شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (77)

1660288
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (77)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ** *** *********

تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدىكى ئەڭ قىزىقارلىق تېما بولدى. بۇ قېتىمقى ئەردوغان-بايدىن ئۇچرىشىشى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ھالقىلىق ئۇچرىشىش بولدى. بايدىن ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىش كەلگۈسى بىر قانچە يىللىق جەريانغا تەسىر كۆرسىتىدىغان دەرىجىدە تولىمۇ مۇھىم ئىدى. تۈركىيە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەردە مۇنداق ئۈچ پىرىنسىپنى ئالدىنقى پىلانغا چىقاردى.

 بىرىنچىسى، ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى بەلگىلەيدىغان ئۇقۇم رامكىسىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ئىدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپمۇ مۇناسىۋەتلىرىنى تەرىپلەش ئۈچۈن نۇرغۇن ئاتالغۇلارنى قوللاندى. ئىستراتېگىيىەلىك شېرىكلىك ۋە ئۈلگىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى دېگەنگە ئوخشاش ئەسلىدە ئۆزئارا مۇناسىۋەت جەھەتتىن ئىچىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان نۇرغۇن رامكا ئۇقۇمى ئىشلىتىلدى. بۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ يا ئىچى قەتئىي تولدۇرۇلمىدى ياكى ناھايىتى قىسقا مۇددەتلىك مۇناسىۋەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىسخىكىلىق كەيپىيات يارىتىشتىن ھالقىپ كېتەلمىدى. شۇڭلاشقا تۈركىيە ئۆز مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە تەڭپۇڭلۇققا ئىگە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىككىنچىسى، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ رېئاللىق بىلەن ماسلىشىش مەسىلىسى ئىدى. تۈركىيە ساھە رېئاللىقىدىن يىراق بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ پايدىلىق ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتىمۇ ئەنقەرەنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. بايدىن ئېلان قىلغان باياناتلار، تۈركىيە بىلەن بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق دەرىجىسى، رېئاللىققا ماس كەلمەيدىغان مەسىلىلەردە يۈز بەرگەن چۈشىنىشمەسلىكلەر ئىدى. ئۇچرىشىشتا پ ي د/ ي پ گ، فەتتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى،S-400  قاتارلىق مەسىلىلەر يەنە بىر قېتىم مۇزاكىرە قىلىندى. يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكانىڭ  CAATSAدائىرىسىدە يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، كۆرمەسكە سېلىشنىڭ ئانچە مۇمكىن ئەمەسلىكى تىلغا ئېلىندى. ھەر ئىككى رەھبەر بۇ مەسىلىدە مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىقلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىشتى. شۇڭلاشقا ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە بەزى مەسىلىلەرنىڭ يېنىكلىتىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ.

ئۇچرىشىشتا تەكىتلەنگەن ئۇچىنچى نۇقتا، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى سىجىللاشتۇرۇش ئىدى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتلاردىن چۈشىنىشكە بولىدۇكى، ھەر ئىككى دۆلەت بۇ مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ سىجىللاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

ئەگەر تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا بۇ ئۈچ پرىنسىپتا بەلگىلىك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالىسا، ئۇ چاغدا باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە تېخىمۇ رىئال شەكىلدە سۆزھبەتلەشكىلى بولىدۇ. تۈركىيەنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئوبرازىنى ۋە تاشقى سىياسەتتىكى ئاكتىپلىقىنى كۆرمەسكە سالىدىغان ھەرقانداق تاشقى سىياسەت ئىستراتېگىيەسى مەغلۇبىيەتكە مەھكۇمدۇر. ئامېرىكانىڭ بۇنى كۆرۈپ يەتكەنلىكى ۋە چۈشەنگەنلىكى ئايان بولدى. بۇ ۋەجىدىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى بەت ئېچىش ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر