دانىخورەك ۋە داۋالاش رېتسىپلىرى

شىپا بۇلىقى - 3

1707571
دانىخورەك ۋە داۋالاش رېتسىپلىرى

دانىخورەك ۋە داۋالاش رېتسىپلىرى

دوكتور مەھمەت ئۇچار

دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تېرە كېسەللىكى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان دانىخورەك بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە باشلىنىدۇ.

دانىخورەك چاڭ – توزان، ئۆلۈك تېرە ۋە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن توسۇلۇپ قالغان تەر تۆشۈكچىلىرىدە پەيدا بولىدۇ. توسۇلۇپ قالغان تەر تۆشۈكچىلىرى بولسا قارا داغلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ياكى ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دانىخورەك ھەددىدىن زىيادە ئاكتىپ  ياغ بەزلىرى، ھورمون تەڭپۇڭسىزلىقى، ياكى داۋالغۇش، بېسىم، ناچار دىيەت، دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرى ۋە تازىلىقنىڭ كەملىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

دانىخورەك داۋالانمىغان تەقدىردە داغ ۋە يارىغا ئايلىنىدۇ.

ئۆيدە تەييارلىغىلى بولىدىغان بەزى تەبىئىي ۋە ئۆسۈملۈك رېتسىپلىرى ئارقىلىق دانىخورەكنى يوقىتىش مۇمكىن.

1 - لىمون سۈيى ۋە دارچىن:

دارچىن بىلەن لىمون، دانىخورەكنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان كۈچلۈك باكتېرىيەگە قارشى تۇرغۇچى ماددا ھېسابلىنىدۇ.

 ماتېرىياللىرىمىز:

  • 2 قوشۇق يېڭى سىقىلغان لىمون سۈيى،
  • 1 قوشۇق دارچىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

دارچىن بىلەن لىمون سۈيىنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، دانىخورەكلەرنىڭ ئۈستىگە سۈرۈڭ. 15-20 مىنۇت كۈتكەندىن كېيىن، ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇڭ، نەملەندۈرگۈچ ئىشلىتىڭ ۋە ھەپتىدە 2-3 قېتىم تەكرارلاڭ.

2 - لىمون ۋە زەرچىۋە

زەرچىۋە؛ ئاغرىق ۋە ياللۇغنى ئازايتىدىغان كۈچلۈك ياللۇغ قايتۇرۇش ماددىسىدۇر.

ماتېرىياللىرىمىز:

  • 1 قوشۇق زەرچىۋە تالقىنى،
  • 1 دانە لىمون سۈيى.

تەييارلاش ئۇسۇلى:

  زەرچىۋە بىلەن لىمون سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇپ، دانىخورەككە سۈرۈڭ. 15-20 مىنۇتتىن كېيىن، ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇڭ، نەملەندۈرگۈچ ئىشلىتىڭ ۋە ھەپتىدە 2-3 قېتىم تەكرارلاڭ. (زەرچىۋە تېرىڭىزنىڭ ئازراق سېرىق رەڭدە قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، يۈزىڭىزنى بىر قانچە قېتىم يۇغاندىن كېيىن يوقىلىدۇ.)

3 - ياڭاق ۋە يېڭى ئۈزۈم ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ.

ياڭاق ۋە يېڭى ئۈزۈمنى ئىستېمال قىلىش ھەم دانىخورەك يارىسىنىڭ كېچىكىپ ساقىيىشىنى، ھەمدە يارىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4 - لىمون ۋە گۈل سۈيى

گۈل سۈيى؛ دانىخورەك ئارقىلىق غىدىقلانغان تېرىنى پەسكويغا چۈشۈرۈشتە ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى رولىنى ئوينايدۇ.

ماتېرىياللىرىمىز:

  • 1 قوشۇق لىمون سۈيى،
  • 1 قوشۇق گۈل سۈيى.

 

تەييارلاش ئۇسۇلى:

لىمون سۈيى بىلەن گۈل سۈيىنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى پاختا توپىنىڭ ياردىمىدە دانىخورەكلىرىڭىزگە سۈرۈڭ، شۇ پېتى يۈزىڭىزدە 20 مىنۇت تۇرسۇن، ئاندىن تېرىڭىزنى سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇڭ، كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشكەنگە قەدەر بۇنى ھەر كۈنى تەكرارلاڭ.

5 – لاۋانگۈل چېيى:

لاۋانگۈل چېيى دانىخورەك بار جايغا سۈركىلىدۇ. لاۋانگۈل چېيى دانىخورەكنى يوقىتىشقا پايدىلىق بولغاندىن باشقا، دانىخورەك بار جايدا داغ چۈشۈشنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدۇ.

6 - يېشىل چاي:

دائىم يېشىل چاي ئىچىپ بەرگەندە دانىخورەكنىڭ ئالدىنى ئالىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يېشىل چاي دانىخورەك بار رايونغا سۈركۈلىدۇ. 2 خالتا يېشىل چاي بىلەن تەييارلانغان چاينى، پاختىنىڭ ياردىمىدە سىستېمىلىق ھالدا دانىخورەك بار جايغا سۈرۈڭ.

7 - ھەسەل:

ھەسەل دانىخورەك كۆپ يۈز تېرىسىنى رېمونت قىلىپ، ئادەمنى تېخىمۇ ياخشى تېرىگە ئىگە قىلىدۇ.

8. ئورگانىك ئالما ئاچچىقسۈيى:

ئاچچىقسۇنىڭ باكتېرىيە ۋە مىكروبنى يوقىتىش ئالاھىدىلىكلىرى دانىخورەكنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن 1 قوشۇق ئورگانىك ئالما ئاچچىقسۈيى 2 قوشۇق سۇ بىلەن سۇيۇلدۇرۇلۇپ، بىر پارچە پاختىنىڭ ياردىمى بىلەن دانىخورەك رايونىغا ئەتىگەن ۋە كەچتە سۈركۈلىدۇ. بۇ شەكىلدە دانىخورەك بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قۇرۇپ كېتىدۇ.

9 - مىنېرال سۇ ۋە ئالما ئاچچىقسۈيى:

ھەپتىدە 3 قېتىمدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن، يېرىم ئىستاكان مىنېرال سۇ ۋە ئالما ئاچچىقسۈيىنى دانىخورەك سىرتىغا سۈرسىڭىز بولىدۇ.

10 – ئۆيدە تەبىئىي ھالەتتە ئۇيۇتۇلغان قېتىق

ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن، 1 قوشۇق قېتىقنى تېرىڭىزگە سۈرۈپ 10 مىنۇت ساقلاڭ، ئاندىن ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇپ، تېرىڭىزدىكى قېتىقنى چىقىرىۋېتىڭ.

11 - كوكۇس مېيى

كوكۇس مېيى، تېرىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان ۋە نەملىك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدىغان ئۆسۈملۈك دورىسى ھېسابلىنىدۇ. تەبىئىي كوكۇس مېيى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى ئەتىگەندە بۇ ماي بىلەن يۈزىڭىزنى نەمدەڭ. كوكۇس مېيى دانىخورەكنى قۇرۇتۇش ۋە تەر تۆشۈكچىلىرىنى چىڭىتىشنى تېزلىتىدۇ. ئەگەر يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە تېرىڭىزدىكى دانىخورەكنىڭ كۆپىيىشى تېزلەشكەن بولسا، كوكۇس مېيى بىلەن گىرىمىڭىزنىمۇ تازىلىسىڭىز بولىدۇ.

12 -  قەھۋە قالدۇقى:

شېكەرسىز ئىچىلىدىغان قەھۋەنىڭ قالدۇقى يۈز تېرىسىگە سۈركۈلىدۇ. قەھۋە قالدۇقىنى يۈز تېرىسىگە 10 مىنۇت قويۇپ قويۇش، دانىخورەكنى يوقىتىشقا پايدىلىقتۇر.

13 - لاۋانگۈل مېيى:

سىز ھەر كۈنى كەچتە دانىخورەك رايونىنى لاۋانگۈل مېيى بىلەن ئۇۋۇلىسىڭىز بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر