فىرىگيانلار پادىشاھى مىداس ھەققىدىكى رىۋايەتلەر

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىنى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1703172
فىرىگيانلار پادىشاھى مىداس ھەققىدىكى رىۋايەتلەر

بىر مۇزېينى زىيارەت قىلىۋېتىپ، بۈگۈن ئىشلىتىۋاتقان بۇيۇملارنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىمۇ ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرگىنىڭىزدە ھەيران قالامسىز؟ ئۇ ئەينەك ئىشكاپلاردىكى ئىستاكانلار، قاچىلار، ھالقا ياكى تەڭگىلەر سىزنى قەدىمكى مەدەنىيەتلەر ۋە ئىنسانىيەت باشتىن كەچۈرگەن باسقۇچلار ھەققىدە ئويلىنىشقا ئۈندەمدۇ؟ تۇنجى ئاشخانا سايمانلىرى ياكى تۇنجى زىننەت بۇيۇملىرىنى قايسى مەدەنىيەتنىڭ ئىشلەپچىقارغانلىقىنى بىلىشىمىز مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما بۇرۇنقىدەك بولمىسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىشلىتىلىۋاتقان ئىلگەكنىڭ قايسى مەدەنىيەت تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇلار فىرىگيانلار ئىدى.

* * * * *

فرىگيانلار ئانادولۇنىڭ ھىتىتلاردىن كېيىنكى ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى. ئۇلار تۇنجى ئىلگەك «فىبۇلا» ۋە تۇنجى نەينى كەشىپ قىلغۇچىلاردۇر. ئانادولۇدىكى بالىلىرىغا ئويۇنچۇق ياساپ بەرگەن تۇنجى مەدەنىيەتمۇ، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى موزايكىنى زىننەتلىگەنلەرمۇ فرىگيانلاردۇر... ئانادولۇدىن چىقىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان، ئىنسانغا ئوخشاش سۆزلەپ، ئىنسانغا ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى قىلىدىغان ھايۋان ھېكايىلىرى - مەسەللىرىنىڭ ئىجادچىسىمۇ، ئانادولۇنىڭ تۇنجى زەرگەرلىرىمۇ بۇ مەدەنىيەتنىڭ قوينىدا يېتىشكەن.

بەزى مەنبەلەردە فرىگيانلارنىڭ بالقان ئارقىلىق ئانادولۇغا كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئۇلار دەسلىپىدە ئەنقەرەنىڭ پولاتلى ناھىيەسى ئەتراپىغا ئورۇنلىشىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئەسكىشەھىر، ئافيونقاراھىسار، كۇتاھيا، توكات ۋە سامسۇن قاتارلىق رايونلارغا تارقىلىپ، ئانادولۇدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان. تۇرمۇشىنى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىققا تايىنىپ قامدىغان. بۇ ساھەلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا «توقۇمىچىلىق» كەسپىنى راۋاجلاندۇرغان. فىرىگيانلار گېئومېتىرىيەلىك نەقىشلىك گىلەملەرنى «تاپاتەس» دەپ ئاتايتتى؛ بىر قىسىم غەرب تىللىرىدىكى گىلەم ۋە زىلچا ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى بۇنى چىقىش قىلىدۇ. بۇ مەدەنىيەت ياغاچچىلىق، كانچىلىق، بىناكارلىق ۋە سەنئەت جەھەتتىمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان.

* * * * *

فرىگيانلار بۇنىڭدىن ئۈچ مىڭ يىل ئىلگىرى ئانادولۇدا تەسىرى كۈچلۈك مەدەنىيەت بەرپا قىلغان، يانار تاغلار ھاسىل قىلغان تاشلارغا يادىكارلىقلارنى، قەلئە ۋە ئۆيلەرنى ئويغان ئىدى... ئۇلار ياشىغان يەر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان رايون ئىدى.

ئۇلارنىڭ پايتەختى گوردىئون قەدىمكى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئولتۇراق رايونلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. گوردىئون ئابىدىۋى ئالاھىدىلىككە ئىگە فىرىگيان بىناكارلىقى، خان جەمەتى ۋە ئاقسۆڭەكلەر قەبرىلىرى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان بىر قەدىمىي شەھەر. قەدىمكى گوردىئون شەھىرىدىن قېزىۋېلىنغان يادىكارلىقلار بىزنى قەدىمكى مەدەنىيەتلەرنىڭ بىناكارلىق ۋە سەنئەت جەھەتتىكى سەۋىيەسىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چۈشىنىشىمىزگە خاتتۇشا، ئاتىنا ۋە پومپېيغا ئوخشاشلا ياردەم بېرىدۇ. ئەنقەرەنىڭ پولاتلى رايونىغا جايلاشقان گوردىئون، يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى ب د ت پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى- يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا.

ئەسكىشەھىر، ئافيون ۋە كۈتاھيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ رايون، بۈگۈنكى كۈندە فرىگيان ۋادىسى دەپ ئاتىلىدۇ. گەرچە فرىگيان ۋادىسى ئۆزگىچە تاش ئابىدىلەر ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تارىخقا ئىگە جاي بولسىمۇ، بەختكە قارشى دېگەندەك تونۇلۇپ كەتمىدى. ھالبۇكى، بۇ كۆز يەتكۈسىز ۋادى ئىنسان قولى بىلەن كاپادوكياغا ئوخشاشلا تاشلارغا ئويۇلغان ئولتۇراقلىشىش رايونلىرى، قۇربانلىق سۇپىلىرى، قەبرە ئۆيلىرى ۋە تاش تونېللىرى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر دۇنيانىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ ئۇ ئانادولۇنىڭ «ئىككىنچى كاپادوكياسى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ۋادى ئانادولۇدىكى ئەڭ گۈزەل ۋادىلارنىڭ بىرى... بۇ يەردە رايوننىڭ تېخىمۇ ياخشى تونۇلۇشى ئۈچۈن، قەدىمقى دەۋرنىڭ يول تورى ئاساسىدا ياسالغان بىر پىيادىلەر ۋە ۋېلىسىپىت مىنىش يولى بار. خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن ھالدا قىزىل ۋە ئاق رەڭلەر بىلەن ئىشارەتلەر قويۇلغان  500 كىلومېتىرلىق بۇ يول - «فرىگيان يولى»دۇر. ئۈستى ئوچۇق مۇزېي تۈسىدىكى 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ سىرلىق ۋادىنى خالىسىڭىز پىيادە، خالىسىڭىز ۋېلىسىپىت مىنىش ئارقىلىق ئېكسكۇرسىيە قىلالايسىز. قايسىنى تاللاش سىزگە باغلىق!

ئۈچ نۇقتىدىن باشلىنىدىغان فرىگيان يولى يازلىقايادا ئۆزئارا تۇتىشىدۇ. يازلىقايا فرىگيانلارنىڭ دىنىي مەركىزى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئۈستى ئوچۇق يادىكارلىقلار ئورۇنلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. بۇ يەردە تاش ئابىدە بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يېزىقتىكى «مىدائى» دېگەن سۆزگە ئاساسەن «مىداس ئابىدىسى» دەپمۇ ئاتالغان. فرىگيان سەنئىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۈلگىلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇ ئابىدىنى كۆرگەنلەر ھەيران بولماي تۇرالمايدۇ. چۈنكى ئىنسان غايەت زور ھەجىمدىكى بىر پۈتۈن تاشنىڭ قايسى ئۇسۇللار بىلەن بۇ شەكىلگە كەلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئويلانماي تۇرالمايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، 17 مېتىر ئېگىزلىكتىكى يادىكارلىقنىڭ ئۈستىدىن ئاستىغا ئويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭدىكى ھەرپلەرنىڭ چوڭلۇقى 40-45 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. گەرچە قەدىمكى يۇنانچىغا ئوخشايدىغان بۇ خەتلەرنى ئوقۇغىلى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەنىسى ئېنىق ئەمەس. فرىگيان تىلىنى ئوقۇپ چۈشىنىش تېخى روياپقا چىقمىغان بولغاچقا، بۇ يېزىقتىكى ئون نەچچە سۆز سىرىنى بىزگە ئاشكارىلايدىغان ۋاقىتنى كۈتمەكتە.

مىداس ئابىدىسى ياكى يەنە بىر نامى بويىچە يازىلىقايانىڭ ئالدى يۈزى گېئومېتىرىيەلىك نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مەركىزىدە ئىشىككە سىمۋول قىلىنغان بىر بۆلەك بار. مۇتەخەسسىسلەر، دىنىي مۇراسىملاردا ئانا ئىلاھ كىبەلەنىڭ ھەيكىلىنىڭ بۇ بۆلەككە قويۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئانادولۇنىڭ قەدىمكى ئىلاھەسى كىبەلە، فىرىگيانلارنىڭمۇ ئەڭ مۇھىم ئىلاھەسى ۋە ئىنسان شەكلىدە تەسۋىرلەنگەن بىردىنبىر فرىگيان ئىلاھى ھېسابلىنىدۇ. فرىگيانلار ئۇنى مولچىلىق، بەرىكەت ۋە تۇغۇشچانلىقنىڭ نامايەندىسى دەپ قارىغان...  يازىلىقايادىن ئانا ئىلاھە كىبەلەنىڭ نۇرغۇن تاش ھەيكەللىرى تېپىلدى. مىداس ئابىدىسىنىڭمۇ فرىگيانلارنىڭ باشقا مۇقەددەس يادىكارلىقلىرىغا ئوخشاش شەھەر مۇداپىئەسىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. چۈنكى بۇ خىل يادىكارلىقلار ئىستراتېگىيەلىك يوللارنىڭ بويلىرىدىكى ئېگىز جايلارغا ۋە تاغلاردىكى ئۆتۈش ئېغىزلىرىغا ياسالغان. بۇنىڭدىن باشقا، ياسالغان دەۋرىگە نىسبەتەن دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭى ھېسابلىنىدىغان ئابىدىۋى تاش قۇدۇقمۇ بۇ شەھەرگە جايلاشقان.

* * * * *

ئانا ئىلاھە ئېتىقادى فرىگيانلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالىنى ئەسكىشەھىرنىڭ سىۋرىھىسار ناھىيەسىدىكى پەسسىنۇس قەدىمىي شەھىرىدىن ئۇچراتقىلى بولىدۇ. فرىگيانلار بۇ قەدىمكى شەھەرنىڭ ئانا ئىلاھە كىبەلە ياشىغان جاي ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. شۇڭلاشقا، پەسسىنۇس فرىىگيانلارنىڭ دىنىي مەركىزى ۋە ئەڭ مۇھىم دۇئا-تىلاۋەت سورۇنلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. فرىگيانلار ئاسماندىن چۈشكەنلىكى ئۈچۈن مۇقەددەس دەپ قارىلىدىغان بىر شەكىلسىز كىبەلە ھەيكىلىنىڭ ساقايتىش كۈچىگە ئىشىنىدۇ. پەسسىنۇس ئانا ئىلاھەگە ئاتاپ مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلىدىغان مەركەزگە ئايلىنىدۇ، ئانا ئىلاھەگە ئۆزىنى بېغىشلىغانلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىدۇ. بۈگۈننىڭ تەتقىقاتچىلىرى، ئەمەلىيەتتە، پەسىنۇسقا چۈشكەن نەرسىنىڭ مېتېئورىت تېشى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ماگنىتلىق تەسىرى بولغاچقا، ئەينى دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئۇنى مۇقەددەسلەشتۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. پەسسىنۇس قەدىمىي شەھىرى، مۇھىم سودا يوللىرىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىغا جايلاشقان بولغاچقا، ئۇ يەنە رىم ۋە ۋىزانتىيە دەۋرىدىكى ئەڭ ياقتۇرۇلىدىغان شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ.

بۇ قەدىمىي شەھەردىكى قېزىش – تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئوتتۇز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملاشماقتا. گەرچە ئۇ يەردىن نۇرغۇن ئاسارە-ئەتىقىلەر قېزىۋېلىنغان بولسىمۇ، ئارخېئولوگلار، ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلگەن ئانا ئىلاھە كىبەلەنىڭ بۇتخانىسىنى تېخىچە تاپالمىدى. بىراق، خەلقئارالىق بىر گۇرۇپپا  پەسسىنۇستىكى تەكشۈرۈشلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر