سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى

شىپا بۇلىقى - 7

1721346
سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى

سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

 مەزى بېزىدىكى يۇقۇملىنىش ياكى غىدىقلىغۇچى ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى، كىچىك تەرەتكە كۆپ چىقىش، كىچىك تەرەت قىلغاندا قىينىلىش ۋە قانلىق بولۇش، ئاغرىش ۋە ئېچىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھەر 10 ئەرنىڭ تۆتتىن بىرىدە كۆرۈلىدىغان بۇ كېسەللىك، ئەرلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. بۇ، جىنسىي تۇرمۇش ۋە پىسخولوگىيەگە  ئىنتايىن پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان، قايتا قوزغىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى كېسەللىكتۇر.

سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنى  تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە بىز تەۋسىيە قىلىدىغان بىر قىسىم شىپالىق ئۆسۈملۈكلەر ئارقىلىق داۋالاش رېتسىپلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئەگەر سىز گىرىپتار بولغان بۇ كېسەللىك 1-2 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولسا، سىز ئۆيدە تەييارلىيالايدىغان بىر قىسىم تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى رەنجىڭىزگە شىپا  بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن:

1 - 1 لېتىر سۇ قاينىتىلىپ، ئۇنىڭغا تەخمىنەن 250 گىرام بروككولى قوشۇلىدۇ. ئوتنىڭ سەۋىيەسى چۈشۈرۈلۈپ، بروككولى 5 مىنۇت قاينىتىلىدۇ، ئاندىن سۇنىڭ ئىللىشى ئۈچۈن كۈتۈلىدۇ. سۇ ئىللىغاندىن كېيىن، سۈزۈلۈپ، ئۈچكە بۆلۈنگەن سۇ، ئەتىگەن، چۈش ۋە كەچتە ئاچ قورساققا ئىچىلىدۇ. بروككولى سۈيىنى ئىچكەندىن كېيىن، سۇدىن باشقا يېمەكلىكلەرنى 20 مىنۇت ئىستېمال قىلماسلىققا دىققەت قىلىنىدۇ. سۇدا قاينىتىلغان بروككولىنى تاماقتا ياكى سالات ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈك  بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى ئۇدا بىر ھەپتە ئۈزۈلدۈرمەي قوللىنىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئۈچ كۈن توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىن تەكرارلىنىدۇ. جەمئىي 21 كۈن، ھەر 7 كۈندىن كېيىن ئۈچ كۈن  ئارىلىق قالدۇرۇش تەرىقىسىدە داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. بۇ داۋالاش ئۇسۇلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

لېكىن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، كېسەللىك ئالامەتلىرى قايتا كۆرۈلۈشكە باشلىسا، بۇ قېتىم بروككولى سۈيىنى 15 كۈن ئىشلىتىش كېرەك.

2 - سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشتا، ئوتتۇرا چوڭلۇقتىكى قوڭۇر پىيازنى سويۇپ، توغراپ، بىر پارچە نان بىلەن يېيىش كېرەك. بۇ، كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغان ياللۇغنى ئازايتىدۇ ۋە ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.

3 - كەچتە، ئۇخلاشتىن بۇرۇن، پوستى سويۇۋېتىلگەن 2 باش پىيازنى بىر لېتىر سۇغا سېلىپ، ئەتىگەندە بىر ئىستاكان ئاچ قورساققا ئىچىلىدۇ.

4 - ھەر كۈنى بىر نەچچە خام كاۋا ئۇرۇقىنى دائىم يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ياكى بىرقانچە دانە كاۋا ئۇرۇقى (500 گرام) روبوت بىلەن سوقۇلۇپ، سۇيۇق ھەسەل (200 گرام) بىلەن ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئەتىگەندە بۇ ئارىلاشمىدىن يېرىم قوشۇق ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

5 -  كۈندە ئۈچ قېتىم  كىچىك يوپۇرماقلىق ياۋروپا كەرەپشىسىنىڭ  8-10 تال غولىنى قاينىتىپ، ئىچىلىدۇ.

6 – سوقۇلغان زەرنەپنى دائىم ئىستېمال قىلىش ناھايىتى ئۈنۈملۈكتۇر. سالات، شورپا، قېتىققا يېرىم قوشۇق قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

7  - سەۋزە شەربىتى ۋە پالەك شەربىتى مەزى بېزى ياللۇغىغا ئىنتايىن پايدىلىقتۇر.

8 – ئېكىنېزيا، ئىممۇنىتېت كۈچى يۇقىرى بولۇپ، بەدەننىڭ يۇقۇملىنىشىغا قارشى تۇرالايدۇ.

9 - ۋىتامىن C ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ۋىتامىن بولۇپ، ھەم ياللۇغ قايتۇرغۇچى ھەم ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتكۈچىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سۈيدۈكنى تېخىمۇ كىسلاتالىق ھالغا كەلتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، باكتېرىيە ئاسان ئۆسەلمەيدۇ. كۈنىگە ئىككى قېتىم ئەتراپىدا 500 مىللىگىرام ئىستېمال قىلىنىدۇ.

10 - ياللۇغ قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە مۇھىم ياغ كىسلاتاسى بولغان زىغىر پاراشوكىنى قېتىق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

• بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مول مىقداردا سۇ ئىچىش كېرەك. كۈنىگە ئاز دېگەندە ئالتە - سەككىز ئىستاكان سۇ ئىچىش لازىم.

• دوۋساقنى غىدىقلاپ، كىچىك تەرەت كېسەللىكلىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، كوففېئىن (چاي، قەھۋە ۋە كولا قاتارلىقلار)  نى ئۆز ئىچىگە ئالغان گازلىق ئىچىملىكلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

• دورا – دەرمانلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار كېسەللىكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

• ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىق بېسىم ئىشلىتىدىغان پائالىيەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى بۇنداق پائالىيەتلەرلەرمۇ كېسەللىكنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. ۋېلىسىپىت مىنىشنى داۋاملاشتۇرماقچى بولسىڭىز، گېلىدىن ياسالغان ئالاھىدە ئورۇندۇقنى ئىشلىتىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

• قەۋزىيەت ياللۇغلانغان مەزى بېزىنى غىدىقلاپ، بىماردا نۇرغۇن ئاغرىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تالالىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك.

• بۇلاردىن باشقا، دائىملىق چېنىقىش ۋە ئۇخلاشمۇ ناھايىتى مۇھىم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر