كۈندە ئۈچ ئىستاكان قەھۋە ئىچىش، يۈرەك كېسىلى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ

ۋېنگىرىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى، كۈنىگە ئۈچ ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرگەندە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %21 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

1704502
كۈندە ئۈچ ئىستاكان قەھۋە ئىچىش، يۈرەك كېسىلى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ۋېنگىرىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا ئايان بولۇشىچە، كۈنىگە ئۈچ ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرگەندە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %21 تۆۋەنلىتىدىكەن.

ۋېنگرىيە سېممېلۋېيس (Semmelweis) ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرغىچە قىلىنغان ئەڭ ئەتراپلىق قەھۋە تەتقىقاتىنى ئېلىپ باردى. 11 يىل بويىچە قەھۋە ئىستېمال قىلىش بىلەن 468 مىڭ 629 كىشىنىڭ ساغلاملىق مەسىلىسى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش تەكشۈرۈلۈپ، «قەھۋە يۈرەك كېسىلى خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدۇ» دەپ يەكۈن چىقىرىلدى.

يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %21 تۆۋەنلەيدۇ

تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، كۈنىگە ئۈچ ئىستاكان قەھۋە ئىستېمال قىلغاندا، يۈرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان ئۆلۈم خەۋپىنى %17، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %21 تۆۋەنلىتىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئىنىستىتۇتىمۇ ئۆتكەن يىلى (2020) كۈنىگە 7-6 ئىستاكان قەھۋە ئىچىش ئارقىلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى %16 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

قەھۋەنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىنى%20، 2-تىپلىق دىئابىت كېسىلىنى%27 تۆۋەنلىتىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان ئىدى.

قەھۋەيىڭىز خۇرۇچسىز بولۇشى كېرەك

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەۋسىيەسى پەقەت تۈرك قەھۋەسى ۋە سۈزگۈچ قەھۋە بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئىستېمالچىلار، بۇنىڭدىن باشقا قەھۋەلەرنىڭ تەركىبىدىكى خۇرۇچلار سەۋەبىدىن سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇشى مۇمكىنلىكى سەۋەبىدىن ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ.

ئىككى يىل ئىلگىرى ئېچىلغان ۋە ئانادولۇدا 500 يىللىق تارىخقا ئىگە قەھۋە مەدەنىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان تۈرك قەھۋە مۇزېيىنىڭ يۇنېسكو (UNESCO) دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگەن قارابۈكنىڭ سافرانبولۇ ناھىيەسىدە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

100 كىشىنىڭ 63 ى «ئۆزئارا پاراڭلىشىش» ئۈچۈن تۈرك قەھۋەسىنى ئىچىدۇ

تۈركىيەدىكى تۈرك قەھۋەسىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، تۈرك قەھۋەسى ھەر 100 ئادەم ئىچىدە 63 ئادەم ئۈچۈن «ئۆزئارا پاراڭلىشىش» مەنىسىنى بىلدۈرىدىكەن، ئانادولۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا بۇ نىسبەت %100 كە ئۆرلەيدىكەن. ئەگە رايونىدىكىلەر قەھۋەنى خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ دېسە، ئاقدېڭىز رايونىدىكىلەر ھارغىنلىقنى پەسەيتىدۇ دەپ قارايدىكەن.

تۈرك قەھۋەسى ئىچىملىككە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە. ئۇنىڭ قىيامىنىڭ كۆپلۈكى ۋە لەززەتلىكلىكى ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مىس چەينەكتە پىشۇرۇلۇپ، ئىستاكان بىلەن ئىچىلىدۇ. «بىر ئىستاكان تۈرك قەھۋەسىنىڭ 40 يىللىق خاتىرىسى بار» دېگەن تۈرك ماقال-تەمسىلىگە ئەجەبلەنمەسلىك كېرەك. تۈرك قەھۋەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى 15-ئەسىردىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە تۇتىشىدۇ.

غازىئانتەپنىڭ تىزىمغا ئېلىنغان لەززىتى: مەنەنگىچ قەھۋەسى

ئوسمانلى سۇلتانى تۆتىنچى مۇراتنىڭ بىر قېتىملىق سەپەردىن قايتقاندا غازىئانتەپتە ئىچكەن مەنەنگىچ قەھۋەسى، تۈركىيە پاتېنت ۋە ماركا ئىدارىسى تەرىپىدىن «گاسترونومى» ساھەسىدە يۇنېسكونىڭ ئىجادىي شەھەرلەر تورىغا كىرگۈزۈلگەن «غازىئانتەپ» نامىدا تىزىمغا ئېلىندى.

مەنەنگىچ قەھۋەسىنىڭ پۇرىقى، تەمى ۋە شىپالىق تەرەپلىرى ئوخشىمىغاچقا، ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان ئىچىملىكلەرنىڭ بىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. تېرىلغۇسىز تاغلىق رايونلاردا تەبىئىي ئۆسىدىغان مەنەنگىچ دەرەخلەردىن ئېلىنىدۇ.

پىستە بادامغا ئوخشاش تەمى بار، كۈزدە دەرەخلەردىن يىغىۋېلىنىدىغان مەنەنگىچ دانچىلىرى، ئالدى بىلەن قۇرۇتۇلىدۇ، ئاندىن ئۇۋۇلىدۇ.

كۈچلۈك پۇرىقى سەۋەبىدىن، سۈت بىلەن تەييارلانغان مەنەنگىچ قەھۋەسىنىمۇ تۈرك قەھۋەسىگە ئوخشاش سۇ بىلەن پىشۇرغىلى بولىدۇ. تەملىك بولۇشىدىن باشقا، ھۆتەل، يۈرەك قان- تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە بۆرەك ئاجىزلىشىش كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ.

قەھۋەنىڭ بولۇپمۇ شەھەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئىچىملىكلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان، شەھەردىكى تىجارەتچىلەردىن بىرى بولغان سەلىم باغچى قەھۋەنىڭ نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە شىپالىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:

«مەنەنگىچ ياۋا پىستە بادام ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈنلەي تەبىئىي بولۇپ، تەركىبىدە كوففېئىن يوق. بىز مەنەنگىچ قەھۋەسىنى يېرىم ياغلىق سۈت بىلەن تەييارلايمىز. ئۇ مايلىق قەھۋە بولغاچقا، قوشقان سۈت ئۇنى يېنىكلىتىدۇ. مەنەنگىچ قەھۋەسىنىڭ 1635-يىلدىن تارتىپ 400 يىللىق تارىخى بار. مەنەنگىچ قەھۋەسى جۇغراپىيەلىك تىزىملاشتا 37-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ بىر خىل ئوخشىمايدىغان قەھۋە. كىشىلەر ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ نۇرغۇن تەبىئىي خۇسۇسىيىتى بار. ھازىر پاراشوك مەنەنگىچ قەھۋەسىمۇ ئىشلەپچىقىرىلدى. مەنەنگىچ قەھۋەسى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى، ئاۋاز يولى، ھۆتەلنى پەسەيتىش ۋە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر