خىتاي- ئامېرىكا توقۇنۇشىدا يېڭى سەھىپە

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (04)

1710164
خىتاي- ئامېرىكا توقۇنۇشىدا يېڭى سەھىپە

خىتاي- ئامېرىكا توقۇنۇشىدا يېڭى سەھىپە

مۇرات يېشىلتاش

سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى

 

ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە ئاۋىستىرالىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان يېڭى بىخەتەرلىك شەرتنامىسى «AUKUS» نى «خىتاي-ئامېرىكا توقۇنۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسى» دەپ قاراشقا بولىدۇ.

يېڭى بىخەتەرلىك شەرتنامىسى «AUKUS» ئالدى بىلەن يەرشارى خاراكتېرلىك كۈچ رىقابىتىنىڭ ھەربىي سېپىنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەربىي سەپ ئەلۋەتتە كۈرەشنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا تەشكىل قىلىدۇ. گەرچە ئىقتىساد سېپىدە، يارىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىشلەر بولسىمۇ، ئەمما ھەربىي سەپتە ھېچقايسى تەرەپ ئىشىنى تەلەيگە تاشلاپ قويۇشنى خالىمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن دەسلەپكى باسقۇچتا خىتاينىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى ئىنتايىن مۇھىم. خىتاي مۇرەسسەچىلىكنى تاللامدۇ ياكى قارشى تەڭپۇڭلۇق پەيدا قىلىشنىمۇ؟ ھازىرچە بۇنى پەرەز قىلىش تەس، ئەمما خىتاي «بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنى تەڭ  ئىشلىتىدۇ» دېيىشكىمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ خىل قاراش خىتاينىڭ ئۆرلەش ئىستراتېگىيەسىنىڭمۇ تايانچ كۈچىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ قورقۇتماي، چۆچۈتمەي ۋە توقۇنۇشماي تۇرۇپ ئۆرلەشتۇر. خىتاينىڭ «AUKUS» غا قايتۇرغان ئىنكاسىمۇ كۈتۈلگىنىدەك بولدى ۋە بۇنىڭغا بىر «مەسئۇلىيەتسىزلىك» دەپ باھا بەردى.

ئاۋىستىرالىيەنىڭ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ئىقتىدارىغا ئىگە بولىشى، خىتايغا نىسبەتەن بىر قانچە جەھەتتىن مۇھىم ۋە تولىمۇ خەتەرلىك.

بىرىنچىدىن ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەنىڭ ئىستىخبارات ۋە ھەربىي كۈچىنى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكەش ئارقىلىق خىتاينىڭ ھەرىكەت قابىلىيىتى چەكلەنگەن بولىدۇ.

ئىككىنچىدىن ئاۋىستىرالىيەنىڭ ھۇجۇمچى مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق خىتايغا قاراتقان ھەربىي تەڭپۇڭلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، خىتاينىڭ دېڭىز-ئوكيان ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇش سۈرئىتىنى ئاستىلاتقانلىق بولىدۇ.

ئۈچىنچىدىن ئىستراتېگىيەلىك كۆلەمدىكى چېكىندۈرگۈچ كۈچىنى «AUKUS» ئارقىلىق تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، خىتايغا قارشى تەييار ھالەتكە ئۆتكۈزگەن ۋە خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئىستراتېگىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان بولىدۇ.

تۆتىنچىدىن ئاۋىستىرالىيەنىڭ يادرو كۈچكە ئايلىنىش ئېھتىماللىقى ئاشىدۇ. بۇ ئېنىق ھالدا، ھەم خىتاينىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىتىلىشى، قورشاۋغا ئېلىنىشى، ھەم ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق رايونلۇق ئاكتىيورلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى كۆزدە تۇتۇلغاندا خىتاينى كەڭ كۆلەملىك تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە دۇچار قىلغانلىق بولىدۇ. بۇنداق جىددىي مۇھىتتا، تەيۋەن مەسىلىسى تېخىمۇ ھالقىلىق نۇقتىغا كۆتۈرۈلگەن بولىدۇ. بۇ ئەھۋال  بەلكىم خىتاي بىلەن «AUKUS»  نى ئۇدۇل ھەربىي تۇقۇنۇشقا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

بۇ ئىستراتېگىيەگە قارشى ئەلۋەتتە خىتاينىڭمۇ نۇرغۇن تاللاشلىرى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى قوراللىنىش جەھەتتىن تېخىمۇ پەيلى بۇزۇق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش، شىمالىي كورېيەگە ئوخشاش سىستېما سىرتىدىكى ئاكتىيورلار ئارقىلىق قارشى قوراللىنىش قەدەملىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش شۇنداقلا يېراق ساھەلەردە، ئامېرىكا قالدۇرۇپ كەتكەن بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن چەت ئەللەردىن ئىتتىپاقداش ئىزدەشنى تېزلىتىشتۇر.

يېڭى بىخەتەرلىك شەرتنامىسى «AUKUS» تىن كېيىن ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تولۇق ئەزا سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنىڭ ئېلان قىلىنىشى تاسادىپىيلىقمۇ، ئەمەسمۇ؟ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، لېكىن بۇنىڭ ئامېرىكانىڭ باش ئاغرىقى بولغان ئىراننى خاتىرجەم قىلغانلىقى ئېنىق.

خىتاينىڭ تېخىمۇ مۇھىم يەنە بىر تاللىشى بولسا، ئىتتىپاق ئىچىدىكى ئەڭ ئاجىز ھالقىنى (يەنى، ئاۋسترالىيەنى) ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندۇرۇشتۇر. چۈنكى خىتاي ھېچ كېچىكمەستىن ئاۋسترالىيەگە «ئويلىشىپراق قەدەم تاشلا» دېگەن رەسمىي سىگنالىنى يوللىدى. خىتاينىڭ خەلقئارالىق مەسىلىلەردىكى كانىيى ھېسابلىنىغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دىكى تەھرىرلەر ئانالىزىدا، «ئەگەر ئاۋسترالىيە خىتايغا قارشى شەكىللەندۈرۈلگەن ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ئىستراتېگىيەدە ھەربىي جەھەتتىن ھۇجۇمچى سالاھىيەتلىك ئورۇن ئالغان تەقدىردە، بۇ جاۋابسىز قالمايدۇ» دېگەن سۆزلەرگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

ماقالىنىڭ ئەڭ دىققەت تارتىدىغان قىسمىدا بولسا، «يەرشارىنىڭ مالىمان بولۇشىغا كىم ئەڭ ئۇزۇن بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ خىتايمۇ؟» دېگەن ھالقىلىق بىر سوئال سورالدى.

قارىغاندا، ئامېرىكا-خىتاي توقۇنۇشى خەلقئارا سىستېمىدىكى كۈچ رىقابىتىنى يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرىدىغاندەك قىلىدۇ. خەلقئارا سىستېما ئۆزگىرىۋاتىدۇ ۋە كۈچ تەڭپۇڭلىقى يۆتكىلىۋاتىدۇ.

ئەسلى جاۋاپ تېپىشقا تېگىشلىك سوئال؛ «بۇ يۆتكۈلۈش چوڭ توقۇنۇش بىلەن بولامدۇ ياكى ئۇرۇشسىز بولامدۇ؟» دېگەندىن ئىبارەتتۇر. تارىخ قانلىق مىساللار بىلەن تولۇپ تۇرۇپتۇ!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر