(ئاللاھنىڭ يولىدا ساڭا يەتكەن ئەرزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغىن

سەۋرەڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا قولغا كېلىدۇ.

1639823
(ئاللاھنىڭ يولىدا ساڭا يەتكەن ئەرزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نەھل سۈرىسى، 119 – 128 - ئايەتلەر.  شۈبھىسىزكى، بىلمەستىن يامان ئىشلارنى قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەرگە پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر[119]. ئىبراھىم ھەقىقەتەن (ياخشى خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرگۈچى) پېشىۋا، ئاللاھقا ئىتائەتمەن (باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرالغۇچى يەنى ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى) ئىدى. ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەس ئىدى[120]. ئىبراھىم ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچى ئىدى. ئاللاھ ئۇنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدى ۋە ئۇنى توغرا يولغا باشلىدى[121]. ئۇنىڭغا دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ[122]. ئاندىن ساڭا: «باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرالغۇچى (يەنى ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى) ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكىن، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دەپ ۋەھيى قىلدۇق[123]. شەنبە كۈنى ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلغۇچىلار ئۈچۈنلا ئۇنى ئۇلۇغلاش بەلگىلەندى (يەنى شەنبە كۈنىنى ئۇلۇغلاش ۋە بۇ كۈندە ئىشلىمەسلىك ئىبراھىمنىڭ شەرىئىتىدە يوق ئىدى. يەھۇدىيلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلىپ دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارغا ئېغىرچىلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق بەلگىلىمىنى چىقاردۇق). شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەق ـ ناھەق ئۈستىدە چوقۇم ھۆكۈم چىقىرىدۇ[124]. پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز ـ نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ[125]. ئەگەر (ئۆزۈڭلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەت ئۈچۈن) ئىنتىقام ئالماقچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەت قانچىلىك بولسا، شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىڭلار (يەنى ئاشۇرۇۋەتمەڭلار)، ئەگەر سەۋر قىلساڭلار (يەنى ئىنتىقام ئالماي كەچۈرسەڭلار)، بۇ سەۋر قىلغۇچىلار (يەنى كەچۈرگۈچىلەر) ئۈچۈن (ئەلۋەتتە) ياخشىدۇر[126]. (ئى مۇھەممەد!) (ئاللاھنىڭ يولىدا ساڭا يەتكەن ئەرزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغىن، سەۋرەڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا قولغا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتمىغانلىقى) غا قايغۇرمىغىن. ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىسىدىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن[127]. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر[128].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر