راھىپ يۇھەننا ۋە يەتتە چېركاۋلار

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانى...

1716279
راھىپ يۇھەننا ۋە يەتتە چېركاۋلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تارىخنىڭ نۆل نۇقتىسى دەپ قارىلىدىغان 12 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە گۆبەكلىتەپە، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئانادولۇ زېمىنلىرىدىكى ئەڭ قەدىمكى جايى. گۆبەكلىتەپە ھازىرچە بىر يىغىلىش ئورنى دەپ قارالسىمۇ، ئەمما قېزىلمىلارنىڭ ئەينى  كىشىلىرىنىڭ ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر ئىكەنلىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بەلكىم بىزنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ئۇ يەردە دىنىي مۇراسىملارنى ئۆتكۈزگەن، بەلكىم قۇربانلىقلارنى قىلغان بولۇشى مۇمكىن. سىرى تېخىچە يېشىلمىگەن، ھەيۋىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بۇ يەر بەلكىم ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قەدىمكى دۇئا - تىلاۋەت سورۇنى بولۇشىمۇ مۇمكىن.

بۇ يەر يەنە ئىلاھ ۋە ئىلاھەلەرنىڭمۇ ماكانىدۇر. ئانا ئىلاھە كىبەلە ئېتىقادى بۇ يەرلەردە ئوتتۇرىغا چىققانىدى. يۇنان ئەپسانىۋى ئىلاھلىرى گومېر تەرىپىدىن يارىتىلغان، ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ۋە ئىسىملىرى بۇ داڭلىق شائىر تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنىدى. بىردىنلا قاشلىرىڭلارنى ئوينىتىپ، سۆزلىرىمىزگە ئىشەنمەي تۇرۇۋالماڭلار، بۇ بىزنىڭ ئەمەس، قەدىمكى دەۋرنىڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇرى ئەپلاتوننىڭ سۆزلىرى.

* * * * *

ئانادولۇ —  كۆپ خۇدالىق دىنلارغا ئوخشاش، بىر خۇدالىق دىنلارنىڭمۇ ماكانىدۇر. ئانادولۇ — دىنلار تارىخى ھەققىدە گەپ قىلىدىغانلار ئېغىزغا ئالماي ئۆتۈپ كېتەلمەيدىغان بىر يەر. ئانادولۇ —  مەدنىيەتلەر، كۈلتۈرلەر، تارىخ ۋە دىنلار ئىز قوغلىشىپ كەلگەن، ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان جاي. شۇڭلاشقا ئۇ «دىنلار بۆشۈكى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى يەھۇدىيلار، خىرىستىيانلار ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادتخانا ۋە مۇقەددەس جايلىرىنىڭ كۆپلۈكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ بۇ ئۈچ ساماۋى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان يۆنىلىشلەرنى تەقدىم قىلىدۇ. ئانادولۇ خىرىستىيان دىنىنىڭ قۇددۇستىن كېيىنكى ئىككىنچى مۇھىم مەركىزى. زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن قورقۇپ قاچقان ھەۋارىيلار (ئەلچىلەر) ۋە باشقا مۇھىم دىندارلار ئانادولۇغا كۆچۈپ كېلىپ، دىنلىرىنى تارقىتالايدىغان مۇۋاپىق رايونلارغا ئورۇنلاشقانىدى. بىراق، يېڭى دىن رىم ئىمپېرىيەسى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئانادولۇدا قارشى ئېلىنمىغان ۋە ئۇلارنىڭ كىملىكى ئاشكارىلانغاندا ئۆلتۈرۈلگەنىدى. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كرېستقا مىخلىنىشىدىن كېيىن، ئانىسى ھەزرىتى مەريەمنى ئەفەسكە ئېلىپ كەلگەن ھەۋارى راھىپ يۇھەننا بۇ يەردە خىرىستىيان دىنىنى تارقىتىشقا ئۇرۇندى. بۇ سەۋەبتىن ھەۋارى (ئەلچى) ۋە ئىنجىل يازغۇچىسى راھىپ يۇھەننا، — يەنە بىر ئىسمى راھىپ جون — گىرېك ئاراللىرىنىڭ بىرىگە سۈرگۈن قىلىندى. رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، راھىپ جون سۈرگۈندىكى مەزگىلىدە ھەزرىتى ئىسادىن ئالاھىدە يوليورۇقلارنى تاپشۇرۇۋالىدۇ ۋە مەكتۇپلارنى يېزىپ يەتتە خىرىستىيان جامائىتىگە يوللايدۇ. خىرىستىيانلار ئۈچۈن ئىنتايىن ئالاھىدە ۋە مۇقەددەس بولغان بۇ خەتلەر ئەۋەتىلگەن جايلارنىڭ ھەممىسى غەربىي ئانادولۇدىكى ئىزمىر، مانىسا ۋە دېنىزلى تەۋەلىكىدىدۇر.

بۈگۈن سىلەر بىلەن، خىرىستىيانلار تەرىپىدىن قىيامەت كۈنىمۇ ساقلىنىپ قالىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىنىدىغان «يەتتە چېركاۋ» ياكى «مەھشەرنىڭ يەتتە چېركاۋى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان «ئاپوكالىپتىك چېركاۋلىرى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىمىز.

* * * * *

خىرىستىيانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەج مەركەزلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى ئانادولۇغا جايلاشقان بولۇپ، يەتتە چېركاۋلار بۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. بىراق، راھىپ يۇھەننا مەكتۇپلارنى يوللىغان دەۋردە، غەربىي ئانادولۇدا چېركاۋ يوق ئىدى. گەرچە  مەدھىيە ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەكتۇپلاردا چېركاۋ سۆزى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ سۆزلەر فىزىكىلىق چېركاۋ بىناسىغا ئەمەس، بەلكى ئانادولۇدىكى يېڭى دىننىڭ جامائەتلىرىگە ئەۋەتىلگەنىدى.. بۈگۈنكى كۈندە زىيارەت قىلىنىۋاتقان قۇرۇلۇشلار كېيىنچە، يەنى ۋىزانتىيە دەۋرىدە سىمۋول خاراكتېرلىك سېلىنغان يادىكارلىق خاراكتېرلىك چېركاۋلاردۇر.

راھىپ يۇھەننا بىرىنچى مەكتۇپىنى قەدىمكى دۇنيانىڭ مۇھىم ۋە ھەيۋەتلىك پورت شەھىرى — رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى ئەفەسكە ئەۋەتىدۇ. ئۇ مەكتۇپلىرى ئارقىلىق خىرىستىيان دىنىنى تەشۋىق قىلىشقا ۋە كىشىلەرنى خىرىستىيان دىنىغا يېتەكلەشكە تىرىشىدۇ. ئەفەس بۇتپەرەسلىك كەڭ ئومۇملاشقان ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نۇرغۇن جەھەتتىن مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى؛ ئۇ خىرىستىئان دىنىنىڭ پىرىنسىپلىرى بېكىتىلگەن 3- كېڭەش چاقىرىلغان جاي ئىدى. ھەزرىتى مەريەم ئاخىرقى يىللىرىنى ئۆتكۈزگەن دەپ قارىلىدىغان بۇلبۇل تېغىدىكى ئۆيمۇ ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى - يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگەن قەدىمكى ئەفەس شەھىرىگە يېقىن يەردە. بۇنىڭدىن باشقا، ھەم خىرىستىيان دىنى، ھەم ئىسلام دىنىدا تىلغا ئېلىنغان «يەتتە ئۇخلىغۇچىلار ئۆڭكۈرى» بىلەن راھىپ يۇھەننانىڭ مەقبەرىسىمۇ بۇ رايوندا زىيارەتچىلىرىنى قارشى ئالماقتا.

ئىككىنچى مەكتۇپ سمېرنا، يەنى ئىزمىرغا يوللىنىدۇ. جۇغراپىيە ئىلىمىنىڭ باشلامچىسى دەپ قارالغان سترابو بۇ شەھەرگە «بارلىق شەھەرلەرنىڭ ئەڭ گۈزىلى» دەپ باھا بېرىدۇ. سمېرنا خەلقى ئۈستى ئوچۇق جايلاردىكى ئابىدىلەر ۋە پۇللارغا «ئاسىيا ئۆلكىسىنىڭ بىرىنچىسى»، «ئىئونىيەنىڭ زىننىتى» دەپ يازىدۇ. ئۇ تىياتىرخانىسى، چېنىقىش ئۆيى، مۇنچا ۋە پورتلىرى بىلەن ھەمىشە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. تارىختىن بۇيان  ئىزمىر سىياسىي ۋە سودا جەھەتتىكى ئەھمىيىتىنى پەقەتلا يوقاتمايدۇ.

پېرگامون، يەنى بېرگاما ئۈچىنچى مەكتۇپ ئەۋەتىلگەن جاي بولۇپ، ئۇ قەدىمكى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. قەدىمكى دەۋردىكى ئەڭ تىك تىياتىرخانىسىمۇ، شۇنداقلا كىرىش ئېغىزىغا «ئۆلۈم بۇ يەرگە كىرەلمەيدۇ» دەپ يېزىلغان ئانادولۇنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ ئەتراپلىق دوختۇرخانىسى دەپ قارىلىدىغان بۇتخانىمۇ بۇ يەردە، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم قۇرۇلۇشى بولسا، زېئۇس قۇربانلىق سۇپىسىدۇر. ئۈچىنچى مەكتۇپتا تىلغان ئېلىنغان «شەيتان تەختى» ئىبارىسى زېئۇس قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆرسەتسە كېرەك، دەپ قارىلىدۇ. رىم دەۋرىدە مىسىر ئىلاھلىرى ئۈچۈن خىشتىن ياسالغان قىزىل ھويلا، ۋىزانتىيە دەۋرىدە «يەتتە چېركاۋ» غا بېغىشلىنىپ چېركاۋ سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشكە باشلىنىدۇ.

* * * * *

راھىپ يۇھەننا يەتتە مەكتۇپنىڭ ئەڭ ئۇزۇنسىنى مانىسانىڭ ئاقھىسار ناھىيەسىدىكى تىياتېراغا ئەۋەتىدۇ. بۇ شەھەر قەدىمكى دەۋردە ئىشلەپچىقارغان بىنەپشە رەڭلىك رەختلىرى بىلەن داڭ چىقارغان توقۇمىچىلىق مەركىزى بولۇپ، يەنە گلادىراتور ئېلىشىشلىرى بىلەنمۇ تونۇلغانىدى. ئۇ مەكتۇپىدا، ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ جاكارلاپ، كىشىلەرنى ئەخلاقسىز قىلمىشلارغا يېتەكلىگەن بىر ئايالنى تىلغا ئېلىپ، شەھەر خەلقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەكتۇپىنى دۇنيادىكى تۇنجى بانكا قۇرۇلغان لىدىيە خانلىقىنىڭ پايتەختى ساردىسقا يوللىغان راھىپ يۇھەننا، مەكتۇپتا ساردىسنىڭ ئېتىقادچى ئاممىسىدىن ئۆزىنى تۈزىتىپ، جانلىنىشىنى ۋە ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئالتىنچى مەكتۇپ يوللانغان فىلادېلفىيە چېركاۋى ئانادولۇنىڭ غەرب بىلەن ئىچكى رايونلىرى ئارىسىدىكى مۇھىم سودا مەركىزى بولۇپ، ئۈزۈم، توقۇمىچىلىق ۋە خۇرۇم مەھسۇلاتلىرى بىلەن داڭ چىقارغان بۇ قەدىمىي شەھەر بۈگۈنكى مانىسانىڭ ئالاشىھىرنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان. سمېرنا بىلەن فىلادېلفىيە ھەققىدە يامان گەپ قىلىنمىغان چېركاۋلار ھېسابلىنىدۇ.

ھازىرقى دەنىزلى ۋىلايىتى تەۋەلىكىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مەكتۇپ يوللانغان لائودىكيا، ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى – يۇنېسكونىڭ دۇنيا تەبىئىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋاقىتلىق تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا. لائودىكيا چېركاۋى مەكتۇپلاردا تەنقىد قىلىنغان بىردىنبىر چېكاۋدۇر... راھىپ يۇھەننا ئۇلارغا قارىتىپ، قايسى دىنغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن بىكاردىن بىكارغا ئۆتكۈزۈلگەن بىر ھايات ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

* * * * *

ئانادولۇ قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپلار «ئىلاھلار ماكانى» دەپ ئاتىلىدۇ. كۆپ خۇدالىق دىنلاردىن تارتىپ ساماۋىي دىنلارغىچە بولغان جەرياندا، مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ، خىرىستىيانلار ئۈچۈنمۇ مۇقەددەس ۋە مۇبارەك ھېسابلىنىدىغان سانسىزلىغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ھەم دىنىي، ھەم مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ جايلارنى زىيارەت قىلىدۇ. خىرىستىيان دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان ئىنجىلدا زىكىر قىلىنغان «يەتتە چېركاۋ» بولسا، بىر تاۋاپگاھ بولغاچقا، بۇ دىننىڭ ئېتىقادچىلىرىغا نىسبەتەن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. راھىپ يۇھ ئاننا رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىنىڭ ئەڭ باي ۋە نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھەرلىرىدىكى يوشۇرۇن خىرىستىيانلارغا مەكتۇپلارنى يوللاپ، يېڭى دىننى تارقىتىشقا تىرىشىدۇ، خاتا ئىش قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، زۇلۇم ۋە مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بەرگەنلەرنىڭ خۇدا تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ھەممىسى ئانادولۇغا يەرلەشكەن بۇ جامائەتلەر ياشىغان قەدىمكى شەھەرلەر، شاھىت بولغان دەۋرلىرى ۋە كەچۈرمىشلەرنى ئارىدىن ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن زىيارەتچىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر