كۆكسۇ چۆكۈندى جىنسلىرى

بىلىۋېلىڭ - 8

1724652
كۆكسۇ چۆكۈندى جىنسلىرى

(دىدەم گۈنەرى)

دۇنيادىكى ئورمانلىقتا شەكىللەنگەن ئىككىنچى چوڭ چۆكۈندى جىنسلار رايونىنىڭ تۈركىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

     پامۇكقەلئەدىكى داڭلىق چۆكۈندى جىنسلاردىن باشقا يەنە، تۈركىيەنىڭ قارادېڭىز رايونىدىمۇ چۆكۈندى جىنسلار رايونى باردۇر. گىرسۇن ۋىلايىتىنىڭ دەرەلى ناھىيەسىدىكى پامۇكقەلئەنى ئەسلىتىدىغان كۆكسۇ چۆكۈندى جىنسلىرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى «Yellowstone مىللىي باغچىسى» دىن قالسا، دۇنيادىكى ئورمانلىقتا شەكىللەنگەن ئىككىنچى چوڭ چۆكۈندى جىنسلار رايونى ھېسابلىنىدۇ.

قۇزالان تەبىئىي مەنزىرە باغچىسىدىن تەخمىنەن 4 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۆكسۇ چۆكۈندى جىنسلىرى، تۇركۋويس ۋە ئاق رەڭلىرى بىلەن پامۇكقەلئەنى ئەسلىتىدۇ. مىنېرال قىممىتى يۇقىرى بولغان سودا سۈيىدىن ھاسىل بولغان چۆكۈندى جىنسلار جايلاشقان رايوننىڭ تۈزۈلۈشى، پېشايۋان شەكىللىك چوڭ ۋە كىچىك كۆلچەكلەردىن تەشكىل تاپىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. زىيارەتچىلەر ئۈچۈن ياسالغان پىيادىلەر يولى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاق رەڭگە، كۆلچەكلەر بولسا تۇركۋويس رەڭگە ئۆزگەردى. كۆكسۇ چۆكۈندى جىنسلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى 2022-يىلى تاماملىنىدۇ، ھەمدە كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان بۇ رايون ساياھەتچىلىككە ئېچىۋېتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر