دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمكى پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، پەقەت ئانادولۇنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمكى كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز...

1630051
دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمكى پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىنسانلار دەريالارنى تىزگىنلىگەندىن كېيىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئۇنىڭ كۈچىدىن قورقمايدىغان، ئۆزلىرىنى كەلكۈندىن قوغدىشى ۋە ھاياتتا قېلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئاتاپ نەزىرلەرنى قىلمايدىغان بولدى. دەريالار قاچان نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقى ئېنىق بولمىغان كۈچلۈك مەۋجۇتلۇق ئەمەس، ھەيرانلىق ئىچىدە تاماشا قىلىنىدىغان جايلارغا ئايلاندى. كىشىلەر دەسلىپىدە ئاددىي قولۋاقلار بىلەن يېقىن ئارىلىق ۋە تېيىز سۇلاردا ساياھەت قىلىشقا باشلىدى. دەرەخلەرنىڭ قوۋزاقلىرى ۋە پارچىلىرىنى پالاق ئورنىدا ئىشلىتىشنى كەشىپ قىلغىنىدا بولسا، تېخىمۇ چوڭقۇر سۇلارغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. بۇ ئاددىي، ئەمما ئۈنۈملۈك كەشپىيات سودىنىڭ باشلىنىشى دەپ قارىلىۋاتقان مال ئالماشتۇرۇشنى قولايلاشتۇرغان سەپەرلەرگىمۇ باشلامچى بولدى. ئەلۋەتتە، مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ چەكلىك سەپەرلەر ئىنسانلارنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغان ھالەت شەكىللەندى. ئىنسانلار دەريالار ئاخىرلاشقان نۇقتدىكى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بىپايان تۇزلۇق سۇلارغا ۋە ئۇ سۇلارنىڭ ئۇ يېقىدا نېمىلەرنىڭ بارلىقىغا قىزىقىشقا باشلىدى. ئىنساندىكى نامەلۇمنى بىلىشكە ئىنتىلىش روھى ۋە قىزىقىش ئوچۇق دېڭىزلاردا ئۈزەلەيدىغان ۋاسىتىلەرگە بولغان ئېھتىياجنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن، ياغاچلارنى ئويۇپ بۈگۈنكى كۈندىكى پاراخوتلارنىڭ «ئەجدادى» دېيىشكە بولىدىغان كېمىلەرنى ياسىدى. زامانىمىزدىن ئالتە مىڭ يىل ئىلگىرى مىسىردا ياسالغان دەپ قارالغان بۇ كېمىلەر ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئاندىن شامال كۈچى بايقالدى، تۇنجى يەلكەنلەر ئىشلىتىلدى، شۇنداق قىلىپ، ئىنسانلارغا چەك – چېگراسىز بىر دۇنيا ئېچىلغان بولدى.

* * * * *

ئارخېئولوگلارنىڭ ئېيتىشىچە، يەلكەنلەر تۇنجى قېتىم مىسىر ۋە مىسسوپوتامىيەدە ئىشلىتىلگەنىدى. ئىنسانلار، شامال ۋە يەلكەننىڭ سايىسىدا كېمىلەرنى پالاقلار بىلەن ھەيدەشتىن قۇتۇلۇپ، خالىغان ئېغىرلىقتىكى يۈكنى ناھايىتى يىراق جايلاردا جاپا – مۇشەققەتسىز يۆتكەشكە مۇۋەپپەق بولدى. دەسلىپىدە يېقىن ئەتراپىدا سودا بىلەن شۇغۇللاندى. دېڭىزچىلار دېڭىزچىلىق تەجرىبىسى چوڭقۇرلاشقانسېرى ئانادولۇنىڭ جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىدىكى دۆلەتلەر، ئاندىن غەربتىكى مەدەنىيەتلەر بىلەن سودا قىلىشقا باشلىدى. ئاقدېڭىز (ئوتتۇرا دېڭىز) ئوچۇق دېڭىزلارغا قارىغاندا بىخەتەر ئىدى، ئەمما كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ۋەقەلەر يۈز بەرگەن، پاراخوتلار چۆكۈپ كەتكەنمۇ بولدى... بىز ئەنە شۇ غەرق بولۇپ كەتكەن پاراخوتلارنىڭ ياردىمىدە، قەدىمكى مەدەنىيەتلەر ۋە ئۆتمۈش ھەققىدە تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق...

* * * * *

ئانادولۇ جۇغراپىيەسى نەچچە مىڭ يىللار بويىچە نەچچە ئون مەدەنىيەتكە ساھىبخانلىق قىلىدۇ. بۇ يەرلەر ئارخېئولوگىيە جەننىتى بولۇپ، كۆپىنچە يەرلىرى ئۈستى ئوچۇق مۇزېيلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ھەر كۈنى دېگۈدەك ئىلىم - پەن دۇنياسىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېڭى بايقاشلارنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدۇ. بۇ بايقاشلارنىڭ بەزىلىرى نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى سۇنسا، يەنە بەزىلىرى مەۋجۇت بىلىمىمىزنى كۈچەيتىدۇ. تاغلار، تاشلار ۋە تۈزلەڭلىكلەر: «مەن تارىخنىڭ دەل ئۆزىمەن، كېلىڭلار، سىلەرگە تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرەي» دەۋاتقاندەكلا تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەمما، بىزگە نىدا قىلىۋاتقىنى، قەدىمكى دەۋرلەر ھەققىدە، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتمۈشى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىۋاتقىنى پەقەت قۇرۇقلۇقتىكى نەرسىلەر بىلەنلا چەكلىنەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق! ئانادولۇنىڭ دېڭىزلىرىنىڭمۇ ئېيتىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرى ۋە بايان قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ھېكايىلىرى بار. ئىلىم – پەن دۇنياسى تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىنى دېڭىز ئارخېئولوگىيەسى ئىلىمىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قارايدۇ. چۈنكى بۇ دېڭىزلار قەدىمكى دەۋردىن باشلاپلا ھەم دېڭىز - ئوكيان مەدەنىيەتلىرىنىڭ ماكانى بولىدۇ، ھەمدە نۇرغۇن مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆتۈش يولىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۈچ تەرىپى دېڭىز بىلەن قورشالغان بۇ رايون، دەسلىپىدە سودا پاراخوتلىرى ۋە دېڭىز ئارمىيەلىرى ئۈچۈن، كېيىنچە يولۇچىلار پاراخوتلىرى ۋە چارلىغۇچىلار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان يولغا ئايلىنىدۇ.

* * * * *

«دۇنيانىڭ ئەڭ دەسلەپ چۆكۈپ كەتكەن پاراخوت قالدۇقى» تۇنجى قېتىم تۈركىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ قۇملۇجا قىرغىقىدا بايقىلىدۇ. «گەلىدونىيە پاراخوت قالدۇقى» بىر تاش كۆپۈك توپلىغۇچىسىنىڭ سۇ ئاستىدىكى ئىزدىنىشلىرى جەريانىدا كېسەك مىسلار ۋە پاراخوت قالدۇقىنى ئۇچراتقانلىقىنى مەلۇم قىلىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ.  يۈكى مىس، تۇچ ۋە قەلەيدىن تەركىب تاپقان پاراخوت قالدۇقلىرى ئۈستىدىكى كاربون سىناقلىرى، ۋەقەنىڭ بۇنىڭدىن 3200 يىل ئىلگىرى، يەنى ئاخىرقى مىس دەۋرىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. قۇرۇقلۇقتىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئېلىپ بېرىلغان دۇنيانىڭ تۇنجى سۇ ئاستى قېزىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىمۇ بۇ چۆكۈپ كەتكەن پاراخوت قالدۇقىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئىلمىي جەھەتتىن «دۇنيادىكى تۇنجى سىستېمىلىق سۇ ئاستى پاراخوت قالدۇقىنى تەكشۈرۈش» خىزمىتى گەلىدونىيە پاراخوتى قالدۇقىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. قالدۇقلارنى قېزىپ چىقىرىش 1960 - يىلى بىر پەسىلدە سۇ ئاستىدا تاماملىنىدۇ. پاراخوت قالدۇقىدىكى تۇچتىن ياسالغان پالتا، گۈرجەك، ئوتىغۇچ، نەيزە، دېھقانچىلىق ۋە ئاشخانا سايمانلىرى ئارىدىن نەچچە مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىن دېڭىزنىڭ ئاستىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىرىلىدۇ. گەلىدونىيە پاراخوتى قالدۇقىنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يەنە بىر تەرىپى بولسا، تاشلاندۇق نەرسىلەر دەپ قارىلىۋاتقان ئابىدىۋى مېتال تېپىلمىلار بولۇپ، بۇ نەرسىلەر ئەينى دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ ھازىرقى دەۋر كىشىلىرىگە ئوخشاشلا مېتاللارنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلىگەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر. بۇ نۇقتىدا، بۇنىڭدىن 3200 يىل ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەن ئەجدادلىرىمىز بىزنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ.

قېزىۋېلىنغان ئاسارە - ئەتىقىلەر بودرۇم قەلئەسىنىڭ بىر سۇ ئاستى مۇزېيىغا ئايلىنىشىنى كاپلەتكە ئىگە قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، تۈركىيەنىڭ تۇنجى سۇ ئاستى مۇزېيىنى قۇرۇلغان بولىدۇ. گەلىدونىيە قېزىش – تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى يەنە ئامېرىكادىكى سۇ ئاستى ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ باشلىنىشىغىمۇ يېتەكچىلىك قىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، دۇنيا سۇ ئاستى ئارخېئولوگىيەسى چۆكۈپ كەتكەن گەلىدونىيە پاراخوتى قالدۇقلىرى سايىسىدا دۇنياغا كېلىدۇ!

* * * * *

1984 - يىلى ئانتاليانىڭ كاش رايونى دېڭىز تەۋەلىكىدە بايقالغان ئۇلۇبۇرۇن پاراخوت ھادىسىسى، گەلىدونىيە پاراخوتى قالدۇقلىرىدىن «دۇنيانىڭ ئەڭ بۇرۇن چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتى» ئۇنۋانىنى تارتىۋالىدۇ. چۈنكى تېپىلمىلار ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشلەر، بۇ ۋەقەنىڭ گەلىدونىيە ۋەقەسىدىن 200 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇلۇبۇرۇن پاراخوت ھادىسىسى 20 – ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ بايقاشلىرىنىڭ بىرى» دەپ قارىلىدۇ ۋە قېزىش — تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى 11 پەسىل داۋاملىشىدۇ. نەچچە مىڭ قېتىملىق سۇغا شۇڭغۇشلار نەتىجىسىدە، مىس بۇيۇملار، نۇرغۇنلىغان كوبالت كۆكى، يېشىل ۋە قۇددۇس ئوتى رەڭلىك يۇمىلاق ئەينەكلەردىن تەركىب تاپقان ئۆزگىچە بۇيۇملار قېزىۋېلىنىدۇ. ئەڭ قەدىمكى خام ئەشيا مەنبەسى دەپ قارالغان بۇ ئەينەك ماددىلار، بىزگە ئەينى دەۋردە ئەينەك سودىسىنىڭ سۈرىيەدىن ئەگە دېڭىزىغىچە بولغان جايلاردا قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ سۇ ئاستى پاراخوت قالدۇقلىرى ئارىسىدىن پىل ۋە بېگېموت چىشلىرى، مىس ئوقلار، نەيزە ۋە كالتەك قاتارلىقلارمۇ قېزىۋېلىنىدۇ.

* * * * *

توشۇلىدىغان ماللار پاراخوتقا قاچىلانغان بولۇپ، ھەممە نەرسە يولغا چىقىشقا تەييار ئىدى، ئۇلار كۆپ مىقداردا مىسنى ئېلىپ، تىنچ دېڭىزغا قاراپ قىبرىستىن يولغا چىقتى. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بوران چىقىپ، پاراخوت  دېڭىز دولقۇنلىرى ئارىسىدا بىچارىلەرچە داۋالغۇشقا باشلىدى. يۈكى ئېغىر بولغاچقا، بوران - چاپقۇنغا تاقابىل تۇرالمىدى، نەتىجىدە پاراخوت ئانتاليا دېڭىز قىرغىقىدىكى چوڭقۇر سۇغا غەرق بولدى. دېڭىزچىلار ئۆيلىرىگە قايتىپ كېلەلمىدى، توشۇلغان يۈكلەر بەلگىلەنگەن نىشانغا يەتكۈزۈلەلمىدى.

بىزنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلغانلىرىمىز، غەربىي ئانتاليادا يۈز بەرگەن دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمكى پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىگە دائىر بايانلار بولۇپ، بەلكىم ئىشلار بۇ شەكىلدە يۈز بەرمىگەن، ھەتتا پۈتۈنلەي باشقىچە بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، 3600 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئېنىق بىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. بىز پەقەت مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىرىگە تايىنىپ، ئۇلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشتۇق. ئۇ چاغدا يۈز بەرگەن ئىشلار پاراخوتنىڭ غەرق بولۇپ كېتىشى، ئۇزۇن مەزگىل سۇنىڭ ئاستىدا يېتىپ، قايتىدىن بايقىلىدىغان كۈننى كۈتۈشىگە سەۋەب بولدى. غەربىي ئانتاليا پاراخوت قالدۇقى، ئۇلۇبۇرۇن پاراخوت ھادىسىسى بايقىلىپ ئارىدىن 35 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە ئانتاليا دېڭىز تەۋەلىكىدە بايقالغان ئىككىنچى بىر پاراخوت چۆكۈپ ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ بايقاش نەتىجىسىدە، ئۇ دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمكى پاراخوت قازاسى دېگەن ئۇنۋاننى ئۇلۇبۇرۇن پاراخوت قالدۇقىنىڭ قولىدىن ئالدى. غەربىي ئانتاليادىن تېپىلغان غەرق بولغان پاراخوت قالدۇقى بىزنى 200 يىل بۇرۇنقى چاغلارغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكى، بەلكى دۇنيا ئۈچۈنمۇ بىر يېڭىلىق بولۇپ، سۇ ئاستى ئارخېئولوگىيەسىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىنى ئۆزگەرتىدۇ، سۇ ئاستى دۇنياسىنىڭ گۆبەكلىتەپەسى دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى غەربىي ئانتاليا پاراخوت قالدۇقى ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ قەدىمكى غەرق بولۇپ كەتكەن سودا پاراخوتى قالدۇقى ھېسابلىنىدۇ. قېزىش جەريانىدا، ئېغىرلىقى بىر يېرىم توننا كېلىدىغان ئوخشىمىغان شەكىلدىكى مىس كېسەكلەر بايقىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، مۇتەخەسسىسلەر ئۇنى دۇنيانىڭ ئەڭ بالدۇرقى، بەلكىم تۇنجى سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ يولغا چىققان پاراخوتى، دەپ قارايدۇ.

* * * * *

ئىنسانلارنىڭ دېڭىز سەپەرلىرىگە ئاتلىنىشى، ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلىك رايونلارغا قەدەم بېسىشىغا، يېڭى مەدەنىيەتلەر بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىگە ۋە سودىنىڭ ئوخشىمىغان ئۆلچەملەرگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا باشلامچىلىق قىلىدۇ. مەسىلەن، بۈگۈنكى سۈرىيە ۋە لىۋان ئەتراپىدا ياشايدىغان ۋە كۈچلۈك پاراخوتلارغا ئىگە بولغان فەنىكەلىكلەر، ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان ئېسىل بۇيۇملارنى مىسسوپوتامىيە، يۇنان، ھەتتا دېڭىز تارىخچىلىرىنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەگە ئېلىپ بارىدۇ. ئانادولۇ قىرغاقلىرى ھەر بىر دەۋردە بۇ مۇھىم سودا يولىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالىدۇ. تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكى دۇنيا سۇ ئاستى ئارخېئولوگىيەنىڭ باشلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا باشلامچىلىق قىلىدۇ، ئەڭ مۇھىم قېزىپ تەكشۈرۈشلەر تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىباھا ئاسارە - ئەتىقىلەر ۋە ئۇچۇرلارنى، دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمكى چۆكۈپ كەتكەن پاراخوت قالدۇقلىرىنى بۇ دېڭىزلاردىن  تاپقىلى بولىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تېخى بايقالمىغان بولسىمۇ، ئەمما دېڭىزلىرىمزىدا بايقىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن غەرق بولغان پاراخوت قالدۇقلىرى ياتماقتا. ئانادولۇنىڭ يەر ئاستىمۇ، دېڭىزلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىمۇ تارىخ چاچىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر