ئانتەپ پىستەسى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئانتەپ پىستەسى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1633001
ئانتەپ پىستەسى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز
antep fistigi.jpg
antep fıstığı1.jpg
antep fıstığı.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئانتەپ پىستەسى ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان غازىئانتەپ شەھىرى تىلغا ئېلىنغان ھامان، كىشىنىڭ ئېسىگە تۇنجى بولۇپ كېلىدىغىنى داڭقى دۆلەت چېگرالىرىدىن ھالقىپ كەتكەن ئانتەپ پىستەسىدۇر. تۈركىيەدىكى تۇنجى پىستە كارخانىسى غازىئانتەپتە قۇرۇلغان بولغاچقا، كېلىپ چىقىشى ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇتىشىدىغان بۇ مەھسۇلات «ئانتەپ پىستىغى (پىستەسى)» دەپ ئاتالغان. يېڭىدىن تىكىلگەن پىستە كۆچىتى 10 ياشقا كىرگەندە ھوسۇل بېرىشكە باشلايدۇ. ھەر بىر دەرەخ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 كىلوگىرام مەھسۇلات بېرىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئۆمرى 100-150 يىل ئارىلىقىدا بولىدۇ.

ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنغاندىن باشقا، تاتلىق-تۈرۈم سانائىتىدىمۇ ئىشلىتىلىدىغان پىستە، ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. ئۇ ئۆپكىنىڭ ئۈنۈملۈك ياللۇغ تازىلاش دورىسى دەپ قارىلىدۇ. كۆكرەكنى يۇمشىتىدۇ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ ۋە يۆتەلنىڭ بېسىقىشىغا ياردەمچى بولىدۇ. ئۇ يەنە قاندىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، ئاستا خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن B6 ھەر خىل راك تۈرلىرى ۋە يۇقۇملىنىشلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىك تەلىپىگە ماس كېلىدىغان تەركىبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىستە، بەدەن فىزىئولوگىيەسى ۋە مېتابولىزىم ئىقتىدارىغا كۆرسىتىدىغان بۇ ئىجابىي تەسىرلىرى سەۋەبىدىن «كۆپ خىل فۇنكسىيەلىك يېمەكلىك» دەپ قارىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر