تالىباننىڭ يۈكسىلىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (86)

1694481
تالىباننىڭ يۈكسىلىشى

تالىباننىڭ يۈكسىلىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (86)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تالىباننىڭ يۈكسىلىشى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** **** ** ***** *****

20 يىللىق ئىشغالىيەتتىن كېيىن، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن چېكىندى. تالىبان ئويلىمىغان يەردىن پۈتۈن ئافغانىستاننى ئىگىلىدى. ئامېرىكا نەچچە يۈز مىليارد دوللار خەجلەپ تەربييەلىگەن ۋە قوراللاندۇرغان ئافغانىستان ئارمىيەسى ئۇرۇشمايلا تارقىلىپ كەتتى. كابۇلنىڭ ھامىد كارزايى ئايرودورۇمىدا يۈز بەرگەن ئەھۋاللار ئامېرىكانىڭ ئىشغالىيەتت تارىخى ۋە ئىنسانلىق نۇقتىسىدىن تولىمۇ نۇمۇسقىلارلىق ئىش بولدى.

ئامېرىكا 11-سېنتەبىردىكى ھۇجۇمدىن كېيىن كونترولسىز ھالەتتە ئافغانىستاننى ئىشغال قىلغاندا، بەلكىم 20 يىل بويىچە بۇ يەردە مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ، ئارقىدىن ئافغانىستاننى تالىبانغا تاشلاپ بېرىپ چېقىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېسابلىمىغان بولىشى مۇمكىن. بايدىن تەكىتلىگەندەك، ئامېرىكا بۇ جەرياندا مىڭلىغان ئەسكەرلەر بىلەن 3 تىرىليون دوللار ئىقتىسادىي زىيان تارتتى.

ئەسلىدە ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئايىغى چىقماس ئۇرۇشقا بولغان نارازىلىقى كۈچەيگەن ئىدى. ترامپ دەۋرىدە دوھادىكى تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلۈپ چېكىنىش ۋاقتى بەلگىلەندى. بايدىن دەۋرىدە بولسا چېكىنىش جەريانى تېزلىتىلدى. لېكىن ئامېرىكىدا ھېچكىىشى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىشى بىلەن پاراللېل ھالدا بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە تالىباننىڭ دۆلەتنى ئىگىلىۋالىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا تەربىيلىگەن ۋە قوراللاندۇرغان 300 مىڭ كىشىلىىك ئافغانىستان قىسىملىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېسابقا قوشمىغان ئىدى.

ئامېرىكا چېكىنىشنى تاماملاشتىن بۇرۇنلا تالىبان قىسىملىرى باشقا چوڭ شەھەرلەردىن كېيىن كابۇلنى قولغا چۈشۈردى. نەچچە مىڭ ئامېرىكا پۇقراسى كابۇلدا قاپسىلىپ قالدى. ئامېرىكا ئىلگىرى ئافغانىستاندىن ئېلىپ كېتىشكە ۋەدە قىلغان نەچچە ئون مىڭلىغان تەرجىمان ۋە ئۆزىگە خىزمەت قىلغان ئافغانىستانلىقلارنى ئوتتۇرىدا تاشلاپ قويدى. كابۇل ئايرودورۇمىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، ئامېرىكا ئايروپىلانىغا چىقىشقا ئۇرۇنغان ئافغانىستانلىقلارنىڭ ئارقىغا ئىتتىرىلىشلىرى ۋە ئايروپىلاننىڭ چاقىغا يامىشىۋالغانلارنىڭ ھاۋادىن يەرگە چۈشۈشلىرى ئامېرىكا دۇچار بولغان مەغلۇبىيەتنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بەردى.

 

ئەمدىلىكتە ئامېرىكا تالىبان بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، پۇقرالىرىنى كابۇلدىن چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ. تالىبان بولسا، غالىبىيىتىنى پىشىپ يېتىلگەن ھالەتتە قارشى ئالىدىغاندەك قىلىدۇ. بۇرۇنقى رادىكال سۆز ۋە ئىجرائاتلىرىنى يۇمشىتىپ، تېخىمۇ كەڭ قورساق ۋە ھەممىنى قۇچاقلىيالايدىغان ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى نامايان قىلماقتا. ھېچ بولمىغاندا شۇنداق كۆرۈنۈشكە تىرىشماقتا. شۇنىسى ئېنىقكى، تالىباننىڭ  كېيىنكى مەزگىلدە تاشلايدىغان قەدەملىرى بۇ جەھەتتە ئاساسلىق بەلگىلىگۈچى رولى ئوينايدۇ. ئەمما ھېچ بولمىغاندا ھازىرقى باسقۇچتا تالىبان رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئۆتمۈشتىن تەجرىبە-ساۋاق ئالغانلىقى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن يېتىم قالدۇرۇلغان بىر ئافغانىستان بولۇشنى خالىمايدىغانلىقى روشەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر