ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى غەيبنى (بىلىش) ئاللاھقا خاستۇر

ئاللاھنىڭ كۆرۈشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئاللاھنىڭ ئاڭلىشى نېمىدېگەن مۇكەممەل!

1707572
ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى غەيبنى (بىلىش) ئاللاھقا خاستۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: كەھف سۈرىسى، 23 – 29 - ئايەتلەر. سەن بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولساڭ، «ئەتە شۇ ئىشنى چوقۇم قىلىمەن» دېمەي[23]، «خۇدا خالىسا» دېگەن سۆزنى قوشۇپ دېگىن (يەنى خۇدا خالىسا قىلىمەن دېگىن)، (خۇدا خالىسا دېگەن سۆزنى ئۇنتۇپ قالساڭ، پەرۋەردىگارىڭنى تىلغا ئالغىن (يەنى «خۇدا خالىسا» نى ئېسىڭگە كەلگەندە ئېيتقىن) ھەمدە: «پەرۋەردىگارىمنىڭ مېنى بۇنىڭدىنمۇ يېقىن توغرا يولغا باشلىشىنى (يەنى دىنىم، دۇنيايىمدا مېنى ئەڭ تۈزۈك ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى) ئۈمىد قىلىمەن» دېگىن[24]. ئۇلار ئۆز غارىدا ئۈچيۈز توققۇز يىل تۇردى[25]. ئېيتقىنكى، «ئۇلارنىڭ تۇرغان ۋاقتىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى غەيبنى (بىلىش) ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ كۆرۈشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئاللاھنىڭ ئاڭلىشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئۇلارغا ئاللاھتىن بۆلەك ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ، ئاللاھ ئۆز ھۆكمىدە ھېچ كىشىنى شېرىك قىلمايدۇ»[26]. (ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ كىتابىدىن ساڭا ۋەھيى قىلىنغاننى ئوقۇغىن، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچ كىشى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، سەن ھەرگىزمۇ ئاللاھتىن بۆلەك ئىلتىجاگاھ تاپالمايسەن[27]. سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار (يەنى ئاجىز، كەمبەغەل مۇسۇلمانلار) بىلەن سەۋرچان بولغان ھالدا بىللە بولغىن، ھاياتىي دۇنيانىڭ زىبۇزىننىتىنى (يەنى مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ سۆھبىتىنى) دەپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن، بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن، ئىشى ھەددىدىن ئاشقان ئادەمنىڭ (سۆزى) گە ئەگەشمىگىن[28]. (ئى مۇھەممەد!) «(بۇ) ھەق (قۇرئان) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نازىل بولىدۇ، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن» دېگىن، بىز ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق، ئۇلار (تەشنالىقتىن) سۇ تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان (ناھايىتى قىزىق) سۇ بېرىلىدۇ، بۇ نېمىدېگەن يامان شاراب! جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي![29].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر