نەمرۇت تېغى ۋە كومماگەنە پادىشاھى ئانتىيوخوس
«ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، نەمرۇت تېغى، كوماگەنە مەدەنىيىتى ۋە پادىشاھ ئانتىيوخس ياساتقان تەڭرى ھەيكەللىرىنى تونۇشتۇرىمىز.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئولتۇراق رايونلىرىدىن خېلىلا يىراقتا، كۆزگە ئالالىغانلارغا قاقاس بىر يولدا ناھايىتى قىيىن تاغقا يامىشىش سىزنى كۈتۈۋاتىدۇ. قاقاس، چۈنكى سىز كۆرەلەيدىغان ھېچقانداق دەرەخ ياكى يېشىللىق يوق. قىيىن، چۈنكى ئەگمە يوللار ۋە تىك يانتۇلۇقلار بار. 2 مىڭ يىل مۇقەددەم پەقەت پىيادە ياكى قېچىرلار بىلەنلا ماڭغىلى بولىدىغان بۇ يولنى، كۈنىمىزدە خالىسىڭىز ئاپتوموبىل بىلەن ئاخىرلاشتۇرالايسىز. ئەمما، شۇنى ئەسكەرتىشىمىز كېرەككى ئاپتوموبىل دالا ئاپتوموبىلى بولۇشى كېرەك. چۈنكى دۇنيادا قۇياشنىڭ چىقىشى ۋە پېتىشىدىن ئىبارەت بىر قانچە مىنۇتلۇق ئەڭ گۈزەل مەنزىرەنى كۆرۈش پۇرسىتىگە، مۇشۇ شەكىلدە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئانادولۇ جۇغراپىيەسىدە مەدەنىيەتلەر ۋە دۆلەتلەرنى بايان قىلغانغا ئوخشاش، ئۇ دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلىرى ۋە ئىمپېراتورلىرىنىمۇ بايان قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بەزىلىرى ئۇرۇشلار بىلەن تارىخقا يېزىلغان. بەزىلىرى تىنچلىق شەرتنامىلىرى بىلەن... بەزىلىرى ئۆزىنىڭ كاتتېلىقىنى دۇنياغا كۆرسىتىش ئۈچۈن غايەت زور خاتىرە سارايلىرىنى سالدۇرغان. بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بەزىلىرى باشقىلارنى ئۆزىنىڭ تىرىك تەڭرى ئىكەنلكىگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن تەبىئەتنىڭ مۆجىزىلىرىدىن پايدىلانغان. پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، نەمرۇت تېغىدىكى كومماگەنە مەدەنىيىتىنىڭ مەشھۇر پادىشاھى 1-ئانتىيوخوس توغرىسىدا، يەنى تىللاردا داستان بولغان ناھايىتى چوڭ تەڭرى ھەيكىلىنى ياساتقان پادىشاھ توغرىسىدا توختىلىمىز...
كومماگەنە مەدەنىيىتى، بۈگۈنكى ئادىيامان، كاھرامانماراش ۋە گازىئانتەپ شەھەرلىرىنى ۋە نەمرۇت تېغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان رايوندا بەرپا بولىدۇ. كومماگەنە بىر تەرەپتىن، رىم ئىمپېراتورلۇقى، يەنە بىر تەرەپتىن پېرسىيە پادىشاھلىقىغا قوشنا پادىشاھلىق ئىدى. ئورنى جەھەتتىن ئېيتقاندا، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي نۇقتىدىن ناھايىتى مۇھىم رايونغا جايلاشقان. بۇ پادىشاھلىق فىرات دەرياسىغا ۋە ئۇ دەريا سۇلايدىغان ئويمانلىققا ئىگە بولۇپ، قىممەتلىك سەدىر دەرەخلىرى ۋە باشقا تەبىئىي بايلىقلار نۇقتىسىدىنمۇ ناھايىتى مول بولغان كىچىك دۆلەت ئىدى. كومماگەنە كىچىك بولسىمۇ، ئەمما شەرق ۋە غەرب ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق رولىنى ئوينىغان دۆلەت ئىدى. پادىشاھ ئانتىيوخوسنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇشماستىن تەخمىنەن 40 يىل دۆلىتىنى باشقۇرىدۇ. پادىشاھنىڭ دادىسى پارس، ئانىسى ھەلەن بولۇپ، ئۇ بۇ ئارتۇقچىلىقتىن پايدىلانغان. ئۆزى ياشىغان دەۋرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىككى مەدەنىيىتىنى بىر يەرگە كەلتۈرۈشنى نىشان قىلغان كومماگەنە پادىشاھى، ھەم پارس ھەمدە ھەلەن تەڭرىلىرىنى مۇقەددەس دەپ قوبۇل قىلىدۇ. نەمرۇت تېغىدا مىڭلارچە يىلدىن كېيىن، «تەڭرىلەرنىڭ تەختى» دەپ بىلىنىدىغان ئېگىزلىكى 10 مېتىر كېلىدىغان ناھايىتى كۆركەم تەڭرى ھەيكەللىرىنى ۋە ئۇزۇنلۇقى بىر قانچە مېتىر كېلىدىغان كىتاپلىقلارنى، بۇ سەۋەبتىن ياساتقان دەپ قارىلىدۇ.
كومماگەنە پادىشاھى بۇ ھەيكەللەرنى پەقەت شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرۈش مەقسىتىدە ياساتمىغان. ئۇ كۆرگەنلەرنى ھەيران قالدۇرغان، تەڭداشسىز كۆركەم ھەيكەللەرنى تەڭرىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىغا مىننەدارلىقىنى بىلدۈرۈش، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىنى ۋە تەڭرى پادىشاھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ياساتقان. بۇ كۆركەم ھەيكەللەر ئۈچۈن غايەت زور مىقداردا پۇل خەجلەنگەن، نۇرغۇن كىشىلەر يىللارچە ئەجىر قىلغان.
شەرق ۋە غەرب تەرەپتە قۇياشنىڭ چىقشىغا قاراپ تەختلىرىدە ئولتۇرغان ناھايىتى چوڭ تەڭرى ھەيكەللىرى بار. بۇلار ئاسماننىڭ خوجايىنى بۈركۈت، يەر يۈزىنىڭ خوجايىنى شىر، كومماگەنە پادىشاھى 1-ئانتىيوخوس، زېئۇس، ئاپوللون ۋە ھېراكلېس ھەيكەللىرىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە، شەرق تەرىپى كىلىمات ۋە ھاۋا تېمپېراتۇراسىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغانلىقى ۋە ھەيكەللەرنىڭ باشلىرى سۇنۇپ چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھەيكەللەرنىڭ باشلىرى گەۋدىسى بىلەن بىر يەرگە قويۇلغان. بۇ كىشىگە تېخىمۇ سىرلىق تۇيۇلىدۇ ۋە كۈچلۈك تەسىرات پەيدا قىلىدۇ. غەرب تەرەپتىكى ھەيكەللەرنى ئەسلى ھالىتى بويىچە كۆرگىلى بولىدۇ. ئەينى دەۋرنىڭ تېخنولوگىيەسىنى ئويلاشقاندا، غايەت زور تەڭرى ھەيكەللىرىنىڭ قانداق ياسالغانلىقى مەسىلىسى كىشىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ. ئارخېئولوگلار تاغدىكى چوڭ ھاك تاشلىرى بار جايلار قېزىلىپ، ھەيكەلگە ئايلاندۇرۇلغان دەپ قارايدۇ.
پادىشاھ ئانتىيوخوس ياساتقان ھەيكەللەر، ئەسلىدە ئۇنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن ياساتقان قەبرىنى ۋە ئىبادەتخانىنى ئوراپ تۇرىدۇ. ھەيكەللەر ئولتۇرغان تەختلەرنىڭ ئارقىسىدا 200 قۇردىن كۆپ ۋەسىيەت بار. ھەلەن ئۇسۇلىدا يېزىلغان ۋەسىيەت تېكستى سايىسىدا، كومماگەنە پادىشاھىنىڭ سىرى ئاشكارىلىنىدۇ. تېكستتە ئىبادەتخانىدا ئۆزىنىڭ «مۇقەددەس» قەبرىسىنىڭ بارلىقى ئېيتىلىپ، ئۆزىدىن كېيىنكىلەردىن ئىبادەتخانىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنە، ئىبادەت ئۈچۈن كەلگەنلەر ماختىلىدۇ، يامان نىيەت ئۈچۈن كەلگەنلەر قاغىلىدۇ.
پادىشاھ مۇنداق ۋەسىيەت قالدۇرىدۇ:
«كاتتا نەسەبىمنىڭ مۇقەددەس شەرىپىگە ئاتىغان شەھەر، يېزىلاردىن قولغا كەلگەن كىرىم بىلەن، بۇ قۇربانلىق سۇپىسىدا مول مىقداردا خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر تەقدىم قىلىنىشى كېرەك. شۇنداقلا تەڭرىلەر ۋە مېنىڭ شەرىپىمگە كاتتا قۇربانلىقلار قىلىنىشى كېرەك. مۇقەددەس داستىخانلارغا لايىق نازۇ-نېمەتلەر تولدۇرۇلۇشى، بارلىق يەرلىك ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار قىزغىن كۈتۈۋېلىنىشى ۋە زىياپەت كۆڭۈللۈك بولۇشى كېرەك.»
كومماگەنە پادىشاھىنىڭ قەبرىسى پارچىلانغان تاشلاردىن ياسالغان بولۇپ، ئانادولۇدىكى تەڭدىشى يوق ئەڭ كۆركەم قەبرىلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قەبرە بار تۆپىلىك ئېگىزلىكى 2100 مېتىر كېلىدىغان نەمرۇت تېغىنىڭ چوققىسىغا جايلاشقان. قىيا تاشلار ئويۇلۇپ ياسالغان قەبرىنىڭ ئېگىزلىكى 50 مېتىر كېلىدۇ. ئۈستى قەبرە ئوغرىلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالقانچىلىك كېلىدىغان كەسمە تاشلار بىلەن كۆمۈلگەن. كومماگەنە پادىشاھىنىڭ بۇ تەدبىرىنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ. چۈنكى قازغانسېرى تاشلار قۇمغا ئوخشاش پەسكە چۈشكەنلىكى ئۈچۈن بۈگۈنگىچە قەبرىگىچە بارغىلى بولمىغان.
ئاستىدا قەبرە بار تۆپىلىك، كۈننىڭ چىقىشىنى ۋە پېتىشىنى ئەڭ ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. تاغنىڭ چوققىسى ناھايىتى ئېگىز بولغانلىقى ئۈچۈن قۇياش چىققاندا ۋە پاتقاندا ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن ناھايىتى چوڭ كۆرۈنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، نەمرۇت تېغىدا قۇياشنىڭ چىقىشىنى ۋە پېتىشىنى كۆرگەنلەر ھەيران قالغانلىقىنى ۋە ئوخشىمىغان ھېس-تۇيغۇلارغا ئىگە بولغىنىنى ئېيتىشىدۇ. بۇ بەلكىم كىشلەرنىڭ ياشاۋاتقان دۇنيادىن، شۇ ۋاقىتتىن بىر قانچە مىنۇت ئايرىلغانلىقى ۋە سىرلىق زامان تونېلىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن، بەلكىم ئاشۇ پەيتنى زاماننىڭ جىمجىت شاھىتلىرى بىلەن بىرلىكتە كۈتۈۋالغانلىقى ئۈچۈن بولغاندۇ. كىم بىلىدۇ؟
نەمرۇت تېغىدا قىلغان مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقاتلىرى ۋە «نەمرۇت تېغىنىڭ چوققىسىدا تەڭرىلەرنىڭ تەختلىرى» ناملىق كىتابى بىلەن تونۇلغان گېرمانىيەلىك ئارخېئولوگ فىدىرىخ دۆرنېر (Friedrich Dörner) نەمرۇت تېغىغا تۇنجى چىققاندىكى تەسىراتىنى قەتئىي ئۇنتۇيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «قانچىلىك تەييارلىق قىلىپ بېرىشتىن قەتئىينەزەر، ئەمەلىيەت كىشىنى يەنە ھەيران قالدۇرىدۇ» دەيدۇ.
ھەم تەبىئەتنىڭ خاتىرىسى ھەمدە ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن يارىتىلغان تارىخىي ئەسەر ھېسابلىنىدىغان نەمرۇت تېغى، بۈگۈن ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكونىڭ دۇنيا مىراس تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالىدۇ. شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرى ئارىسىدا كۆۋرۈك بولغان كومماگەنە مەدەنىيىتىگە تەۋە تەڭرى ھەيكەللىرى نەمرۇت تېغىدا.
سان-ساناقسىز مەدەنىيەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلغان ئانادولۇ جۇغراپىيەسى، نەمرۇت تېغىدا يەنە بىر باشقا يۈزىنى كۆرسىتىدۇ. خۇددىي ئۆتمۈشى ۋە كلەچىكىنى كۆزىتىۋاتقان چوڭ ھەيكەللىرى بىلەن بىزنى سىھىرلەيدۇ. باشقا دۇنيانىڭ ئىشىكىلىرى ئېچىلغانغا ئوخشاش، قۇياش چىققاندا يەر يۈزىنى قىپقىزىل رەڭگە پۈركەيدۇ. ھەممە جاينى تىمتاس جىمجىتلىق قاپلايدۇ، ۋاقىت بىر ئىزىدا توختايدۇ. بىز مۆجىزە يۈز بېرىدىغاندەك قۇياش قايتىدىن چىققاندا، كىشى زاماننىڭ باشلىنىشىغا شاھىتلىق قىلغانلىقىنى ئويلاپ ھۇزۇر ئىچىگە چۈمۈلىدۇ.