گۈلە

تۈركىيەنىڭ يېڭى ئۆرۈك ۋە گۈلە (ئۆرۈك قېقى) ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

1705869
گۈلە

tتۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:  تۈركىيەنىڭ يېڭى ئۆرۈك ۋە گۈلە (ئۆرۈك قېقى) ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا، بولۇپمۇ ئاقدېڭىزغا قوشنا دۆلەتلەردە ۋە ياۋروپادا ئۆرۈك ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. يېڭى ۋە قۇرۇتۇلغان ئۆرۈك ئىشلەپچىقىرىشتا بولسا، تۈركىيە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. تۈركىيەنىڭ يېڭى ئۆرۈك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەخمىنەن %55 ى ۋە قۇرۇتۇلغان ئۆرۈك مەھسۇلاتلىرىنىڭ %85 ى مالاتيادا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

ھىتىتلەر دەۋرىدە ئىسمىنى مىۋە باغچىسى مەنىدىسىدىكى «مېلىتا» سۆزىدىن ئالغان «مالاتيا» شەھىرى تۈركىيەدىكى 17 مىليون ئۆرۈك دەرىخىنىڭ تەخمىنەن 8 مىليونىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ ۋە  «دۇنيانىڭ ئۆرۈك پايتەختى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان ئۆرۈك، تەركىبىدىكى ۋىتامىن A ، B ، C ، E   دىن باشقا يەنە، تۆمۈر، كالتسىي، فوسفور، ماگنىي ۋە تالالارنىڭ ئامبىرى دەپمۇ بىلىنىدۇ. يېڭى ياكى قۇرۇتۇلغان ھالدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان ئۆرۈك، ھەزىم قىلىشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ ۋە تويۇنۇش تۇيغۇسى بىلەن ئورۇقلاشقا ياردەمچى بولىدۇ.  بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن بەدەننى ساغلام تۇتۇش ئارقىلىق كېسەللىكلەردىن ساقلايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر