ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى ئالىي كېڭىشىنىڭ تور يىغىنى

اۋروئاسىياغا نەزەر - 74

1646799
ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى ئالىي كېڭىشىنىڭ تور يىغىنى

ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى يىغىنى

 ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ

 2021-يىلى، 21 – ماي كۈنى، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە،  ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى ئالىي كېڭىشىنىڭ تور يىغىنى  چاقىرىلدى. يىغىنغا، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەرمېنىيە، بېلارۇسىيە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، ئۆزبېكىستان ۋە كۇبا دۆلەت باشلىقلىرى، ئىتتىپاقنىڭ پەخرىي رەئىسى ۋە ئىتتىپاقنىڭ باش كاتىپى قاتناشتى. مەلۇم بولغىنىدەك، ئۆزبېكىستان بىلەن كۇبا ئىتتىپاقنىڭ كۈزەتكۈچى ئەزالىرىدۇر.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئۆزبېكىستان-قازاقىستان چېگراسىدا قۇرۇلۇۋاتقان خەلقئارا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى ئۇسلۇبىدىكى مەركەزلەرنى ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى جۇغراپىيەسىدە كېڭەيتىش تەكلىپىنى سۇندى.

ئىتتىپاقنىڭ پەخرىي رەئىسى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، يىغىندا سۆز قىلىپ، ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى ئىچىدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بىر گەۋدىلىشىشنى خالىمايدىغان كۈچلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما ئۇلارنىڭ قاسي كۈچلەر ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر لۇكاشېنكو بولسا، ئىتتىپاقنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇنىڭ غەرب ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، يىغىندا سۆزلىگەن نۇتقىدا، ياۋروئاسىيا ئىقتىسادى ئىتتىپاقىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەردە سپۇتنىك V ۋاكسىنىسىنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئورتاقلاشقان بىردىنبىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

رەھبەرلەر يىغىندا، ئىككى تەرەپلىك سودىدا دوللارنى ئازايتىش مەسىلىسىنى قوللاپ باياناتلارنى ئېلان قىلدى. رۇسىيە ۋە خىتاي باشلاتقان بۇ باسقۇچنىڭ پۈتكۈل رايوندا داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەش مۇمكىن.

يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى ۋە يېمەك - ئىچمەك باھاسى باشلىقلار يىغىنىدا دائىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان تېمىلارنىڭ بىرى بولدى. لېكىن، يىغىندا باھانى تۆۋەنلىتىش مەسىلىسى توغرىسىدا كونكرېت تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى.

يىغىن ئاخىرىدا، تاموژنا، يېزا ئىگىلىك ۋە دورىگەرلىك قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 كېلىشىم ئىمزالاندى.

ئالدىنقى يىلى مايدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئىتتىپاقنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا نۇرغۇن تەنقىدلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. بۇ قېتىم بۇنداق ئەھۋال كۆزگە چېلىقمىدى. رۇسىيەنىڭ «كوۋىد – 19» ۋاكسىنىسىنى ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاقلىشىشى، يۇقۇمنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشى، ئىقتىسادنىڭ ئاستا-ئاستا جانلىنىشقا باشلىشى، ئىتتىپاقنىڭ پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەنقىدلەرنىڭ ئازىيىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغاندەك قىلىدۇ.

ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ كۈزەتكۈچى ئەزاسى بولغان مولدوۋا ئاخىرقى قېتىملىق يىغىنغا قاتناشمىدى. مايا ساندۇ پىرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن كېيىن، مولدوۋا غەرب بىلەن بىر گەۋدىلىشىش ئۈچۈن بەزى قەدەملەرنى تاشلىماقتا. 2021-يىلى، 17 – ماي كۈنى، مولدوۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىرۇزىيە ۋە ئۇكرائىنالىق كاسپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە، ياۋروپا بىلەن بىر گەۋدىلىشىش پائالىيەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۈچ تەرەپلىك كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالىدى. بۇ ئارقىلىق، مولدوۋا ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى، ياكى رۇسىيەنىڭ ئورنىغا غەرب بىلەن تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىشى مۇمكىن.

ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى ھازىرغا قەدەر ۋيېتنام، سېربىيە، ئىران ۋە سىنگاپور بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ دائىرىدە، ئىسرائىلىيە، مىسىر، ھىندىستان، ھىندىنوزىيە ۋە موڭغۇلىيە بىلەن بولغان ئالاقىسى داۋاملاشماقتا. ئالدىمىزدىكى يىللاردا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىشى مۇمكىن. دەرۋەقە، ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. خەلقئارا ساھەدە قۇتۇپلىشىش كۈچەيگەن تەقدىردە، ئىتتىپاقنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر