يېڭى شەيئىيلەر گۈزەل بولىدۇ

ـكىلىمات ئۆزگىرىشى: زۆرۈر تەدبىرلەر ئېلىنمىسا ۋە يەر شارىنىڭ ئىسسىشى داۋاملاشسا، كىلىمات ئۆزگىرىشىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. ئۇنداقتا تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ كەتسە قانداق ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن؟ قانداق مەسىلىلەرگە يولۇقىمىز؟

1700960
يېڭى شەيئىيلەر گۈزەل بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ب د ت دىكى ھۆكۈمەتلەر ئارا كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، كىلىمات دۇنيا مىقياسىدا، تېز سۈرئەتتە ۋە ناھايىتى كۆپ ئۆزگەرمەكتە. بەزى ئۆزگىرىشلەر يۈزلەرچە، مىڭلارچە يىل قايتا كەلمىگىدەك دەرىجىدە.

ھەر بىر رايون بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان كىلىمات ئۆزگىرىشىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرى يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى بىلەن تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.

مەزكۇر دوكلاتتا، سەرا گازىنى ئازايتىش ۋە كاربون ئوكسىد قويۇپ بېرىشنى نۆلگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك، تېز، چوڭ كۆلەمدە ۋە ئىزچىل ھالدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە چەك قويغىلى بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.

بۇ خىزمەتلەر توغرا شەكىلدە قىلىنمىسا؟

سەرا گازى ۋە كاربون ئوكسىد قويۇپ بېرىش كەڭ كۆلەمدە ئازايتىلمىسا، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى 1.5 گىرادۇستىن 2 گىرادۇسقىچە بولغان ئارىلىقتا چەكلەپ تۇرۇش ئىمكانسىز ھالغا كېلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا يەر شارىدىكى ھاياتلىقنىڭ مۇھىم تەڭپۇڭلۇقلىرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

ئوت دەۋرى باشلاندى

ئامېرىكالىق مۇھىت ئاسىراش پىروفېسسورى ستېفېن پيىن (Stephen Pyne) يەر شارىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى «ئوت دەۋرى» دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ دەۋردە ئوت ئاپەتلىرىنىڭ سانى كۆپىيىدىكەن ۋە ئاسانلىقچە ئۆچۈرۈلەلمەيدىكەن.

ئوت دەۋرىدە بىزنى نېمىلەر كۈتىدۇ؟

پەسىللەر ئۆزگىرىدۇ، تەبىئىي ئاپەتلەر كۆپىيىدۇ، ئاپەتلەرنىڭ كۆپىيىشى كېسەللىكلەرنىمۇ كۆپەيتىدۇ. دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسى ئۆزگىرىدۇ، كىلىمات كۆچى يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ، يېممەك-ئىچمەك، يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىق ئۆزگىرىدۇ.

ب د ت نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ماداغاسقار دۇنيادا كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن «ئاچارچىلىق» كۆرۈلگەن بىرىنچى دۆلەت بولۇشقا قاراپ ماڭماقتا ئىكەن.

ئۆتكەن يىل (2020) 94 دۆلەتتىن 25 مىليون كىشى كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى. بۇنىڭ ئاستىدا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ھاۋا ئىسسىپ كېتىشى بار. كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن يېڭى كۆچ دولقۇنلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى كۈتۈلمەكتە.

دۇنيا بانكاسىنىڭ تەخمىنلىرىگە ئاساسلانغاندا، 2050-يىلىغىچە 140 مىليون كىشى ياشاۋاتقان ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولىدىكەن. سەھرايى كەبىرنىڭ ئاستىدىكى ئافرىقا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكادا ئەڭ كۆپ كۆچ يۈز بېرىدىكەن.

مۇھىت قايغۇسىنىڭ ئىسمى-ئىكولوگىيەلىك ئەندىشە

دۇنيانى تونۇغان، دۇنيا ئۈستىدە ئىزدەنگەن ۋە تونىغانچە مەسئۇلىيەت ئېڭى كۈچەيگەن كىشىلەردە ئىكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ زىيانغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرگەنسېرى ئىكولوگىيەلىك ئەندىشە، يەنى كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەب بولغان ئاپەتلەرنىڭ جىقىيىشى بىلەن قايغۇ پەيدا بولىدۇ.

ئېكولوگىيەلىك ئەندىشە ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، كېلەچەكتىن ئەندىشە قىلىدىغان، پەرزەنتلىك ۋە ياشاۋاتقان دۇنيانى تۈگىتىۋېتىشنىڭ ئورنىغا، بۇ يەرگە قەرزدار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلار ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ. چۈنكى ئۇلار قوغداش كېرەك بولغان دۇنيا ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىلالمايدىغانلىقلىرىنى ئويلاپ ئۆزىنى چارەسىز ھېس قىلىدۇ.

ناھايىتى ئەپسۇسكى، يەر شارىنىڭ ئىسسىشى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ھاياتىمىزغا تەسىر قىلىدۇ. ئەمما، ئۈمىد بىلەن قارىغاندا، بارلىق دۆلەتلەرنى ئۆزىمىزنى ۋە يەر شارىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ھازىرمۇ پۇرسىتىمىز بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر