تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق ۋە داۋالاش رېتسىپلىرى

شىپا بۇلىقى - 05

1714311
تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق ۋە داۋالاش رېتسىپلىرى

تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق ۋە بىر قىسىم شىپالىق ئۆسۈملۈكلەر ئارقىلىق داۋالاش رېتسىپلىرى

دوكتور مەھمەت ئۇچار

ئەگەر تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بار يېمەكلىكلەر يېتەرلىك مىقداردا ئىستېمال قىلىنمىسا، بەدەندە تۆمۈر كەمچىل بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ بولسا، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق قاتارلىق كېسەكلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

• بەدەنگە ھايۋاناتلارنىڭ گۆشلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئۇزۇق مەنبەلىرىدىكى ئەڭ ياخشى تۆمۈر ماددىسى سۈمۈرۈلىدۇ. ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەردىكى تۆمۈر ماددىسى، ئۆسۈملۈك مەنبەلىك يېمەكلىكلەردىكى تۆمۈر ماددىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ. 100 گىرام قىزىل گۆش، تەركىبىدىكى 2.7 مىللىگىرام تۆمۈر ماددىسى بىلەن تەخمىنەن كۈندىلىك ئىستېمال قىلىنىشقا تېگىشلىك تۆمۈر ماددىسىنىڭ % 15 نى قامدايدۇ.  شۇ ۋەجىدىن، تۆمۈر ماددىسى، ئادەتتە ئاسانلا قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ھەر ھەپتىدە 2 كۈن قىزىل گۆش، 2 كۈن ئاق گۆش، 3 كۈن بېلىق ئىستېمال قىلىش يېتەرلىكتۇر. گۆش  بىلەن بىرلىكتە  ۋىتامىن C نى ئۆز ئىچىگە ئالغان لىمونلۇق يېشىل سالاتنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بېرىشمۇ، تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىقتۇر.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە،

جىگەر

كالا گۆشى

بېلىق

كونسېرۋالىق ساردىنا بېلىقى

پالەك

توخۇ گۆشى

تۆگىقۇش گۆشى

تۇخۇم

ئورمان ياڭىقى  

پىشۇرۇلغان بەرەڭگە

قاينىتىلغان كۆك پۇرچاق

شېكەر قىيامى

كۈنجۈت مەلھىمى

كۈنجۈتلۈك نان

ئۇرۇقسىز قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلارمۇ تۆمۈر تەركىبى يۇقىرى ئۇزۇقلۇقلاردۇر. يېڭى مېۋىلەرگە سېلىشتۇرغاندا قۇرۇق مېۋىلەردىكى تۆمۈر تەركىبى تېخىمۇ يۇقىرىدۇر.

• قارا چاي، ئۆسۈملۈك چاي ياكى قەھۋەنى تاماق بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. تاماقتىن 1 سائەت كېيىن، ئىچىلىشى كېرەك. چۈنكى بۇ ئىچىملىكلەر، تۆمۈر ماددىسىنىڭ يېمەكلىكتىن سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتىۋېتىشى مۇمكىن.

• تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاستىلىتىدىغانلىقى ئۈچۈن،  سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى تاماق ۋاقتىدىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىستېمال قىلىش كېرەك.

• كولالىق ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

• تەركىبىدە ۋىتامىن C بولغان يېمەك – ئىچمەكلەر، بەدىنىمىزنىڭ تۆمۈر ماددىسىنى سۈمۈرۈشىنى ئاشۇرىدۇ. تۆمۈر ماددىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ۋىتامىن  C لىق يېمەكلىكلەر تۆۋەندىكىچە:

ئاپېلسىن شەربىتى

دولمىلىق قىزىلمۇچ

گۈلكەرەم

بۆلجۈرگەن

قىچا چېچىكى

بىريۇسسېل كاپوستىسى

ئاناناس

مايمۇن شاپتۇلى

• تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بار باشقا تەبىئىي يېمەكلىكلەر تۆۋەندىكىچە:

پۇرچاق

نوقۇت

يېسسىمۇق

مۇقاتىل

كاۋا ئۇرۇقى

يەر ياڭىقى قىيامى

 قۇرۇتۇلغان ئۆرۈك

پەمىدۇر قىيامى

ياۋروپا كەرەپشىسى

پىستە

• كەرەپشە - پالەك ئارىلاشمىسى قان ئازلىققا قارشى ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولۇپ، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى داۋالاشتا ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.

خىمىيەلىك داۋالاش، ياكى رادىيوئاكتىپلىق داۋالاشتىن كېيىن كۆرۈلىدىغان قان ئازلىققا قارشى كەرەپشە -

پالەك ئارىلاشمىسى، مۇكەممەل بىر ياردەمچى داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. كەرەپشە - پالەك ئارىلاشمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلى مۇنداق:

ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال؛ 250 گرام يېڭى پالەك ۋە 200 گرام پوستى سويۇۋېتىلگەن كەرەپشەدۇر.

  • قايناۋاتقان بىر لېتىر سۇغا 200 گرام نېپىز توغرالغان كەرەپشەنى تاشلاپ، تۇۋىقى يېپىق ھالەتتە تۆۋەن ئوتتا 10 مىنۇت قاينىتىڭ. 10 مىنۇتتىن كېيىن، ئۇنىڭغا 250 گرام پالەك ئىلاۋە قىلىڭ ۋە تۇۋىقى يېپىق ھالەتتە قازاننى  يەنە 5بەش مىنۇت قاينىتىڭ. ئاندىن سوۋۇشىنى كۈتۈڭ.
  • سوۋۇغاندىن كېيىن، سۈزۈپ، سۈيىنى پاكىز بىر شېشىگە سېلىڭ. ئەتىگەندە ئاچ قورساق ياكى ناشتىدىن بىر سائەت كېيىن بىر ئىستاكان ئىچىڭ. كەچتە يەنە، ئاچ قورساق ياكى كەچلىك تاماقتىن بىر سائەت كېيىن بىر ئىستاكان ئىچىڭ.
  • ئۇدا 15 كۈن ئەتىگەن ۋە كەچلىك ئىچىملىكلەر بىلەن بىللە قوشۇپ ئىچىش داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.
  • 15 كۈندىن كېيىن، 10 كۈن توختىتىلىدۇ، 10 كۈندىن كېيىن ئوخشاش ئۇسۇلدا ئەتىگەن ۋە كەچتە داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.
  • جەمئىي 30 كۈن توشقاندا ئارىلاشمىنى ئىچىش تاماملىنىدۇ.

كۈندىلىك تاماقلىرىمىزغا يېتەرلىك مىقداردا ۋە يېتەرلىك تۈردە تۆمۈر  ماددىسى بار يېمەكلىكلەرنى ئىلاۋە قىلغىنىمىزدا، بەدىنىمىز ئۆزىگە يېتەرلىك  تۆمۈر  مادددىسىنى قوبۇل قىلالايدۇ. شۇنداقتىمۇ، بەدەندىكى تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولسا، تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بار يېمەكلىكلەردىن باشقا، سىرتقى تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنىمۇ ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، بىمار چوقۇم دوختۇردىن مەسلىھەت سورىشى كېرەك.

• شۇنى بىلىش كېرەككى، تۆمۈر ماددىلىق دورىلار سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر