تۈركىيە – مىسىر مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (71)

1635876
تۈركىيە – مىسىر مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشى

تۈركىيە – مىسىر مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (71)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيە – مىسىر مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ** *** *********

يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۆزئارا مەسىلىىسى بولغان ۋە كەسكىن رىقابەتلىشىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن نورماللىشىش ئىزدىنىشىدە بولماقتا. بۇ جەريان دەسلەپتە ترامپ دەۋرىدە ئىسرائىلىيە بىلەن بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدا باشلاندى. بايدېننىڭ ئامېرىكىدا ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى بىلەن نورماللىشىشنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بىرلا ۋاقىتتا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى كۆرۈلمەكتە. ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئىللىق ئۇچۇر بېرىشلەر رايوندىكى ئىككى چوڭ رەقىب دۆلەت ئوتتۇرىسىدىمۇ يۇمشاشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئەسكە سالماقتا. تۈركىيە بولسا، بۇ مەزگىلدە ئەڭ كۆپ كۈنتەرتىپكە كەلگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. تۈركىيە-ئىسرائىلىيە، تۈركىيە-مىسىر ۋە تۈركىيە-سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلىشى مۇمكىن بولغان يېقىنلىشىشلار بەلكىم ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى بىر دەۋرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

يېقىندا تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ نورماللىشىش ئىزدىنىشىدە يېڭى بىر قەدەم تاشلاندى. ئىستىخبارات باشلىقلىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن تۈركىيەدىن بىر ھەيئەت  قاھىرەگە يېتىپ باردى. تۈركىيەنىڭ مىسىر بىلەن ئېلىپ بارغان نورماللىشىشى ئوخشىمىغان رايون قاتلىمىغا ماس كەلمەكتە. ئامېرىكانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى يەمەندە يالغۇز تاشلاپ قويۇشى ۋە ئىران بىلەن يادرو كېلىشىمگە يېقىنلىشىشى ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈچ تەڭلىمىسىدە يېڭى ھەرىكەتلىنىشلەرنى پەيدا قىلدى. ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن قايتىدىن يادرو كېلىشىمگە كېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقان ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قايغۇلىرىنى ئاقساراينىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋەكىلى ماكگۇركنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر ۋە ئىيوردانىيەگە بېرىپ يوقاتماقچى بولىدىغانلىقى ئاخباراتلاردا كەڭ خەۋەر قىلىندى. ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى بىرىنچى مۇھىم ئىشى ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىنى كونترول قىلىش ۋە تېھراننى قايتىدىن ئۈستەلگە ئولتۇرغۇزۇشتۇر. يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيە ۋە خىتاي قاتارلىق خەلقئارا ئاكتىيورلارنىڭ ئوتتۇرا شەرققە بولغان قىزىقىشى، كۈنسىرى ئامېرىكاغا نىسبەتەن يېڭى بىر خىرىس پەيدا قىلماقتا. بۇنداق مۇھىتتا بارلىق رايون خاراكتېرلىق ئاكتىيورلار ئۆز-ئارا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشماقتا. تۈركىيە-مىسىر مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنلىشىدىكى تىرىشچانلىقلارنىمۇ بۇ تەڭلىمىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كۆرۈش لازىم.

شەرقىي ئاقدېڭىز تەۋەلىك ساھەسىنى بۆلۈشۈش ۋە لىۋىيە مەسىلىسى تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ يېقىنلىشىشىدىكى ئەڭ ئاقىلانە سەۋەبلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئالدىنقى پىلانغا چىقماقتا. لىۋىيەدە ۋاقىتلىق سىياسىي ئۆتكۈنچى مەزگىل باشلانغاندىن كېيىن، مىسىر ۋە تۈركىيەگە نىسبەتەن لىۋىيە ئورتاق مەسىلىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. ھەر ئىككى دۆلەت لىۋىيە مەسىلىسىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى ئېنېرگىيە بايلىقىغا مۇناسىۋەتلىك رىقابەتنىڭ بولسا، ئىككى دۆلەتكە پايدىسىز ئىكەنلىكى ئايان بولدى. گىرېتسىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان مىسىرمۇ بۇ كېلىشىمنىڭ مىسىرنىڭ ئالدىنقى ئورۇندىكى ئىشلىرىنىىڭ تەقەززالىرىنى تولۇق قامدىيالمايدىغانلىقى كۆرۈپ يەتتى. شۇڭلاشقا شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى ئېنېرگىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشى مىسىر ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە. بۇ ئىككى مەسىلە نورماللىشىش مەزگىلىنىڭ ئەڭ ئىجابىي كۈن تەرتىپىنى تەشكىل قىلماقتا.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەسىلە ھېسابلىنىدىغان «مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى» مەسىلىسى بولسا، ھازىرچە بىر چەتكە ئىتتىرىپ قويۇلغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. تېخىمۇ مۇھىمى رايون خاراكتېرلىق گېئوپولىتىكا مەسىلىلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىشىشىنى ھازىرچە ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى مەلۇم. مىسىر-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشى لىۋىيە مەسىلىسى قاتارلىق رايوندىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشتە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. ياخشى ئىشلىىتىلگەن تەقدىردە، رايوندا توپلىشىپ قالغان ئاچچىقلارنىڭ تۆۋەنلىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر