ئەنجۈر قېقى ۋە پايدىلىرى

بىلىۋېلىڭ - 9

1727673
ئەنجۈر قېقى ۋە پايدىلىرى

(دىدەم گۈنەرى)

دۇنيا ئەنجۈر قېقى ئېكسپورتىدا تۈركىيەنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

           ئەنجۈر تارىختا «ئۆستۈرۈلىدىغان ھەم مول ھوسۇل ئېلىنىدىغان تۇنجى مېۋە» دەپ ئاتالغان. ئەنجۈرنىڭ قالدۇقلىرى مىلادىدىن بۇرۇنقى 5000-يىللارغا تۇتىشىدىغان يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا بايقالغان. ئانا يۇرتى ئانادولۇدىن ئاۋۋال سۈرىيە ۋە پەلەستىنگە، كېيىنچە ھىندىستان ۋە خىتايغا تارقالغان، 1500-يىللاردا ئامېرىكاغا يېتىپ بارغان. تۈركىيەدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرى ئىزمىر ۋە ئايدىن ۋىلايەتلىرى بولۇپ، ئايدىن ئەنجۈرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا جۇغراپىيەلىك كۆرسەتكۈچ سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىنغان تۈركىيەنىڭ تۇنجى مەھسۇلاتىدۇر.

       ئەنجۈر قېقى،مىنېرال ماددىلار ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ موللۇقى سەۋەبىدىن يېمەكلىكلەر ئارىسىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە.  ئەنجۈر قېقىنىڭ تالا تەركىبى يېڭى ئەنجۈرگە قارىغاندا ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ، بۇ ئالاھىدىلىكى سايىسىدا ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ. يۇقىرى ئوكسىدلىنىشقا قارشى مەنبە بولۇش سۈپىتى بىلەن راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئەنجۈر قېقى قاندىكى ماينىڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە بەدەننىڭ تۆمۈر ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئارقىلىق يۈرەك ساغلاملىقىنى قوغدايدىكەن. كالتسىي، كالىي ۋە ماگنىي مىنېرال ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولغاچقا، سۆڭەك ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم تايانچ مەنبەسى ئىكەن. يېڭى ۋە قۇرۇتۇلغان ئەنجۈر، سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ماددىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

      پايدىسى ئىنتايىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ساناپ تۈگەتكىلى بولمايىدغان ئەنجۈر قېقىنى يىل بويى ئىستېمال قىلالايسىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر