ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى بېلەك سېنىشىش

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (80)

1672650
ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى بېلەك سېنىشىش

ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى بېلەك سېنىشىش

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (80)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى بېلەك سېنىشىش» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** **** ** **** * *****

ئامېرىكىدىكى سايلامدىن كېيىن بايدىننىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى بىلەن تېخىمۇ ئىجابىي رامكا ئىچىدە ئىلگىرىلىشىدىن مۆلچەرلەنگەن ئامېرىكا-ئىران مۇناسىۋىتى، يادرو مۇزاكىرىلىرىنىڭ توختاپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، بولۇپمۇ ئىراق-سۈرىيە لىنىيەسىدە توقۇنۇشقا ئايلىنىشقا باشلىدى. ئىران ۋاكالەتچى ئۇنسۇرلىرى ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ ھەربىي بازىلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلسا، ئامېرىكا ئىران بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولغان كۈچلەرنى بومباردىمان قىلماقتا. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تۆۋەن سىجىللىقتىكى توقۇنۇش سۈرىيەنىمۇ قاپلاپ تېخىمۇ كۈچىيىش ئېھتىماللىقى ئاشماقتا.

 

ترامپ دەۋرىدە ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان سىياسىتى تەدرىجىي قاتتىقلىشىپ، ئاخىرىدا ئىرانغا قارىتىلغان «ئەڭ چوڭ بېسىم» دەپ ئىپادىلەنگەن ھەرىكەت تەرزىگە ئايلاندى. ئامېرىكا يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ، ئىرانغا ئىقتىسادىي جازا ۋە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. ھەتتا ئىراننىڭ ھەر قانداق شەكىلدە نېفىت ئېكسپورت قىلىشىغا يول قويۇلمىدى. يەنە كېلىپ، ئىراق-سۈرىيە-يەمەن لىنىيىسىدە ئىرانغا قارشى ئېلېمېنتلارنى قوللاپ، ئىسرائىلىيە ۋە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن قۇرۇلغان ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق ئىرانغا بولغان بېسىمنى كۈنسېرى كۈچەيتتى. قۇددۇس قىسىملىرى قوماندانى قاسىم سولايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئىراننىڭ ھەربىي ئۆچ ئېلىشى بىلەن ئىككى دۆلەت بىۋاسىتە ئۇرۇشنىڭ بوسۇغۇسىغا كېلىپ قالدى.

بىراق بايدىننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلىنىشى بىلەن تەڭ ئىرانغا قارشى بۇ ئىتتىپاق پارچىلاندى، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان سىياسىتى يۇمشاشقا يۈزلەندى. بايدىن ئىران بىلەن يادرو مۇزاكىرىلەرنى قايتا باشلىدى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كۆرۈنۈشتە ئىجابىي كەيپىيات بارلىققا كەلدى. ئامېرىكانىڭ يەمەندىكى ئۇرۇشنى قوللاشتىن چېكىنىشىمۇ بۇ كەيپىياتنى كۈچەيتتى.

لېكىن تەرەپلەرنىڭ مۇرەسسە قىلمايدىغان پوزىتسىيەسى ۋە يادرو سۆھبىتىنىڭ توختاپ قىلىشى بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىك كۈچىيىشكە باشلىدى. ئىسرائىلىيە ۋە پارس قولتۇقىنىڭ ئامېرىكا نەزىرىدىكى لوبىچىلىق پائالىيەتلىرىمۇ بۇ ئەھۋالغا تەسىر كۆرسەتتى دېيىشكە بولىدۇ.

ئاخىرىدا بولۇپمۇ ئىراقتا، تەرەپلەر چوڭ كۈچ سىنىشىش كۆرۈشىنى باشلىدى. ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان شىئە قوراللىق ئۇنسۇرى (ھاشىدى شاببى) ئامېرىكانىڭ بازىلىرىغا ۋە ئەشيا ئوبوروت ئاپتوبىللىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىدى. ئامېرىكانىڭ ئەربىلدا تۇرۇشلۇق ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە ئاينەل ئەرەب ھەربىي بازىسى قاتارلىق جايلار دائىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە بومبىلىق ئۇچار ئاپپىراتلار بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشقا باشلاندى. ئامېرىكانىڭ رايوندىكى قىسىملىرى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق شىئە قوراللىقلىرىغا جاۋاب قايتۇردى. ئىككى دۆلەت ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يۈز بەرگەن بۇ تۆۋەن سىجىللىقتىكى توقۇنۇش مۆلچەرلەنگىنىدەك سۈرىيەگىمۇ كېڭەيدى. ئىران قوراللىق ئۇنسۇرلىرى دەيررەززورنىڭ شەرقىدىكى ئەل ئۆمەر نېفىت قۇدۇقى رايونىدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ئامېرىكا بولسا ئەلبۇ كامال رايونىدىكى شىئە قوراللىقلىرىنىڭ مەركىزىنى بومباردىمان قىلدى.

ھازىرقى سوراشقا تېگىشلىك سوئال؛ تەرەپلەرنىڭ بۇ ئۆز-ئارا زىددىيەتنى ئۇلغايتىشنى خالاپ خالىمايدىغانلىقىدۇر. ھەر ئىككى تەرەپ يادرو مۇزاكىرىسىدە قولىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بەزى قەدەملەرنى تاشلىماقتا ۋە مەيداندا ھەربىي كۈچىنى كۆرسىتىشتىنمۇ چېكىنمەي كەلمەكتە. بۇنىڭ بەدىلىنى ئىراق ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تۆلىمەكتە. ئامېرىكانىڭ ھەربىي جەھەتتىن تەدرىجىي ھالدا ئوتتۇرا شەرقتىن چېكىنىۋاتقانلىقى ئىرانغا نىسبەتەن جاسارەتلەندۈگۈچ ئامىل سۈپىتىدە كۆرۈلىشى مۇمكىن بىراق ئىسرائىلىيە بىلەن پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇق رولىنىمۇ ئۇنتۇماسلىق لازىم.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر