زۇكام ۋە  يۇقۇملۇق زۇكامدىن يۇقۇملىنىش ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى - 8

1724640
زۇكام ۋە  يۇقۇملۇق زۇكامدىن يۇقۇملىنىش ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچا)

قىش ئايلىرىنىڭ كېلىشىگە ئەگىشىپ يۇقۇملۇق زۇكام پەسلىمۇ باشلىنىدۇ. سوغۇق ھاۋارايى ۋە پەسىل خاراكتېرلىك ئۆتكۈنچى مەزگىلدە ئۆزىمىزنى يۇقۇملۇق زۇكامدىن قوغداش ئىنتايىن مۇھىم.

قىشنى يۇقۇملۇق زۇكامسىز ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى كۈچلۈك تۇتۇشىمىزغا، ۋىتامىن C ۋە E مول بولغان كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە،  گال ۋە كېكىردەك يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قوغداش خاراكتېرلىك تەبىئىي ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىشىمىز مۇمكىن.

1 - قۇرۇق پىياز سۈيى: پىياز، كېسەللىك ۋە يۇقۇملىنىشتىن يىراق تۇرۇشىڭىزدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. يۇقىرى قىزىتما، يۇقۇملۇق زۇكام، يۆتەل ۋە زىيادە سىزىمچانلىققا پايدىلىقتۇر.

ماتېرىياللار:

• بىر دانە پوستىلىق قوڭۇر پىياز

• ئىككى  ئىستاكان سۇ

پىيازنىڭ قوڭۇر تېرىلىرى سويۇلغاندىن كېيىن، 2 ئىستاكان سۇغا تاشلىنىدۇ، يېپىق ھالەتتە 5 بەش مىنۇت قاينىتىلىدۇ، دەملەنگەندىن كېيىن، سۈزۈپ ئىچىلىدۇ.

2 - زەنجىۋىل چېيى:

ماتېرىياللار:

• بىر قوشۇق رەندىلەنگەن يېڭى زەنجىۋىل

• بىر ئىستاكان سۇ

• بىر قوشۇق لىمون سۈيى

• بىر قوشۇق ھەسەل

بىر قوشۇق رەندىلەنگەن يېڭى زەنجىۋىل 1 ئىستاكان سۇغا سېلىنىپ، ئوچاقتا قاينىتىلىدۇ. ئەگەر زەنجىۋىل بەك قاينىتىلسا، تەمى ئاچچىق بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا، قاينىغان ھامان ئوت ئۆچۈرۈلۈپ، 5 مىنۇت دەملىنىدۇ. ئاندىن سۈزگۈچ بىلەن سۈزۈلۈپ، ھەسەل ۋە لىمون بىلەن قوشۇپ ئىچىلىدۇ.

3 – يۇقۇملۇق زۇكام چېيى

ماتېرىياللار:

• لىپا

• زەنجىۋىل

• قەلەمپۇر

• دارچىن

• سۇ

بۇ چاينى تەييارلىغاندا، ئادەم سانىغا قاراپ ماتېرىياللارنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتسىڭىز ياكى ئازايتسىڭىز بولىدۇ. بارلىق ماتېرىياللار چەينەككە سېلىنغاندىن كېيىن، ئۈستىگە قايناقسۇ ئىلاۋە قىلىنىپ، دەملىنىدۇ. ئۇنىڭغا لىمون ۋە ھەسەل قوشۇشقا بولىدۇ.

4. قىزىلگۈل چېيى

قىزىلگۈل چېيى زۇكام ۋە يۇقۇملۇق زۇكام قاتارلىق ئۈستۈنكى نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە قارشى ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى داۋالاش ئۇسۇلىدۇر.

ماتېرىياللار:

• 1.5 - 2 قوشۇق قىزىلگۈل

• سۇ

• ھەسەل

چوڭ بىر پىيالە چاي ئۈچۈن، 1.5-2 قوشۇق سوقۇلغان قىزىلگۈلنى  ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قايناقسۇ ئىستاكانغا قۇيۇلغاندىن كېيىن، 10-15 مىنۇت دەملىنىدۇ. سۈزۈلگەندىن كېيىن، ئازراق ئاچچىق تەملىك چاي ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىچىلىدۇ.

5 - زۇكام ۋە يۇقۇملۇق زۇكامنى ئانار پوستى ۋە قارا بۇغداي بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى

ئۈچ دانە ئانار پوستى خىلورسىز 1.5 ئىستاكان قايناق سۇغا تاشلىنىدۇ ۋە تۆۋەن ئوتتا بەش مىنۇت قاينىتىلىدۇ، بەشىنچى مىنۇتتىن كېيىن، 3 باش قارا باغداي قوشۇلۇپ، يەنە ئۈچ مىنۇت قاينىتىلىدۇ. ئاندىن ئوچاقتىن ئېلىنىپ، سۈزۈلۈپ، سوۋۇشى كۈتۈلىدۇ.

سوۋۇغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى بىر قېتىم ئاچ قورساققا بىر ئىستاكان ئىستېمال قىلىنىدۇ. بۇنى ئۇدا بىر ھەپتە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. بىر ھەپتىدىن كېيىن، داۋالاش ئاخىرلىشىدۇ. بۇ داۋالاش ئۇسۇلىنى، شىكايەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن قوللىنىشقا بولىدۇ.

6 -  ئېچىناسېيەنىڭ بەزى تۈرلىرىنىڭ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىشتە، بولۇپمۇ سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرىدۇر.

7 - لىپانىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش ۋە ئاغرىق پەسەيتىش رولى بار، گالنى يۇمشىتىشى نەتىجىسىدە گالدىكى غىدىقلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بۇ ئارقىلىق سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىدۇ، جاھىل يۆتەللەردە كىشىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

8 - ئېغىز ۋە كېكىردەك ياللۇغلىرىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان چۆل يالپۇزىنىڭ تەركىبىدىكى ماددىلار ئېغىز ۋە كېكىردەك ياللۇغلىرىغا پايدىلىقتۇر. شۇ ۋەجىدىن، (قەتئىي قاينىتىلماستىن)  چۆل يالپۇزى بىلەن تەييارلانغان چۆل يالپۇزى چېيى،  ئېغىز چايقاش ئارقىلىق ئېغىز ۋە كېكىردەك ياللۇغلىرىنى داۋالاش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. چۆل يالپۇزى بىلەن ئېچىناسېيە بىرلىكتە ئىشلىتىلگىنىدە، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

9 - لىمون ۋە ھەسەل بىلەن بىرلىكتە تەييارلانغان زەنجىۋىل يىلتىزى چېيى، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش، گال ئاغرىقى ۋە يۆتەللەرنى داۋالاشتا ئۈنۈمى يۇقىرىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، زەنجىۋىل، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ.

10 – قەلەمپۇرنىڭ، ئېغىز ۋە كېكىردەك شىللىق پەردىسىنىڭ ياللۇغلىنىشىغا قارشى ئۈنۈمى يۇقىرىدۇر.

11 -  كۇمىلاچ ۋە پاراشوك شەكلىدە قارىمۇچ مېۋىسى بىلەن تەييارلانغان چاي، ئېغىزنى چايقاش شەكلىدە ئىستېمال قىلىنغىنىدا، يۇتقۇنچاق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

12 - ئۈجمە شەربىتىنىڭ، زۇكام ۋە يۇقۇملۇق زۇكامغا قارشى ئۈنۈمى يۇقىرىدۇر.

13 - چۆل رەيھىنى ۋە روزېمارىيە قاينىتىپ ئىچىلىدۇ.

14 – ئوتتۇرا ھال چوڭلۇقتىكى پىيازنى ئىنچىكە توغرىغاندىن كېيىن، ئۈستىگە زەيتۇن يېغى ۋە لىمون سېلىنىپ، سالات تەييارلىنىدۇ ۋا ئاز نان بىلەن يېيىلىدۇ.

15 - سامساقنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر