تۈركىيە – پولشا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سودىسىنىڭ پەردە ئارقىسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (75)

1651476
تۈركىيە – پولشا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سودىسىنىڭ پەردە ئارقىسى

تۈركىيە – پولشا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سودىسىنىڭ پەردە ئارقىسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (75)

(مۇرات يېشىلتاش)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيە – پولشا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سودىسىنىڭ پەردە ئارقىسى» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ** *** *********

تۈركىيە بىلەن پولشا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان 24 دانە بايراقتار TB2 قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم تۈركىيەگە مەركەزلەشتۈردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى قاتار، لىۋىيە، ئۇكرائىنا ۋە ئەزەربەيجانغا سېتىلغان بايراقتار TB2 قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەمدىلىكتە تۇنجى قېتىم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنغان بولدى. تۈركىيەنىڭ İHA ۋەSİHA  ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەھسۇلاتلىرىغا بولغان خەلقئارالىق قىزىقىشىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى ۋە پولشانىڭ بۇ سۇپىنى تاللىشىنىڭ ئارقىسىدا بەزى سەۋەبلەر بار.

دەسلىپىدە تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەقىقىي جەڭ مەيدانىدا ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشى ۋە غەلىبىلىك نەتىجىلەرنى كۆرسىتىشى، خەلقئارا بازاردا رىقابەت كۈچى يۇقىرى قورال سىستېمىسىغا ئايلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ جەھەتتە تۈركىيەنىڭ İHA ۋەSİHA  ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سۇپىلىرى ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. بايراقتار TB2 سىستېمىسىنىڭ سۈرىيە، لىۋىيە ۋە تاغلىق قاراباغ قاتارلىق ئوخشىمىغان ئۇرۇش مەيدانلىرىدا نامايان قىلغان يۈكسەك غەلىبىسى خەلقئارانىڭ قىزىقىشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى. «ئۈستۈن قابىلىيەتلىك» دەپ قارالغان رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ بايراقتار TB2 غا قارشى ئۈنۈمسىز ھالغا چۈشۈپ قىلىشى ھەتتا قوراللىق كۈچلەرنىڭ نىشانلىرى نۇقتىسىدىنمۇ يېڭى مۇنازىرىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولدى.

تۈركىيەنىڭ İHA ۋەSİHA  ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سۇپىلىرىنىڭ تەجرىبىسى، بۇلارنىڭ پەقەت رازۋېدكا قىلىش، كۆزىتىش ۋە ئىستىخبارات خىزمىتىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى باستۇرۇش ياكى دۈشمەننىڭ برونىۋىك قىسىملىرىنى نېيتراللاشتۇرۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەردىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجە يارىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى خەلقئارا مۇداپىئە سانائىتى بازىرىدا رىقابەت كۈچىگە ئىگە قىلغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا، باھاسىنىڭ مۇۋاپىق بولىشى جەھەتتىنمۇ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارىسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدۇر. ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) غا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئامېرىكادا ياسالغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان  سىستېمىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما بۇ سۇپىلارنىڭ ھەتتا ئامېرىكانىڭ ئۆزىنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈنمۇ قىممەت سىستېمىلار ئىكەنلىكى مەلۇم.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا قانۇنىدا بۇ خىل سۇپىلارنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشغا قارىتا ئېغىر كونترول قىلىش ۋە توسالغۇلارنىڭ بولۇشىمۇ سېتىۋالغۇچى دۆلەتلەرنى چېكىندۈرىدىغان ئامىل بولۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئەكسىچە تۈركىيەنىڭ İHA ۋەSİHA  ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سىستېمىلىرى تېخىمۇ ئەرزان باھالىق بولۇشىدىن باشقا ئىلاستىكىلىق سېتىۋېلىش پۇرسىتىمۇ يارىتىپ بەرمەكتە.

شۇڭا، تۈركىيە بىلەن پولشا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم پەقەتلا قورال سېتىش كېلىشىمى بولۇشتىن ھالقىپ، بىر قىسىم سىياسىي جۇغراپىيەلىك نەتىجىلەرنىمۇ بەرپا قىلىش ئىقتىادارىغا ئىگە. بولۇپمۇ پولشانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت ئىكەنلىكى، كېلىشىمنىڭ تۈركىيە-ناتو مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشتىن باشقا يەنە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىچىدىكى ھەمكارلىق روھىنىڭ ئىشىشىغىمۇ ئالاھىدە تەسىر كۆرسەمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىناغا ئوخشاش پولشانىڭمۇ ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارايدىغان دۆلىتىنىڭ رۇسىيە بولۇشى، بۇ سېتىپ بېرىش كېلىشىمىنى ئەھمىيەتلىك ھالغا كەلتۈرگەن سەۋەبلەردىن بىرسىدۇر. بايراقتار TB2 نىڭ ئۇكرائىنادىن كېيىن پولشاغا سېتىلىشى رۇسىيەنىڭ سىياسىتىگە قارشى كونكرېت ھەرىكەت ماھىيىتىگىمۇ ئىگە. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، رۇسىيەگە قوشنا ۋە تۈركىيە بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ھەم سانىنىڭ ئېشىشى، ھەم ئىقتىدارلىرىنىڭ ئاشۇرۇلىشى رۇسىيەنىڭ ھەرىكەت ساھەسىنىڭ ئەسلىدە ئۇنچە كەڭ ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. گەرچە رۇسىيەنىڭ بۇ جەھەتتە تۈركىيەگە قارىتا تەنقىدىي پىكىرلىرى بار بولسىمۇ، ئەنقەرەنىڭ بۇ تەنقىدنى كۆرمەسكە سېلىشى، يەنە بىر دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم نۇقتىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر