ئىزوپ ۋە كىنىدوسلۇق ئېئۇدوكۇس

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانى دىققىتىڭلاردا...

1654709
ئىزوپ ۋە كىنىدوسلۇق ئېئۇدوكۇس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا بىر - بىرىنى كۆرۈشكە تاقەت قىلالمايدىغان ئىككى خورۇز بولغان ئىكەن. بىر كۈنى تەخمىن قىلىنىۋاتقان پەيت كەپتۇ ۋە ئۆزئارا ئۇچراشقان كۈنىدىن باشلاپ سوقۇشۇشقا باشلاپتۇ. تۇمشۇق ۋە پۇت زەربىلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي مەغلۇپ بولغان خورۇز، نومۇس قىلىپ توخۇ كاتىكىنىڭ بىر بولۇڭىغا يوشۇرۇنۇۋاپتۇ. سوقۇشۇشتا غەلىبە قىلغان خورۇز بولسا، پەخىرلەنگەن ھالدا توخۇ كاتىكىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، قانىتىنى قېقىپ چىللاشقا باشلاپتۇ ۋە بۇ ئارقىلىق غەلىبىسىنى كۆپچىلىككە ئېلان قىلماقچى بۇپتۇ. ئەمما، ئولجا ئىزدەپ ھاۋادا ئايلىنىپ يۈرگەن بىر بۈركۈت، بۇ ماختانچاق خورۇزنى يۇلۇپ ئېلىپلا ئۇۋىسىغا ئېلىپ كېتىپتۇ.

* * * * *

سەھىپىمىزنى بۈگۈن «ھەددىدىن زىيادە ئالدىنقى پىلانغا چىققانلارنىڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغانلىقى، بولۇپمۇ دۈشمىنىنىڭ كۆزىگە بەكلا كۆرۈنۈپ قالىدىغانلىقى»دىن ئىبارەت ئاساسىي پىكىرنى تەكىتلەيدىغان بىر ئىزوپ مەسەلى بىلەن باشلىدۇق. بۈگۈن كېيىنچە «مەسەل» دەپ ئاتىلىدىغان ھايۋانلار پىرسوناژلاشتۇرۇلۇپ سۆزلەتكۈزۈلگەن بىر ئەدەبىي ژانىرنىڭ ئىجادچىسى ئېزوپ ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

ئانادولۇ ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەتلەر زەنجىرى بىر گەۋدىسى بولۇپ،  مىڭلارچە يىلدىن بۇيان تىنىمسىز ھالدا بەزىدە بىر – بىرىنى قوغلىشىپ، بەزىدە ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن پەرقلىق مەدەنىيەتلەرگە قۇچاق ئېچىپ كەلدى. سەنئەت، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات، بىناكارلىق… ھەممىسى بىر - بىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، ھەممىسى دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى. ئائىسوپوس، يەنى ئېزوپمۇ شۇنداق... ئىزوپ، ئانادولۇدىن چىقىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان ئەدەبىي بىر ژانىرنىڭ؛ ھەم كۈلدۈرىدىغان، ھەم ئويلاندۇرىدىغان مەسەللەرنىڭ ئاتىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىزوپنىڭ ھاياتى ھاياتى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇرلار يوق. بىراق، ئۇنىڭ ئەمىرداغ يېقىنلىرىدىكى ئامورىئۇم شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈك، دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭ تراكيادا دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارمۇ بار. ھەتتا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئەسلىدە ئۇنداق بىر كىشىنىڭ ئۆتمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ رىۋايەت خاراكتېرلىك بىر پىرسۇناژ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلارنىمۇ ئۇچرىتىش مۇمكىن. بىز شۇنداقتىمۇ قەدىمكى دەۋرنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى ھىرودوتنىڭ دېگەنلىرىنى نەزەرگە ئالايلى. تارىخنىڭ ئاتىسى ھىرودوت ئەسەرلىرىدە ئېزوپنىڭ ئۆزىدىن يۈز يىل بۇرۇن ياشىغان بىر قۇل ئىكەنلىكىنى يازىدۇ.

ئىزوپ بەزىلىرىنى خەلقتىن ئاڭلىغان، بەزىلىرىنى ئۆزى يازغان مەسەللەر ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئىنسانلارنى ئەخلاقلىق ۋە دۇرۇس بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئاجىزلىق ۋە كەمچىلىكلىرىنى شۇ چاغقىچە پەقەت ئىشلىتىلمىگەن بىر خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنى مەسەللەرنى ھايۋانلارنىڭ تىلى ئارقىلىق ئاڭلىتىدۇ، ئۇلارنى سۆزلىتىدۇ. ھايۋانلار مەسەللەردە يارىتىلىش ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قالغان ھالدا ئورۇن ئالىدۇ... يەنى، تۈلكە ھىيلىگەر، بۆرە خىيانەتچى، يولۋاس جەسۇر، چاشقان قورقۇنچاقتۇر. لېكىن ئىنسانغا ئوخشاش سۆز قىلىپ، ئىنسانغا ئوخشاش ئويلايدۇ، ئىنسانلاردەك ھەرىكەت قىلىدۇ. ئىزوپنىڭ ناھايىتى ئاددىي تىل ئىشلىتىپ يازغان مەسەللىرىنىڭ پەردە ئاقىسىغا تەربىيەلىگۈچى بىر ئۇچۇر يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

* * * * *

تەتقىقاتلار، ھايۋانلارنى مەركەزگە قويۇش ۋە ئۇلار ئارقىلىق ھېكايە سۆزلەشنىڭ ئىزوپتىن خېلى بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ژانېرنىڭ ئۈلگىلىرىنى ھىندىستاندىن مېسوپوتامىييەگىچە بولغان كەڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇنلاردىن ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ژانىر ئەينى ۋاقىتتا «مەسەل» دەپ ئاتالمىغانىدى. پۈتۈن دۇنيا تونۇشىدىغان «مەسەل» ژانىرى ئىزوپ چۆچەكلىرى لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن بارلىققا كېلىدۇ. مەسەللەر فىرانسىيەنىڭ مەشھۇر شائىرى لا فونتايىننى ئىلھاملاندۇرىدۇ، مەزمۇنىدا «ساۋاق ياكى نەسىھەت بار بولغان ھېكايە» دەپ ئېنىقلىما بېرىلىدۇ ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى ئالىدۇ. ھەتتا بەزىلەر لا فونتايىننىڭ بارلىق چۆچەكلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىزوپنىڭ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئىزوپنىڭ مەسەللىرىنى ئون توم قىلىپ توپلىغانلىقى، ئەمما بۇ ئەسەرنىڭ يوقىلىپ كەتكەنلىكى مەلۇم. بەزى مەنبەلەردە، ئىزوپ ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ مەسەللىرىنىڭ سانىنىڭ 20 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. بەلكىم باشقىلار ئىزوپقا باغلاش ئارقىلىق مەسەللەرنىڭ سانىنى كۆپەيتكەن بولۇشىمۇ، بەلكىم ئىزوپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەرگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇلارنى بىلىش تەس! لېكىن، ئانادولۇلۇق ئىزوپ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ مەسەلچىلىرىنىڭ بىرى، دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ مەسەللىرى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتىگە تەۋە مەسەللەر سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىكى ئورنىنى ئالىدۇ.

ئىككى مىڭ ئالتە يۈز يىل ئىلگىرى ئىزوپ بىلەن ئانادولۇ جۇغراپىيەسىدە گۈللىگەن مەسەل، كېيىنچە لا فونتايىنغا ئىلھام بولىدۇ ۋە پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىدۇ. چۈنكى، سۆزلەيدىغان، ئىنسانغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە پەلسەپىچى بولغان بۇ ھايۋان ھېكايىلىرى، بالىلارغا ئوخشاشلا چوڭلار تەرىپىدىنمۇ ناھايىتى ياخشى كۆرۈلىدۇ ۋە قوبۇل قىلىنىدۇ. بىز نەچچە مىڭ يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھازىرقى دەۋردە ئاڭلىتىلغاندەكلا يېڭى ۋە جانلىقلىقىنى ساقلاپ قالغان، بىزنىڭ پەرقلىق تەرەپلىرىمىز بىلەن تونۇشۇشىمىزغا تۈرتكە بولغان ئىزوپقا سالام يوللايمىز.

* * * * *

ئانادولۇ تارىخ ۋە ئەدەبىياتنىڭ بۆشۈكى بولۇپلا قالماي، يەنە مېدىتسىنا ۋە ماتېماتىكانىڭمۇ بۆشۈكى. مىسىر ۋە مېسوپوتامىييەدە دۇنياغا كەلگەن دەپ قارىلىۋاتقان ماتېماتىكا، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمكى ئىلىملەرنىڭ بىرى. ھىرودوت، نىل دەرياسى تاشقىنىنىڭ ماتېماتىكانىڭ، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، گېئومېتىرىيەنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئارىستوتىل بولسا، پوپلار ۋە دىنىي زاتلارنىڭ ئۆزلىرىنى مەشغۇل قىلىش ۋە زېرىكىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن ماتېماتىكانى ئىجاد قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ماتېماتىكادىكى ھەقىقىي ئىلگىرىلەش ئىئونىيە دەۋرىدە يۈز بېرىدۇ.

خۇددى ئانادولۇلۇق ئىزوپنىڭ دېگەندەك تونۇلماي، لا فونتايىننىڭ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە تونۇلغىنىغا ئوخشاش، بۇ زېمىنلاردا ئارخىمېدېسقا، ئېۋكلىد (ئوكلېد)قا باشلامچى بولغان، ئەمما دېگەندەك تونۇلۇپ كەتمىگەن قەدىمكى دەۋرنىڭ مۇھىم بىر ئالىم بار، ئۇ بولسىمۇ كنودوسلۇق ئېئۇدوكۇس (ئوئېدوكسۇس)تۇر. مۇغلانىڭ داتچا ناھىيەسى كىنودوستا دۇنياغا كەلگەن ئېدوكۇس، داڭلىق قەدىمكى دەۋر يۇنان پەيلاسوپى ئەپلاتوننىڭ ئوقۇغۇچىسى بولىدۇ. ئۇ پەلسەپە بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماي، يەنە ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە ۋە قانۇن ساھەلىرىدە تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى يېتىشتۈرىدۇ. ھەم كىنىدوسنىڭ قانۇن كۆرسەتمىلىرىنى تەرتىپكە سالغان بىر ئادۋوكات، ھەمدە ئوتتۇرىغا قويغان نەزىرىيەلىرى بىلەن يۇنان ماتېماتىكىسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن ۋە دەۋرىمىز ئاسترونومىيەسىنىڭ يولىنى ئاچقان بىر ئالىمدۇر.

ماتېماتىكا ساھەسىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن «ئالتۇن نىسبەت» تېمىسىغا تۆھپە قوشىدۇ. ماتېماتىكا تارىخى بويىچە ماتېماتىكلارنىڭ تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ئارخمېد ئاكسىئومىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ئېئۇدوكۇس نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماي، شەكلى تۈز بولمىغان جىسىملارنىڭ ساھە ۋە ھەجىمىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ھېسابلاشنىڭ مېتودىنى تېپىپ چىقىدۇ.

* * * * *

كائىنات قۇرۇلمىسىنىڭ ماتېماتىكىلىق مودېلىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان كىشىمۇ كىنىدوسلۇق ئېئۇدوكۇستۇر. بۇ ئۇتۇقلىرى بىلەن كېپلېر ۋە كوپېرنىكقا باشلامچىلىق قىلىدۇ. كائىناتنىڭ تەرتىپىنى ئىزاھلاش ئۈچۈن كۆزىتىشلەرگە ئېھتىياج بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ كۆزىتىش ۋە تەجرىبىنى ئاساس قىلمىغان پىكىر ۋە كۆز قاراشلارنى نەزەرگە ئالمايدۇ. گالىلې ۋە نيۇتونمۇ ئۇنىڭ يولىنى ياقلايدۇ. ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ئۈچۈن بارغان مىسىردا ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ، ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇ كۆزىتىشلەر نەتىجىسىدە، سەييارىلەرنىڭ تەرتىپسىز، يۇلتۇزلارنىڭ بولسا، قەرەللىك ھالەتتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ يەنە، يۇلتۇزلار تۈركۈمىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىزاھلاپ، يۇلتۇزلارنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىدۇ. ئېئۇدوكۇسنىڭ قارىشىچە، يەرشارى كائىناتنىڭ مەركىزى، بارلىق ئاسمان ھەرىكەتلىرى ئايلانما شەكىلگە ۋە ئىزچىللىققا ئىگە. ئاسمان جىسىملىرىنىڭ شار شەكلىدە كۆرسىتىلىشىمۇ ئۇنىڭ پىكرى بولۇپ، ئۇ بۇ ئىدىيەسى ئارقىلىق زامانىۋى ئاسترونومىيەگە باشلامچىلىق قىلىدۇ. زامانىمىزدىن نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرى، بىر يىلنى 365 كۈن، ئالتە سائەت دەپ ھېسابلاپ چىققان تۇنجى ئالىممۇ يەنە  ئېئۇدوكۇس بولىدۇ.

ئېئۇدوكۇس ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە ساھەسىگە زور تۆھپە قوشقان بىرى بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى پەن بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلار ئۇنى ئانچە تونۇپ كەتمەيدۇ. گەرچە ئارخىمېدېس، ئېۋكلىد، كوپېرنىك ۋە گالىلىلار تونۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يولىنى داغداملاشتۇرغان ئېئۇدوكۇس دېگەندەك داڭق چىقارمايدۇ، شۇ ۋەجىدىنمۇ ئۆزىگە لايىق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالمايدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئىلىم – پەنگە پەنگە قوشقان تۆھپىسىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.

كائىناتنىڭ تارىختىكى تۇنجى ماتېماتىكىلىق مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويغان، زامانداشلىرىدىن نەچچە يۈز يىل ئالدىدا تۇرغان، نۇرغۇن ماتېماتىك ۋە ئاسترونوملارغا باشلامچىلىق قىلغان، بۇ زېمىندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان كىنىدوسلۇق ئېئۇدوكۇس، ئارىدىن نەچچە ئەسىر ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بىر سالام بېرىشكە لايىق ئەمەسمۇ؟ ئىزوپقا يوللىغىنىمىزدەك ئۇنىڭغىمۇ سالامىمىزنى يوللايمىز.


خەتكۈچ: #مەسەل , #ئىزوپ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر