قىرقپىنار ياغلىق چېلىشىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «قىرقپىنار ياغلىق چېلىشىشلىرى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1644776
قىرقپىنار ياغلىق چېلىشىشلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز
yagli pehlivan gures.jpg
kirkpinar yagli guresleri.jpg
kirkpinar yagli gures.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قىرقپىنار ياغلىق چېلىشىشلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان ئەڭ ئۇزۇن ئۆتمۈشكە ئىگە تەنتەربىيە مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

تۈركلەرنىڭ ئەجدادلىرىدىن قالغان تەنتەربىيەسى، دەپ قارىلىدىغان چېلىشىش، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ قەدىمكى تەنتەربىيەلىرىنىڭ بىرى. تۈركىيەدە چېلىشىش دېيىلگەن ھامان كىشىنىڭ ئەقلىگە قىرقپىنار ياغلىق چېلىشىشلىرى كېلىدۇ. ياغلىق چېلىشىش پەھلىۋانلار (چېلىشىش ماھىرلىرى) بېلى ۋە ئايىغى يىپ بىلەن باغلانغان تېرە ئىشتانلارنى كىيىپ، زەيتۇن يېغى بىلەن ياغلىنىپ چىملىق ئۈستىدە ئىشقا ئاشۇرىدىغان چېلىشىش شەكلى بولۇپ، 14 – ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادا باشلانغان ياغلىق چېلىشىش مۇسابىقىسى، دۇنيانىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان ئەڭ ئۇزۇن ئۆتمۈشكە ئىگە تەنتەربىيە مۇسابىقىسى دەپ قارىلىدۇ.

رىۋايەتكە قارىغاندا، قىرقپىنار ياغلىق چېلىشىشلىرى 1361-يىلى تۈركلەرنىڭ تراكياغا ئۆتۈشى بىلەن باشلانغان. 650 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن بۇ مۇسابىقىلەر ئەدىرنەنىڭ سارايئىچى رايونىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە. بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان قىرقپىنار ياغلىق چېلىشىش مۇسابىقىلىرى ئىيۇننىڭ ئاخىرى ۋە ئىيۇلنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان پەھلىۋان «باش پەھلىۋان» ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ئالتۇن كەمەرنىڭ ساھىبى بولىدۇ ۋە كېيىنكى يىلىدىكى مۇسابىقىگە قەدەر بۇ ئالتۇن بەلۋاغنى ساقلايدۇ.

قىرقپىنار ياغلىق چېلىشىش مۇسابىقلىرى 2010- يىلىدىن باشلاپ ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى - يۇنېسكونىڭ كونكېرت بولمىغان مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر