ئىراندا رەئىيسى دەۋرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (85)

1690658
ئىراندا رەئىيسى دەۋرى

ئىراندا رەئىيسى دەۋرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (85)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئىراندا رەئىيسى دەۋرى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ** *** *********

ئىراننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىيسىنىڭ پرېزىدېنتلىقى ئالدىنقى ھەپتە ئەلى ھامىنى تەرىپىدىن تەستىقلاندى ۋە رەسمىي مۇراسىم بىلەن ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسلام كېڭىشى مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا پىرېزىدېنتلىق قەسىمى بېرىپ، ۋەزىپىسىنى رەسمىي باشلىدى. ئىراننىڭ قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلايدىغانلىقى ۋە دۆلەتنى ھەر ساھەدە تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرى سايلام سەپەرلىكى مەزگىلىدىن تارتىپلا رەئىيسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا ئىدى. رەئىيسى پىرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراقنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسى بىر مەزگىل داۋاملاشتى. بۇنىڭغا پاراللېل ھالدا، يېقىندا سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئىرانغا يېقىن شىئە قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىمۇ دىققەت تارتماقتا. ئىران قوللاۋاتقان گۇرۇپپىلارنىڭ دارادىكى ھۇجۇملىرى ۋە قورشاۋلىرى شۇنداقلا پالمىرا شەھىرىدە ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى قىسىملىرىنىڭ تونىل كولاشقا باشلىغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەر ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى تەسىرىنىڭ ئىبراھىم رئىيسى ئارقىلىق تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىنى نامايان قىلماقتا. سۈرىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى رۇسىيەنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىلگىرىلەشلەر، شۈبھىسىزكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان سۈرىيەدىكى ئىران ئارمىيەسىگە پايدىلىق.

ئىراقتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەربىي ھەرىكەتلەر كۆرۈلمەكتە. گەرچە ئامېرىكا بارلىق ھەربىي كۈچلىرىنى ئىراقتىن چېكىندۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما «ھەشدى شاببى» گۇرۇپپىلىرىنىڭ يېقىنقى ھەرىكەتلىرى ۋە بايانلىرىنى «بىر قىسىم ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىشى بىلەن پەيدا بولىدىغان بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ھاشدى شاببى ھازىردىن باشلاپلا ھەرىكەتكە ئۆتتى» دەپ ئىزاھلاشقا بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراقتا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پارلامېنت سايلىمىدىن ئىلگىرى ئىران قوللاۋاتقان قۇراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

رەئىيسىنىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى ئەرەب دېڭىزى ۋە پارس قولتۇقىدىكى بىر قاتار كەسكىن يىرىكچىلىكلەرگە توغرا كەلدى. دەسلەپتە 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئومان دېڭىزىدا ئىسرائىلىيەنىڭ «مېرسېر كوچىسى» ناملىق ماي پاراخوتى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئىسرائىلىيە، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە بۇ ھۇجۇمدا ئىراننى ئەيىبلىدى. ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان باياناتلار ئىرانغا قارشى قاتتىق كۈچ ئىشلىتىشنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. ئەنگلىيە - ئىران مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىشى يادرو سۆھبىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈشنى خالىمىغان ئىران دىپلوماتلىرى ئەنگىلىيە ۋە باشقا يادرو كېلىشىمىگە تەرەپ دۆلەتلەرنىڭ مۇرەسسەچىلىكى بىلەن ۋيېنادىكى سۆھبەتكە قاتنىشىپ كەلمەكتە.

كېيىنكى كۈنلەردە، پاناما بايرىقى قادالغان يەنە بىر «ئاسفالت مەلىكە» ناملىق پاراخوتنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە تەۋە فۇجەيرە پورتى دېڭىز تەۋەلىكىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ۋە بۇ پاراخوتنىڭ تۇتۇپ قېلىش ئارقىلىق ئىران دېڭىز تەۋەلىكىگە ئېلىپ كېتىلمەكچى بولغانلىقى كۈنتەرتىپكە كەلدى. ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ پاراخوتنى تۇتۇپ قالالمىغانلىقى ۋە كېيىن قېچىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. بۇ ۋەقەگىمۇ ئىراننىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىگە دائىر ئەيىبلەشلەر ئىلگىرى سۈرۈلدى. تېھران ھۆكۈمىتى ھەر ئىككى ۋەقەدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى. ئىران ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ خىل ھەرىكەت ۋە ئەيىبلەشلەرنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇمغا باھانە ئىزدەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇتەئەسسىپ پىرېزىدېنت ئىبراھىم رئىيسى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى مەزگىللەردىن پەرقلىق ھالدا،  ئىراننىڭ تاشقى سىياسەتتىكى مەركىزى نۇقتىسىنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشتىن قوشنىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشقا ئۆزگەرتىدىغاندەك قىلىدۇ. ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن كۈنسېرى مەيدانلاردا كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىكنى مەزكۇر مەركىزى نۇقتىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ رولى دەپ قاراش مۇبالىغە بولمىسا كېرەك. بايدىننىڭ ترامپتىن پەرقلىق ھالدا ئىران سىياسىتىنى تېخى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقى بۇ جەرياننى ئوزۇقلاندۇرىدىغان ئامىللارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. گەرچە رەئىيسى باياناتلىرىدا يادرو كېلىشىمىگە قارشى ئەمەسلىكىنى ئېيتسىمۇ، ئەمما يادرو كېلىشىمى جەريانى ۋە ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىغا نىسبەتەن رۇھانى ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىغا ئوخشىمايدىغان پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكى ئېنىق. كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرىدىغان بۇ ئەھۋال، رايوندىكى جىددىيلىك داۋاملاشسا، يارىشىش ئاساسى مۇمكىن ئەمەس ھالغا كېلىدىغاندەك قىلىدۇ. ئەگەر رەئىيسى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەمىر ھۈسەيىن ئابدۇللاھيانغا ئوخشاش ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسىملىرىغا يېقىن كەسپىي دىپلوماتقا ئايلانسا، ئىراننىڭ رۇسىيە ۋە ختاي بىلەن تېخىمۇ بەك يېقىنلىشىدىغان مەزگىلىنىڭ كۆرۈنۈپلا تۇرغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر