ئىككىنچى تالىبان دەۋرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (87)

1698467
ئىككىنچى تالىبان دەۋرى

ئىككىنچى تالىبان دەۋرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (87)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئىككىنچى تالىبان دەۋرى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ** *** *********

تالىباننىڭ ئافغانىستاننى تېزلا كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىشى ھەممەيلەنگە نىسبەتەن كۈتۈلمىگەن بىر ئىش بولدى. 2020-يىلى مارتتا ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمدىن كېيىن، تالىباننىڭ ئىلگىرىلىشى ئاللىقاچان تېزلەشكەن ئىدى. ترامپ دەۋرىدىكى ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش سىياسىتىنى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پىتى قوللىنىشى، تالىباننى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلدى. بايدىننىڭ قارارى بىلەن چېكىنىش ۋاقتىنىڭ بالدۇرغا ئېلىنىشى تالىباننىڭ پايتەخت كابۇلنى ئاسانلا ئالقىنىغا كىرگۈزىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كابۇل قولدىن كېتىشى بىلەن تەڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى رەسمىي يىقىلىپ، ئافغانىستان مىللىي ئارمىيەسى تارقىلىپ كەتتى. ئەمدىلىكتە ئالدىمىزدا تالىباننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن يېڭى بىر ئافغانىستان كۈتۈپ تۇرماقتا. جاۋابى ئەڭ كۆپ كۈتۈلىۋاتقان سوئال بولسا، ئىككىنچى تالىبان دەۋرىنىڭ زادى قانداق بىر ئافغانىستاننى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقىدۇر.

ئالدىمىزدا ئۈچ خىل سىنارېيو بار. بىرىنچىسى؛ تالىباننىڭ ھەممىنى ئۆز قوينىغا ئالالايدىغان بىر ھۆكۈمەت تەشكىللىشىدۇر. ئوخشىمىغان مىللەت ۋە دىنىي گۇرۇپپىلار سۇنداقلا سابىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ خىل ھۆكۈمەت تالىباننىڭ دۆلەتنى تېخىمۇ ئاسان ئىدارە قىلىشىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، بىخەتەرلىك، ئىستىخبارات ۋە ئىقتىساد قاتارلىق مۇھىم مىنىستىرلىقلار تالىباننىڭ باشقۇرۇشىدا بولسا، كىچىك ئانچە مۇھىم بولمىغان مىنىستىرلىقلار تالىبان سىرتىدىكى گۇرۇپپىلارغا تارقىتىلىپ بېرىلىشى مۇمكىن.  لېكىن بۇ مۆتىدىل سىنارېيو پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ قانداق تەشكىللىنىشى بىلەنلا چەكلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. تالىباننىڭ شەرىئەت قانۇنلىرىنى قانداق ئىجرا قىلىشىمۇ بۇ مۆتىدىل سىنارېيونىڭ ئىشقا ئېشىشىدا ئىنتايىن مۇھىم. تالىباننىڭ بۈگۈنگە قەدەر ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا ئاياللارنىڭ خىزمەت ھاياتىغا قاتنىشىشى توغرىسىدا ئوتتۇراھال سىگناللارنى بەردى.  31-ئاۋغۇستتىن كېيىنمۇ ئوخشاش سىگناللارنى بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇلارنى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ئەكس ئەتتۈرىشى لازىم. چۇنكى بۇ سىنارېيونى قوللايدىغان نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق ئاكتىيورلار «مۇھىم بولغىنى تالىباننىڭ ئەمەلىي ئىجرائاتى» دەپ بايانات ئېلان قىلماقتا.

ئىككىنچى سىنارېيو تالىباننىڭ مۇتلەق ھاكىمىتىيىنى بەرپا قىلىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، تالىبان ھوقۇقنى بۆلۈشۈشنىڭ ئورنىغا، پۈتكۈل قۇرۇلمىنى كونتروللۇقىغا ئېلىپ ئافغانىستاندا مۇتلەق ھاكىمىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شەرىئەت قانۇنلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىش ئارقىلىق جەمئىيەتنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سىنارېيودا، بىخەتەرلىك، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ قاتتىق قول تالىبان ھۆكۈمىتىنى كۆرۈشىمىز مۇمكىن.

ئۈچىنچى سىنارېيو بولسا، زوراۋانلىقنى ئاساس قىلغان قورقۇنچلۇق تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلۇشىدۇر. 1996- يىلىدىن 2001-يىللىرىغىچە بولغان مەزگىلدىمۇ تالىبان قاتتىق قول ئىجرائاتلىرى بىلەن جەمئىيەتنى پۈتۈنلەي بېسىم ئارقىلىق كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغان بىر ھاكىمىيەت تۈزىمىنى بەرپا قىلغان ئىدى. تالىباننىڭ شۇنداق بىر ھاكىمىيەت تەجرىبىسىگە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم. يېڭى قۇرۇلىدىغان تالىبان ھاكىمىيىتى بىلەن زوراۋانلىق ۋە زۇلۇمنىڭ كۆرۈنەرلىك بولىشى، شۈبھىسىزكى، تالىباننىڭ قولىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئاجىزلاشتۇرىدۇ. لېكىن تالىباننىڭ بىرلا قۇرۇلما ئەمەسلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، گەرچە ئوتتۇراھال سىگناللار بېرىلگەن تەقدىردىمۇ دىنىي، سىياسىي ۋە ھەربىي قاناتلار ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئوخشىماسلىقى شەكىللىنىپ قالسا، زوراۋانلىق ۋە زۇلۇم مەركەزدە ئورۇن ئالغان يېڭى بىر خىل ھاكىمىيەت پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا تالىبانغا قارشى يەرلىك قوزغىلاڭلارنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولىشى مۇمكىن.

تالىباننىڭ قانداق ھۆكۈمەت قۇرۇشى ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. پۈتۈنلەي يېپىق بىر ھاكىمىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئافغانىستاندا مەۋجۇت مەسىلىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىغانلىقى تۇرغانلا گەپ. ب د ت نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئافغانىستاندا 10 مىليون كىچىك بالا ئاچارچىلىق خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، 14 مىليون ئىنسان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدە ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. بۇ سان ئافغانىستان نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. تالىبان مەيلى قانداق ھۆكۈمەت قۇرۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئالدىدا تولىمۇ چېگىش مەسىلىلەرنىڭ بارلىقى ئېنىق. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئافغانىستاننى باشقۇرۇش پەقەت مۆتىدىل سىنارېيونىڭ ئىشقا ئېشىشغا باغلىق. ئەكسىچە بولغاندا، ئافغانىستان تېخىمۇ بەك قانلىق ئىچكى ئۇرۇشقا پېتىپ قىلىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر