولشا، ئاۋسترىيە، رۇسىيە، پىرۇسسىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ قوشۇنلىرىدىمۇ مەھتەر مۇزىكا ئەترىتى قۇرۇلغان، شۇنىڭ بىلەن، ھەربىي مۇزىكا ئەترەتلىرىنىڭ ئاساسى تۇرغۇزۇلغانىدى.

ياۋروپانىڭ ئەڭ مۇھىم كومپوزىتورلىرىدىن موزارت، بېتخوۋېن قاتارلىقلار مەھتەر مۇزىكىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئاھاڭلارنى ئىجاد قىلغانىدى. بۇ سايىدا، 18-ئەسىردە ياۋروپادا يېڭى تىپتىكى مۇزىكا بارلىققا كەلگەن، بۇ مۇزىكا «ئالاتۇركا» دەپ ئاتالغانىدى.

مەھتەران كىيىملىرى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى مەدەنىيىتىدىن ئالغان ئىلھامغا ئاساسەن لايىھەلەنگەن

مەھتەران مۇزىكا ئەترىتى، كىيىم-كېچەك ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرى جەھەتتە 18-ئەسىردىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

مەھتەر مۇزىكا ئەترىتىنىڭ قۇرۇلمىسىدا، مەھتەر مۇزىكىلىرىنى ئورۇندايدىغان مۇزىكانتلار بىلەن بىرلىكتە يەنىچەرىلەردىن  تەشكىل تاپقان بىر «تۇغ ئەترىتى» مۇ بار بولۇپ، بۇ ئەترەت، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا قاتناشقان فېستىۋال ۋە پائالىيەتلەردە ئىلھامبەخش تارىخىي سادالارنى ياڭرىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

يۈرۈش ھەمىشە ئوڭ پۇت بىلەن باشلىنىدۇ

مەھتەران يۈرۈشى، ھازىرقى زامان ئارمىيە تەرتىپىدىكى يۈرۈشنىڭ دەل ئەكسىچە ئوڭ پۇت بىلەن باشلىنىدۇ. ئۈچ قەدەمدە بىر تۇرۇلۇپ، سول ۋە ئوڭغا بۇرۇلۇش ئارقىلىق خەلقكە سالام بېرىلىدۇ.

مەھتەر كونسېرت تەرتىپى بويىچە ئورۇنلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، تۈز يۈرۈشكە سول پۇت بىلەن باشلىنىدۇ ۋە مەھتەر  تاكى ھىلال تەرتىپىگە كەلگەنگە قەدەر، بىر پەشرەۋ (ساز مۇزىكىسى) ئورۇنلىنىدۇ.

 ھىلالنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئورۇن ئالغان ناغرا، تۈركىيە بايرىقىدىكى يۇلتۇزغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. باشقا مۇزىكانتلار شەكىللەندۈرگەن ھىلال  بولسا، تۈرك بايرىقىدىكى ھىلالغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

مەھتەربېشىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە كونسېرت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، «گۈلبانك» دەپ ئاتىلىدىغان مەھتەر دۇئاسى قىلىنىدۇ ۋە كونسېرت مەيدانى پەشرەۋ چېلىنىپ،  تەرك ئېتىلىدۇ.

مەنبەسى: TRT Haber

تېمىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى تور بېتىمىز www.trt.net.tr دىن كۆرەلەيسىلەر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر