كاپادوكيانىڭ بارلىققا كېلىشى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانى...

1703154
كاپادوكيانىڭ بارلىققا كېلىشى

سىز ئۆزىڭىزنى دۇنيانىڭ سىرتىدىكى باشقا پىلانېتادا ياكى چۆچەكلەر ئالەمىدىكى بىر جايدا تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆرگەنلىرىڭىزدىن نەپەسلىرىڭىز سىقىلىپ، رېئاللىق تونۇشىڭىزدا قالايمىقانچىلىق يۈز بەردىمۇ؟ بىردىنلا زامان (ۋاقىت) ۋە ماكان ئۇقۇمىدىن يىراقلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟

كاپادوكيانى كۆرگەنلەر بۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسىگە «ھەئە» دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ! شامال ھاسىل قىلغان ھەيكەللەرگە ئوخشايدىغان يۈزلىگەن پەرى تورخۇنلىرى، ۋادىلاردىكى دەريالار تەرىپىدىن ئېچىلغان تونېللار... كاپادوكيا، ھەيران قالارلىق بىر پىلانېتانى ئەسلىتىدىغان تەبىئىي گۈزەللىكى بىلەن ئادەمنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالىدۇ.... ئۇ يەردە كۈندىلىك غەم – قايغۇلىرىڭىز سېھىرلىك ھاسا تەگكەندەك بىردىنلا كاللىڭىزدىن يوقىلىدۇ. ئۈن – تىنسىز ھالدا ئالدىڭىزدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقىنى نەچچە مىڭ يىللارنىڭ گۇۋاھچىلىرىدۇر. كۆزىڭىز ئۆڭكۈرلەردىكى ھاياتلىقنىڭ، قەدىمكى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىزلىرىغا چۈشىدۇ. سىز تېخىمۇ كۆپ نەرسىنى كۆرۈشنى، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىشنى، ئۇزۇنراق تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىسىز، بۇ سېھىرلىك كەيپىياتتىن ئايرىلغۇڭىز كەلمەيدۇ.

* * * * *

كاپادوكيانىڭ تارىخى 60 مىليون يىل بۇرۇنقى چاغلارغا تۇتىشىدۇ. رايوندىكى يانار تاغلار چىقارغان لاۋادىن قىيالىقلار ھاسىل بولىدۇ. يامغۇر ۋە شامال مىليونلارچە يىل بويىچە ئۇپىرىتىش ئارقىلىق بۇ تاشلارغا شەكىل بېغىشلايدۇ. بۇ تاشلار كىشىلەرنى يەر يۈزىدە پەيدا بولۇشقا باشلىغان ۋاقىتتىن باشلاپلا ئىسسىق ۋە سوغۇقتىن، شۇنداقلا يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن قوغدايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ رايوندا قىزىل ئىرماق (دەريا)دىن ئىبارەت ئۇلارنىڭ سۇ ۋە يېمەكلىك ئېھتىياجىنى ئاسانلا قاندۇرالايدىغان ھەيۋەتلىك دەريا بار ئىدى. يانار تاغلارنىڭ قايتىدىن ھەرىكەتلىنىشى ئولتۇراقلىشىشنى بىر مەزگىل ئۈزۈپ قويىدۇ، ئەمما كېيىن كىشىلەر بۇ يەرگە قايتىپ كېلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاددىي قوراللىرى بىلەن بۇ جايدىكى تاش ئۆڭكۈرلىرىنى ئاسانلا چوڭايتالايتتى. شۇنداق قىلىپ، ئانادولۇدىكى تۇنجى ئىنسانلاردىن باشلاپ ھەر بىر دەۋردە كاپادوكيادىن ئولتۇراقلىشىش ئىزلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

كاپادوكيادا ئولتۇراقلاشقان تۇنجى مەدەنىيەت ئاسسۇرلار بولۇپ، ئۇلار ئانادولۇدىكى تۇنجى سودا مۇستەملىكىسىنى بەرپا قىلىدۇ. سودا، قانۇن ۋە نىكاھقا ئائىت بەلگىلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىخ يېزىقلىق تارىخىي «كاپادوكيا تاختايلىرى»مۇ ئاسسۇرلار دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇلاردىن كېيىن بۇ رايوندا ئولتۇراقلاشقان ھىتىتلار، كاپادوكيادا مۇداپىئە مەقسەتلىك يەر ئاستى يوللىرىنى ئاچقان تۇنجى مەدەنىيەتكە ئايلىنىدۇ. ھۇجۇم يۈز بەرگەندە، ھەر بىر ئۆيدىن يەر ئاستىغا ئاسانلا كىرگىلى بولىدىغان تار كارىدورلار، كارىدورلارنى تاقايدىغان زور ھەجىملىك يۇمىلاق تاشلارنى ۋە تونېللارنى ھاۋالاندۇرۇش سىستېمىسىنى ھىتىتلار تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ھىتىتلاردىن كېيىن ئوتنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ئىشىنىدىغان پارسلار بۇ رايوننى قولغا كىرگۈزىدۇ. يانار تاغ جايلاشقان بۇ جۇغراپىيە ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغا پۈتۈنلەي ماس كېلىدۇ. پارسلار بۇ يەرنى «گۈزەل ئاتلار ماكانى» دېگەن مەنىدە «كاتپاتۇكا» دەپ ئاتايدۇ.

* * * * *

گەرچە كاپادوكيا بۈگۈن كۈنىدە نەۋشەھىر، نىگدە، قەيسەرى ۋە قىرشەھىر قاتارلىق شەھەلەر ئوتتۇرىسىدىكى رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆتمۈشتە تېخىمۇ كەڭ رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. كاپادوكيا تورۇس تاغلىرى، مالاتيا ۋە شەرقىي قارا دېڭىز رايونىغىچە سوزۇلغان رايوننىڭ نامى ئىدى.

كاپادوكيا ئۇزۇندىن بۇيان سودا لىنىيەلىرى كېسىشكەن ئىستراتېگىيىلىك نۇقتىغا جايلاشقان. شەرققە بارىدىغانلار بۇ يەردىن ئۆتىدۇ، قونىدۇ ياكى كەم نەرسىلىرىنى بۇ يەردە تولۇقلايدۇ. رىم دەۋرىدە كاپادوكيا مۇھىملىقى سەۋەبىدىن ئىمپېرىيە ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. كۆپ خۇدالىق دىنلارغا ساھىبخانلىق قىلغان بۇ رايون يەنە، زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قۇددۇستىن قاچقان خىرىستىيانلارنىمۇ باغرىغا باسىدۇ. تەبىئەتنىڭ مۆجىزىسى سۈپىتىدە شەكىللەنگەن جىلغىلار، ھىتىتلار تەرىپىدىن تاشلارغا ئويۇلغان ئۆڭكۈرلەر ۋە يەر ئاستى تونېللىرى ئانادولۇدىكى تۇنجى خىرىستىيانلارنىڭ پاناھگاھىغا ئايلىنىدۇ. يېڭى دىننىڭ بۇ تۇنجى ۋەكىللىرىنىڭ ئانادولۇغا كېلىش مەقسىتى دىنلىرىنى تارقىتىشلا ئەمەس، ھەممىدىن مۇھىمى ھاياتلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قوغداشتىن ئىبارەت ئىدى... كاپادوكيا ۋە ئۇنىڭ يەر ئاستى شەھەرلىرى ئۆزگىچە قۇرۇلمىسى بىلەن بۇ يېڭى مېھمانلارغا مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ «ئۆلۈمدىن كېيىنكى مەڭگۈلۈك ھايات» ئۇقۇمى ۋە ئۇ ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. چۈش مىسالى ھاسىل بولغان شەكىللەر خىرىستىيان ئېتىقادىدا ھەمىشە ئىزدىلىدىغان ئوتوپىك دۇنيا بىلەن پاراللىلىشىدۇ. راھىبلار ۋە «چېركاۋ ئاتىلىرى» دەپ ئاتالغان ئېپىسكوپلار مانا مۇشۇ سەۋەبتىن كاپادوكيانى ياخشى كۆرىدۇ. قىيا تاشلارغا ئويۇلغان ئۆيلەرگە موناستىر ۋە چېركاۋلار قوشۇلىدۇ. ھەر ۋاقىت ھوشيار، ئەمما بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرۇشنىڭ خاتىرجەملىكى بىلەن دەسلەپكى خىرىستىيانلارنىڭ سانى كۈندىن- كۈنگە كۆپىيىدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ ئوقۇش – يېزىشنى بىلىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئاز ساندىكىلىرىلا لاتىنچە سۆزلىيەلەيدىغان بولغاچقا، رەسىم سەنئىتىگە يۈزلىنىدۇ. ھەزرىتى ئىسانىڭ ھاياتى ۋە ئىنجىلدىكى ھېكايىلەر چېركاۋ تاملىرىدا ئارقا- ئارقىدىن ئەكس ئېتىدۇ. بۇ رەسىملەر شۇ دەۋرنىڭ دىنىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىش نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

كاپادوكيا رايونىدا يۈزدىن ئارتۇق چېركاۋ ۋە خىرىستىيان ئىبادەتخانىسى بار. بۇ رايون مۇناستىرلىق سىستېمىسى دەسلەپتە باشلانغان جاي دەپ قارىلىدۇ. چېركاۋلارنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى - يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىكى گۆرەمە ئوچۇق ھاۋا مۇزېيىدا قوغدىلىۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغان چېركاۋلار قاراڭغۇ چېركاۋ، يىلان چېركاۋى ۋە ئەلمالى چېركاۋىدۇر... بىراق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قاراڭغۇ چېركاۋ ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. چۈنكى بىناغا كۈن نۇرىنىڭ ئىنتايىن ئاز چۈشىدىغان بولۇشى، تام ۋە گۈمبەزلەردىكى رەسىملەرنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇلارنى ئەسىرلەر بويى ساقلاپ كەلگەن.

* * * * *

1700- يىللارنىڭ بېشىدا خانلىق تەرىپىدىن ئارخېئولوگىيەلىك ئاسارە- ئەتىقىلەرنى ئىزدەش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان فىرانسىيەلىك سەيياھ پائۇل لۇكاس، كاپادوكياغا كېلىپ كۆرگەنلىرىدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىدۇ. قىيا تاشلارنىڭ ئىچىگە ئويۇپ ياسالغان ئۆيلەردە ياشىغان ئىنسانلار، رەڭلىك تام رەسىملىرى بىلەن بېزەلگەن چېركاۋلار ۋە تونېللاردىن ئىبارەت ئۇ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئاجايىپ دۇنيانى ئۇچرىتىدۇ.

ئۇ ساياھەتنامەسىدە كۆرگەنلىرىنى «... مەن قىزىل دەريانىڭ قارشى قىرغىقىدىكى قەدىمكى قۇرۇلۇشلارنىڭ خارابىلىرىنى كۆرگىنىمدە، ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ھەيران قالدىم. ئۇلارنىڭ سانى ئىككى ياكى ئۈچ يۈز ئەمەس، ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئىدى» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ. بىراق، ئۇنىڭ بايان قىلغانلىرى ئەمەلىيەتكە پەقەت ئۇيغۇن دەپ قارالمايدۇ ۋە ئوردا ئۇنىڭدىن نارازى بولىدۇ، ئۇ يالغانچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىدۇ. پادىشاھ XIV لۇئىس ئىستانبۇلدىكى ئەلچىسىنى بۇ ئىشنىڭ تېگى – تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. كاپادوكياغا بارغان باش ئەلچىمۇ كۆرگەنلىرىدىن ھەيران بولۇپ، ئوردىغا سەيياھنىڭ ئېيتقانلارنىڭ توغرىلىقىنى دوكلات قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، پائۇل لۇكاس كاپادوكيانى ياۋروپاغا تونۇتقان تۇنجى كىشى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

* * * * *

ئانادولۇ مەدەنىيەتلەر، كۈلتۈرلەر ۋە دىنلار گىرەلىشىپ كەتكەن جاي... ئۇ ھەر بىر رايونىدا ھەۋەسكارلىرىنى ئوخشىمىغان ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھېكايىلەر بىلەن قارشى ئالىدۇ... كاپادوكيا ئانادولۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھەم مۇھىم يوللار ھەمدە نۇرغۇن ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئېتىقاد ۋە پەلسەپەنىڭ كېسىشمە نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ. خىرىستىئان دىنى بۇ يەردە تاكامۇللىشىدۇ؛ يېڭى دىننىڭ تارقىلىشىدا ئانادولۇ زېمىنلىرى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئارىدىن نەچچە يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، قىيا تاشلارغا ئويۇلغان نەچچە ئونلىغان چېركاۋ، نەچچە يۈز ئۆي ۋە سانسىزلىغان تونېللار، ئېتىقادنىڭ كۈچىنى، ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقىنى ۋە چىدامچانلىقىنى بىزلەرگە نامايان قىلىپ بېرىدۇ. پاناھلانغۇچىلار كاپادوكيانىڭ ئۆڭكۈر ۋە تونېللىرىغا بىر دوئېل ئېلان قىلىشنىڭ ھېكايىسىنى يازىدۇ.

سىزنىڭ تەبىرىڭىز بويىچە ئۇنىڭغا مەيلى پەرى چۆچەكلىرى، كىنو – فىلىم سۈرەتكە ئېلىش ئورنى ياكى ئادەتتىن تاشقىرى بىر يەر دەپ ئېنىقلىما بېرىلىشىدىن قەتئىينەزەر،  كاپادوكيا پۈتكۈل تەسەۋۋۇرلارنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋېتىدىغان، تەسەۋۋۇر بىلەن رېئاللىق گىرەلىشىپ كەتكەن ئۆزگىچە ۋە ھەيۋەتلىك جاي بولۇپ، ئۇ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەتنىڭ ئىزلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان. بۇ يوللارنى بويلاپ مېڭىشقا توغرا كەلسە، پەرى تورخۇنلىرىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ كۈننىڭ چىقىشىنى ياكى ئولتۇرۇشىنى تاماشا قىلسىڭىزمۇ، شار ساياھىتى ياكى ئات ساياھەتلىرىگە قاتنىشىش ئارقىلىق بۇ پەۋقۇلئاددە رايوننى كۆزدىن كەچۈرسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ… ئەلۋەتتە، ئىختىيار سىزنىڭ!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر