يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 05

تۈركىيەنىڭ UNESCO نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي بايلىقلىرى.

1712154
يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 05
Çatalhöyük Neolitik Kenti
Bergama Çok Katmanlı Kültürel Peyzaj Alanı
Bursa ve Cumalıkızık
Hevsel Bahçeleri_01.jpg

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي بايلىقلىرى

2 - بۆلۈمى

گامزە دەمەچ سىبىچ

ئانادولۇنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مىڭلارچە يىللىق تەبىئىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى بار. بۇلارنىڭ بەزىلىرى شۇنداق قىممەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ تىزىملىكتە، تۈركىيەدىن 19 مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي بايلىق ئورۇن ئالدى.

ئالدىنقى ھەپتە، تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىستانبۇل، دىۋرىغى چوڭ جامەسى ۋە شىپاخانىسى، ھاتتۇشا (بوغازكۆي)، نەمرۇت تېغى ۋە شانتوس-لېتون ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندۇق. پىروگراممىمىزنىڭ بۇ ھەپتىكى بۆلۈمىدە بولسا، بۇ بايلىقلارنىڭ داۋامى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. تېمىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى تور بېتىمىز www.trt.net.tr دىن كۆرەلەيسىلەر.

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن  مەدەنىيەت بايلىقلىرىدىن بىرى؛ سافرانبولۇدۇر. قارابۈك ۋىلايىتىنىڭ سافرانبولۇ ناھىيەسى، ئەنئەنىۋى شەھەر قۇرۇلمىسى، ياغاچتىن ياسالغان ئۆيلىرى ۋە ئابىدەۋى قۇرۇلۇشلىرى بىلەن پۈتۈنلەي «تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى» ئېلان قىلىنغان كەم ئۇچرايدىغان جايلاردىن بىرىدۇر. 14-ئەسىردە تۈركلەرنىڭ ھاكىمىيەت تېرروتېرىيەسىگە كىرگەن سافرانبولۇ،  1994-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن مەدەنىيەت بايلىقلىرىدىن يەنە بىرى؛ قەدىمكى ترويا شەھىرىدۇر. ئۆتمۈشى دەسلەپكى مىس قوراللار دەۋرىگە تۇتىشىدىغان قەدىمكى ترويا شەھىرى، چاناققەلئەگە جايلاشقان. دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق قەدىمكى شەھەرلەردىن بىرى بولغان ترويادىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا، كۆپلىگەن مەدەنىيەتلەرگە ئائىت ئاسارەئەتىقەلەر بايقالدى. ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان قەدىمكى شەھەر، ھەر يىلى كۆپ ساندا يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالماقتا. ترويا شەھىرى، 1998-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

سەلىمىيە جامەسى ۋە كۇللىييەسىمۇ تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن مەدەنىيەت بايلىقلىرىدىن بىرى. ئاتاقلىق بىناكار مىمار سىناننىڭ ئۇستىلىق يارىكارى بولغان سەلىمىيە جامەسى ۋە كۇللىييەسى، ئەدىرنەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئابىدەۋى يادىكارلىقلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. 16-ئەسىردە، سۇلتان 2 - سېلىم نامىدىن سالدۇرۇلغان جامە، تېخنىكىلىق مۇكەممەللىكى، ئۆلچەملىرى ۋە ئېستېتىك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ كاتتا قۇرۇلۇشلاردىن بىرى دەپ قارالماقتا. بۇ جامە، 2011-يىلدىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدە.

چاتالھۆيۈك يېڭى تاش قورال دەۋرى شەھىرى: ئىنسانىيەتنىڭ ئولتۇراقلاشقان ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان چاتالھۆيۈك يېڭى تاش قورال دەۋرى شەھىرى كونياغا جايلاشقان. 2 مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخى بىلەن يېزا – قىشلاق تۇرمۇشىدىن شەھەر تۇرمۇشىغا ئۆتۈشنىڭ مۇھىم دەلىلى بولغان چاتالھۆيۈك، 2012-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

بەرگاما كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت مەنزىرىسى رايونى: ئىزمىرغا جايلاشقان بەرگاما كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت مەنزىرىسى رايونى ھېلېنىستىك، رىم، شەرقىي رىم ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرلىرىنى يورۇتۇپ بەرمەكتە. ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ مۇھىم ساغلاملىق مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئاسكلېپىئونغىمۇ ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان بەرگاما، 2014-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

بۇرسا ۋە جۇمالىقىزىق: بۇرسا ۋە جۇمالىقىزىق، 2014-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنىنىڭ  دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭدا مۇھىم رول ئوينىغان ئامىل بولسا، ئورھانغازى كۇللىييەسى ۋە ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆتەڭلەر رايونى، خۇداۋەندىگار كۇللىييەسى، يىلدىرىم كۇللىييەسى، يېشىل كۇللىييە، مۇرادىيە كۇللىييەسى ۋە جۇمالىقىزىق كەنتى بولدى.

دىيارباقىر قەلئەسى ۋە ھەۋسەل باغچىلىرى: دىيارباقىر قەلئەسى ۋە ھەۋسەل باغچىلىرى مەدەنىيەت مەنزىرىسى، 2015-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. دىيارباقىر سېپىللىرى ۋە ھەۋسەل باغچىلىرىدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسلىق قۇرۇلمىدىن تەشكىل تاپقان بۇ ساھە، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مىراسى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر