ئارسلانتەپە ئېگىزلىكى ۋە دۇنيادىكى تۇنجى دۆلەت قۇرۇلمىسى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانى...

1706834
ئارسلانتەپە ئېگىزلىكى ۋە دۇنيادىكى تۇنجى دۆلەت قۇرۇلمىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىنسانلار ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى «دۆلەت» ئۇقۇمى ئۈستىدە ئويلىنىپ، كۆڭۈلدىكىدەك دۆلەتنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشتى. بۇ تىرىشچانلىق قەدىمكى دەۋرگىچە داۋاملاشتى. ئۇ دەۋرنىڭ پەيلاسوپلىرىمۇ دۆلەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ۋە قانداق بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئىزچىل ئويلاندى. سوقرات، ئەپلاتۇن ۋە ئارىستوتېل بۈگۈنكى كۈندىكى دۆلەت پەلسەپەسى ئۇقۇمىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان مەنبەلەرنى يېزىپ چىقتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى ئەپلاتۇننىڭ غايىۋى دۆلەت چۈشەنچىسىنى ئۇستازى سوقراتنىڭ تىلى ئارقىلىق بايان قىلغان «دۆلەت» ناملىق ئەسىرىدۇر. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھازىرغىچە بارلىققا كەلگەن بارلىق دۆلەت نەزەرىيەلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپلەر بۇ مەنبە ئەسەردىن ئىلھام ئالغان. ئۇنداقتا، دۆلەت ئىدىيەسى قەدىمكى دەۋردە تۇنجى بولۇپ يۇنان پەيلاسوپلىرى سايىسىدا بارلىققا كەلدىمۇ؟ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇنداق ئۇقۇم يوقمىدى؟

* * * * *

دۆلەت ئىدىيەسىنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقى نامەلۇم. ئەمما بىز دۆلەتنىڭ قەدىمكى يۇناندىن خېلى بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراق ھاياتقا قەدەم بېسىشى بىلەن بىرلىكتە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى دۆلەت ئامىلىنىڭ شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقىغا دائىر نۇرغۇن پاكىتلار بار. مەزكۇر تۇنجى دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مىساللىرى تېپىلغان جاي بولسا، مىسسوپوتامىيە ۋە ئانادولۇدۇر. بۈگۈن دىققىتىڭلارغا 6000 يىللىق تارىخى بىلەن ئانادولۇدىكى تۇنجى شەھەر دۆلىتى قۇرۇلغان جاي ئارسلانتەپە تۆپىلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى سۇنىمىز.

ئارسلانتەپە تۆپىلىكى نۇرغۇن يېڭىلىقلار روياپقا چىقىرىلغان جاي بولۇپ، دەۋرىمىز مەدەنىيىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، دەپ قارىلىدۇ. بۇ تۆپىلىك مالاتيانىڭ باتتالغازى ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئېلىپ بېرىلغان قېزىش جەريانىدا، تۆپىلىكتىن ئالتە ئولتۇراق رايون ۋە مەدەنىيەت قاتلىمى تېپىلدى. تۆپىلىكتە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5000 - يىلدىن تارتىپ ۋىزانتىيە دەۋرىگىچە ئۈزلۈكسىز ھالەتتە ئىنسانلارنىڭ ياشاپ ئۆتكەنلىكى مەلۇم. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى، فىرات دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماق ئېقىنلىرىنىڭ بۇ رايوننى سۇ بايلىقى جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىشى ۋە مۇنبەت تۈزلەڭلىكلىرىنىڭ بولۇشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ. سۇ مەنبەلىرىگە يېقىن بولۇشى دەسلەپكى چاغلاردىن تارتىپلا ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشتىكى تاللىشىغا تۈرتكە بولۇپ كەلدى. چۈنكى ئۇ ھەم ھاياتنى داۋاملاشتۇرۇش جەھەتتە ئەجەللىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشى ھەم دېھقانچىلىققا ماس كېلىدىغان سۇ بايلىقى مۇھىتى سەۋەبىدىن مۇھىم ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ ھىتىتلاردىن رىم دەۋرىگىچە بولغان جەرياندا ئارسلانتەپەدە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنى بەرپا قىلىش مۇمكىن بولغانىدى.

* * * * *

ئارسلانتەپە ئېگىزلىكىدىكى قېزىش – تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى 1930- يىللارنىڭ بېشىدا باشلاندى. 1961- يىلدىن باشلاپ قېزىش – تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئىتالىيەدىكى «لا ساپېنزا ئۇنىۋېرسىتېتى» داۋاملاشتۇرماقتا. ئارسلانتەپەنىڭ ئەھمىيىتى مەركىزى دۆلەت سىستېمىسىغا ئۆتۈش ۋە دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ دەسلەپكى ئۈلگىلىرىگە شاھىت بولغان پاكىتلار تېپىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئاشتى. ئالدى بىلەن، بىر بۇتخانا قېزىۋېلىندى، ئاندىن مىلادىدىن ئۈچ مىڭ يىللار بۇرۇن، بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ بالدۇر  سېلىنغان بىر ئوردا، تەخت ۋە تامغا ئەۋرىشكىسى تېپىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە ئارسلانتەپە ئېگىزلىكىنىڭ ئانادولۇدىكى تۇنجى شەھەر دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ۋە دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئارسلانتەپە ئېگىزلىكىنى باشقا تارىخىي ئورۇنلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان بۇ ئوردا، «دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى خىش ئوردىسى» دەپ قارالماقتا. 2.5 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تام، بۇتخانا، ئامبار ۋە مەمۇرىي ئۆيلەردىن تەركىب تاپقان ئوردا قۇرۇلمىسى بۈگۈن زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان ھالەتتە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا ۋە تاملىرىنى زىننەتلىگەن 5500 يىللىق تارىخقا ئىگە رەسىملەر ھازىرمۇ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا.

قېزىش – تەكشۈرۈش جەريانىدا ئىككى مىڭدىن ئارتۇق تامغا ئىزى، مېتال قوراللار ۋە ھازىرغىچە تېپىلغانلىرىدىن كەم دېگەندە مىڭ يىل بۇرۇن سوقۇلغان توققۇز قىلىچ تېپىلدى. بۇ قىلىچلار دۇنيادىكى قورال ئىشلىتىشنىڭ تۇنجى ئىسپاتى دەپ قارىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، بۇ ئوردىنىڭ باراۋەرلىكنى ياقلىغۇچى بىر جەمئىيەتتىن سىنىپ ۋە مەركىزىيلەشكەن جەمئىيەتكە ئايلانغانلىقىنىڭ مىسلىسىز ئۈلگىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئەلۋەتتە، بۇ مۇساپىنىڭ قانداق ۋە قايسى خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى بېسىلغانلىقىنى بىلمىسەكمۇ، ئىنساننىڭ ئەقلىگە مۇقەررەر ھالدا ئەپلاتۇننىڭ مەشھۇر ئەسىرى «دۆلەت» تە ئوتتۇرىغا قويغانلىرى كېلىدۇ. ئەپلاتۇن، خەلقنىڭ پاراۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ «ھۆكۈمرانلار»، «ئەسكەرلەر» ۋە «خەلق»تىن ئىبارەت ئۈچ ئوخشىمىغان ئامىلدىن تەركىب تېپىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنەتتى. كىم بىلىدۇ؟! بەلكىم ئارسلانتەپەدە بۇنىڭدىن 6000 يىل ئىلگىرى ياشىغانلارمۇ بۇلارنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن.

* * * * *

ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ قەدىمكى ئوردا بىناسى جايلاشقان ئارسلانتەپە ئېگىزلىكى ئوخشىمىغان دەۋرلەردە رايوننىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە دىنىي مەركىزى بولغان. تۆپىلىك نامىنى قېزىش – تەكشۈرۈش جەريانىدا تېپىلغان ھىتىت دەۋرىگە ئائىت شىر ھەيكەللەردىن ئالغان. قېزىش جەريانىدا ساپال بۇيۇملار، قەدەھلەر، مېتال ئوقيا ئۇچلىرى، سۆڭەك قوراللار ۋە باشقا نۇرغۇن نەرسىلەر قېزىۋېلىندى. ئارخېئولوگلار ئوردىنىڭ ئامبارلىرىدىكى بارلىق قاچا - قۇچىلارنىڭمۇ پېچەتلەنگەنلىكىنى دەلىللەپ چىقتى . ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتىكى پېچەتلەر ئىنتايىن نەپىس لايىھەلەنگەن بولۇپ، ھازىرقى كۈندىمۇ كۆرگۈچىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ جەرياننىڭ قاتلاممۇقاتلام تەشكىللەنگەن ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئېنىقلاندى. پېچەتلەش جەريانى بىلەن، يېزىق بولمىغان بىر دەۋردە بۈگۈنكى بوغالتىرلىق سىستېمىسىنى ئەسلىتىدىغان شەكىلدە ئامبارلاردا ساقلانغان نەرسىلەر تىزىمغا ئېلىنغان بولىدۇ.

* * * * *

ئارسلانتەپە مىسسوپوتامىيەنىڭ سىرتىدىكى دۆلەت ھادىسىسى ۋۇجۇدقا كېلىشىدەك ناھايىتى مۇھىم جەريانغا شاھىت بولغان، بىيۇروكراتىيەنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولغان بىردىنبىر ئارخېئولوگىيەلىك ئورۇن. ئارسلانتەپە ئېگىزلىكى جەمئىيەتتە قاتلاملار شەكىللەنگەن، تامغا قاتارلىق مەمۇرىي ھوقۇققا ۋەكىللىك قىلىدىغان قوراللار ئىشلىتىلگەن، مېتال بۇيۇملار ۋە يېمەكلىك قاچىلىرى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان، قىسقىسى قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى تەرەققىي قىلغان جاي.   بۈگۈنكى كۈندە ئوچۇق ھاۋا مۇزېيىغا ئۆزگەرتىلگەن بۇ رايوندىكى ئىنتايىن ياخشى ساقلانغان خارابىلەرنى كۆرۈش مۇمكىن. بۇنىڭدىن 6000 يىل ئىلگىرىكى چاغنىڭ بىزگە نېمىلەرنى تەقدىم قىلغانلىقى كۆرۈش ۋە بۇنىڭغا شاھىت بولۇش ئادەمنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئارسلانتەپە ئېگىزلىكى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىنى قوغداش ئۈچۈن 2021- يىلى ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى - يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

* * * * *

60 يىلنى ئارقىدا قالدۇرغان ئارسلانتەپە تۆپىلىدىكى قېزىش – تەكشۈرۈش جەريانىدا قېزىۋېلىنغان بۇيۇملار، نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئەجدادلىرىمىز توغرىسىدىكى كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگەرتتى. چۈنكى بىز قەدىمكى دەۋردىكى كىشىلەرنى بەلكىم ئىپتىدائىي، ئۆزىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى مىڭ تەستە قامدايدىغان ئادەملەر توپى دەپ ئويلايتتۇق. ئۇلارنىڭ چىرايلىرى، ئاۋازلىرى يوق ئىدى... بىز ئۇلارنىڭ تاشلاندۇق يەرلەردە دېھقانچىلىق قىلىش، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كۈنلىرىنى ئۆتكۈزگەنلىكىگە ئىشىنەتتۇق. ھالبۇكى، نەۋالى چورى، گۆبەكلىتەپە ۋە ئارسلانتەپە تۇمانلىرىنىڭ تارقىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، بىزنىڭ ئۇلار توغرىسىدا قانچىلىك خاتالاشقانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇلارنىڭ خىش تاملىق ئوردىلىرىدا يامغۇر سۈيىنى چىقىرىۋېتىش لىنىيەسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر بار ئىدى. بۇتخانىلىرى، تام رەسىملىرى، تامغىسى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان بۇيۇملىرىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ بىزدىن 6000 يىل ئىلگىرى ياشىغان بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ ئارقىمىزدا ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتۇق.

يېزىقنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ئىنسانىيەتنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. بىراق، يېزىق كەشىپ قىلىنىشتىن خېلى بۇرۇنلا، تۇنجى دۆلەت شەكلى بارلىققا كەلگەن، ئاقسۆڭەكلەر بارلىققا كېلىپ، ئارسلانتەپە ئېگىزلىكىدە يېڭى ئىجتىمائىي قۇرۇلما شەكىللەنگەنىدى. شۇڭلاشقا ئۇ «دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى لاي خىش ئوردا» بولۇپلا قالماي، بەلكى مەركىزىيلەشكەن دۆلەت مىسالى، قاتلاملىق ھۆكۈمەت تەرتىپى ۋە مۇرەككەپ بيۇروكراتلىقنى ئىز قوغلاپ تاپقىلى بولىدىغان، ناھايىتى قىزىقارلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر جاي.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر