ئاللاھ پاكتۇر

يەتتە ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار ئاللاھنى پاك دەپ بىلىدۇ، (كائىناتتىكى) قانداقلىكى نەرسە بولمىسۇن، ئاللاھنى پاك دەپ مەدھىيىلەيدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۆزلەيدۇ).

1660632
ئاللاھ پاكتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىسرا سۈرىسى، 41 – 51 - ئايەتلەر. ئۇلارنى ئىبرەت ئالسۇن دەپ (ۋەز ـ نەسىھەتنى) قۇرئاندا تۈرلۈك شەكىلدە بايان قىلدۇق، (بۇنىڭ بىلەن) ئۇلار (ھەقىقەتەن) تېخىمۇ يىراقلاشماقتا[41]. مۇشرىكلار ئېيتقاندەك، ئاللاھ بىلەن بىرگە يەنە باشقا ئىلاھلار بولغان تەقدىردە ئەرش ئىگىسى ( ئاللاھ ئۈستىدىن) غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە يول ئىزدىگەن بولاتتى[42]. ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ بوھتان سۆزلىرىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئالىيدۇر[43]. يەتتە ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار ئاللاھنى پاك دەپ بىلىدۇ، (كائىناتتىكى) قانداقلىكى نەرسە بولمىسۇن، ئاللاھنى پاك دەپ مەدھىيىلەيدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۆزلەيدۇ)، لېكىن سىلەر (تىلىڭلار ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ مەدھىيىسىنى سەزمەيسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىگە) ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[44]. (ئى مۇھەممەد!) سەن ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان (مۇشرىكلارغا) قۇرئاننى ئوقۇغان چېغىڭدا ئۇلار بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا يوشۇرۇن پەردە پەيدا قىلدۇق[45]. قۇرئاننى چۈشەنمىسۇن دەپ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پەردىلىدۇق، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق، قۇرئاندا يالغۇز پەرۋەردىگارىڭنى تىلغا ئالساڭ، ئۇلار ئۈركۈپ قېچىپ كېتىدۇ[46]. تىلاۋىتىڭگە ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن (يەنى مەسخىرە ئۈچۈن) قۇلاق سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار قىرائىتىڭنى تىڭشىغان چاغلىرىدا (سېنىڭ توغراڭدا) پىچىرلىشىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا زالىملار (مۆمىنلەرگە): «سىلەر پەقەت سېھىرلەنگەن ئادەمگىلا ئەگىشىۋاتىسىلەر» دەيدۇ[47]. ئۇلارنىڭ سېنىڭ توغراڭدا (بىردەم سېھرىگەر، بىردەم شائىر ۋە بىردەم مەجنۇن دېگەندەك) نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرگەنلىكىگە قارىغىن، ئۇلار (مۇشۇنداق بوھتانلارنى چاپلاش بىلەن) ئازدى، ئۇلار (ھىدايەتكە) يول تاپالمايدۇ[48]. مۇشرىكلار: ‹‹بىز قۇرۇق سۆڭەك ۋە چىرىپ توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم قايتا تىرىلىپ يېڭىدىن ئادەم بولامدۇق؟›› دېيىشىدۇ[49]. سىلەر تاش ياكى تۆمۈر ياكى ھاياتلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ) ئۇلار: ‹‹بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟» دەيدۇ، «سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ» دېگىن، ئۇلار ساڭا باشلىرىنى لىڭشىتىپ: ‹‹ئۇ قاچان بولىدۇ؟›› دېيىشىدۇ، (سەن) ‹‹ئۈمىدكى، ئۇ يېقىندا بولىدۇ›› دېگىن[50ـ51].  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر