دۇنيانىڭ تۇنجى تۇنجى سىستېمىلىق ۋە تەشكىللىك سودا مەركىزى - كۈلتەپە

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىدا «دۇنيانىڭ تۇنجى تۇنجى سىستېمىلىق ۋە تەشكىللىك سودا مەركىزى - كۈلتەپە» ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز...

1625709
دۇنيانىڭ تۇنجى تۇنجى سىستېمىلىق ۋە تەشكىللىك سودا مەركىزى - كۈلتەپە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سودا – سېتىق قىلىش ئۈچۈن قايسى خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىشنى ياخشى كۆرىسىز؟ ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن سودا سارايلارغا بارامسىز ياكى تېلېفون ۋەياكى كومپيۇتېرىڭىزدىن پايدىلىنىپ توردىن مال سېتىۋالامسىز؟ ئەلۋەتتە، بىز سىزنىڭ مايىللىقىڭىزنى بىلمەيمىز، ئەمما دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە تور ئارقىلىق سودا – سېتىق قىلىش نىسبىتى  %70 تىن ئېشىپ كەتتى! نۆۋەتتە بىز كۆرۈپ ياقتۇرغان، ئەمما يارىشىپ ياراشمايدىغانلىقىنى، توقۇلۇشىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيدىغان بىر كىيىمنى، كۆرۈنۈشى ياكى ئىسمىنى ياقتۇرغان بىر تاماقنى قولىمىزنى ھەقىقىي پۇلغا تەگكۈزمەستىن زاكاس قىلىپ سېتىۋالىدىغان بولۇپ كەتتۇق. قولىمىزغا ئېلىپ باقمىغان، پۇرىقىنى ھىدلىمىغان نەرسىلەرنىڭ پۇلىنى ئوخشاش ئۇسۇلدا يەنى كۆرۈنمەيدىغان بىر پۇل  بىلەن تۆلەۋاتىمىز. ئېلىم – بىرىم ئىشلىرى، سېتىۋېلىش ئىشلىرى بۈگۈنكى ھاياتىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىش ھەمىشە مۇشۇنداق ئىدى. ئېلېكترونلۇق سودا، ئىناۋەتلىك كارتا، ھەتتا پۇل بولمىغان ۋاقىتلاردىمۇ نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىناتتى. باشقىچە ئېيتقاندا، سېتىۋېلىش ۋە سودىنىڭ تارىخى ئىنسانىيەت تارىخىغا ئوخشاشلا قەدىمىي ۋە ئۇزۇن. ئۇنداقتا، سودا – سېتىق، ئېلىم – بىرىم ئىشلىرى خېرىدار بىلەن ساتقۇچى ناھايىتى ئاز ئۇچرىشىدىغان بۈگۈنكى كۈنلەرگە كەلگۈچە قانداق باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈردى؟

* * * * *

سودىنى ئىنسانلارنىڭ مۇقىم ئولتۇراق تۇرمۇشقا قەدەم بېسىشى بىلەن تەڭ باشلانغان دېسەك، خاتالاشمايمىز. ئوۋ ئوۋلىغۇچى تۇرمۇشتىن ئولتۇراق تۇرمۇشقا قەدەم باسقان ئىنسان، يېمەكلىكى ۋە چەكلىك دائىرىدە بولسىمۇ باشقا ئېھتىياجلىرىنى ئۆزى قاندۇرۇشقا باشلىدى. ئەمما ئۇنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى ئىنتايىن چەكلىك ئىدى، ئۇ باشقا نەرسىلەرگىمۇ موھتاج ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوخشىمىغان تاۋارلارغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۆزىگە يېتەرلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش بىلەنلا قالماي، ئالماشتۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى. دەسلىپىدە يېقىن ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن، كېيىنچە يىراق يېزا  -  بازارلار بىلەن تاۋار ئالماشتۇرۇشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ، سودىنىڭ ئاساسىي يارىتىلغان بولدى. بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئىنسانلار يېقىن ئارىلىقتىكىلەر بىلەن سودا قىلىش بىلەن كۇياپىلەنمەيدىغان ھالەت شەكىللەندى. يىراق جايلاردىكى ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ۋە ئۇ يەرلەردىكى ئوخشىمىغان ماللار، پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇللىرى ئۇلارنى جەلپ قىلدى. بۇ سايىدا، سودا ئارقىلىق پۇل تېپىپلا قالماي، مەدەنىيەتلەر ئارا ئالاقەمۇ باشلاندى. قەدىمكى دەۋرلەردە، قەلەي قۇرۇقلۇق يولى بىلەن كاسپىي دېڭىزىنىڭ شەرقىدىن گرېتسىيەگە يېتىپ كېلەتتى، بالتىق دېڭىزىدىن ئېلىنغان كاۋچۇك جەنۇب ئارقىلىق شەرقىي ئاقدېڭىزغا يەتكۈزۈلەتتى. كەم ئۇچرايدىغان بايلىقلارنىڭ بىرى بولغان تۇزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياغاچ، يۇڭ قاتارلىق كېرەكلىك بۇيۇملار شۇ دەۋرنىڭ شارائىتىنى ئويلاشقاندا، ئىشەنگۈسىز مۇشەققەتلىك يوللارنى بېسىپ ئۆتەتتى، ئىنسانلار كۆزگە كۆرۈنمەس رىشتىلەر بىلەن بىر – بىرلىرىگە باغلىناتتى. مىلادىدىن تۆت مىڭ يىل ئىلگىرى، ئانادولۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا دۇنيادىكى تۇنجى خەلقئارا سودا مەركىزى — كۈلتەپە قۇرۇلدى.

* * * * *

قەيسەرىگە يېقىن يەرگە جايلاشقان كۈلتەپە — ھىتىتلار ئانادولۇدا قۇرغان تۇنجى شەھەر، شۇنداقلا، ئانادولۇنىڭ مىس دەۋرىدىكى ئەڭ داڭلىق ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ بىرى. ئوتتۇرا ئانادولۇنىڭ ئەڭ ئېگىز تېغى بولغان ئەرجىيەسنىڭ ئېتىكىگە قۇرۇلغان كۈلتەپە، ئەينى چاغدىكى نامى بىلەن ئېيتقاندا كانىش، ھىتىتلار تۇنجى قۇرغان شەھەر بولۇش بىلەن بىرگە، ئاسسۇرلار مېسوپوتامىيە بىلەن ئانادولۇ ئوتتۇرىسىدا شەكىللەندۈرگەن كەڭ سودا تورىنىڭمۇ مەركىزى ئىدى. بۇ شەھەر نۇرغۇن لىنىيەلەرنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىغا جايلاشقان بولغاچقا، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى چوڭقۇر ئىدى. ئۇنداقتا، ئاسسۇرلارنى ئانادولۇ بىلەن سودا قىلىشقا ئىتتىرگەن كۈچ، يالغۇزلا ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ياكى يول تورلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىمۇ؟ بۇ ئامىللار ئەلۋەتتە ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما سودىنىڭ بىرىنچى زۆرۈر ئېلېمېنتى، مەلۇم نەرسىگە بولغان ئېھتىياجدۇر. ئۇ ۋاقىتلاردا مىس ئانادولۇنىڭ ئەڭ مول مېتالى ئىدى. مىس ئۇزۇن يىللار بويى كۆپلەپ ئىشلىتىلدى، ئەمما، ئۇنچىۋالا چىداملىق ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭغا ئون پىرسەنت ئەتراپىدا قەلەي قوشۇلۇپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم بىر ماددا، يەنى تۇچ ھاسىل قىلىناتتى. چىدامچانلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇ دەۋرلەردە بارلىق پادىشاھلار تۇچتىن ياسالغان قوراللارغا ئىگە بولۇشنى ئويلايتتى. ئانادولۇدا مىس مول بولسىمۇ، قەلەي تېپىلمايتتى. دەل شۇ چاغدا ئاسسۇرلار ئارمانغا دەرمان بولىدۇ. ئانادولۇ قەلەيگە ئېھتىياجلىق، ئاسسۇرلار ئانادولۇدىكى باشقا خام ئەشيا ۋە تاۋارلارغا موھتاج ... شۇڭا، ئاسسۇرلۇق سودىگەرلەر كارۋانلار بىلەن ئاساسلىقى قەلەي، ئەينەك، رەخت ۋە باشقا نۇرغۇن نەرسىلەرنى دىجلە ۋە فىرات دەرياسى ئارقىلىق كانىشقا، يەنى كۈلتەپەگە ئېلىپ كېلىشكە، ئانادولۇ ئىشلەپچىقىرىلغان ئالتۇن، كۈمۈش، مىس ۋە قىممەتلىك تاشلارنى ئاسسۇرغا يۆتكەشكە باشلايدۇ. ئاسسۇرلار ئانادولۇنىڭ بايلىقىدىن نەپ ئېلىشنى نىشان قىلغان — سودا مۇستەملىكىسى دەپ ئېنىقلىما بېرىشكىمۇ بولىدىغان —مەركەزلەرنى قۇرىدۇ. بۇ چوڭ سودا رايونلىرى «كارۇم» دەپ ئاتىلىدۇ، كۈلتەپە ئۇزۇن ئۆتمەيلا كارۇملارنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. كۈچلۈك ۋە كەڭ كۆلەملىك سودا تورى سايىسىدا كانىشقا ئېلىپ كېلىنگەن ماللار، ئۇ يەردىن ئانادولۇنىڭ ئىچكى قىسىملىرىغىچە تارقىتىلىدۇ، شۇنداق قىلىپ، دۇنيادىكى تۇنجى تەشكىللىك سودا مەركىزى كۈلتەپە - كانىشتا قۇرۇلغان بولىدۇ. كۈلتەپە كېيىنكى دەۋرلەردىمۇ ئۆزىنىڭ مۇھىم ئورنىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يىپەك يولىنىڭ ئاساسلىق بېكەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ ۋە بۇ ئالاھىدىلىكىنى نەچچە يۈز يىل داۋاملاشتۇرىدۇ.

* * * * *

كۈلتەپە خارابىلىكى يومىلاق شەكىللىك تۆپىلىك يەنى كانىش ۋە تۆۋەنكى شەھەر (ئاشاغى شەھىر)دىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. تۆپىلىكتە سارايلار، تۆۋەنكى شەھەردە كارۇملار ئورۇن ئالىدۇ. خارابىلىكتە مەمۇرىي بىنالار، دىنىي ئىمارەتلەر، ئۆيلەر، تىجارەت مەركەزلىرى ۋە سىخلارنىڭ قالدۇقلىرى بار. كۈلتەپە ناھايىتى تەرەققىي قىلغان كانچىلىق ۋە توقۇمىچىلىق مەركىزى بولغاچقا، ھەم ئىشلەپچىقىرىش ھەم سودا – سېتىق ئىشلىرىنىڭ سىخلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى مەلۇم.

مۇتەخەسسىسلەر، قېزىش – تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان سارايلارنىڭ پەقەت پادىشاھلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈنلا ياسالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. سودا مەقسىتىدە ئېلىپ كېلىنگەن ماللارنىڭ ئوردىلاردا ساقلىنىپ، باج ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن پاكىتلار بار. سودىگەرلەرنىڭ ئۆيلىرىدە بولسا، قۇلۇپلانغان كىچىك ئارخىپخانا ۋە سېتىلىدىغان ماللار ساقلىنىدىغان ئامبارلار بار. كۈلتەپەدە سودا قىلماقچى بولغانلار مەلۇم قاتنىشىش ھەققى تۆلەپ تىزىمغا ئالدۇراتتى، باجسىز ۋە رۇخسەت قىلىنمىغان تاۋارلارنى ساتمايتتى، ئەتكەسچىلىك قىلمايتتى ۋە باج قاچۇرمايتتى. بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ ئۇچۇرلارنى قانداق قىلىپ بۇنداق ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمىزدىن ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن. كۈلتەپەنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتى مانا بۇ نۇقتىدا گەۋدىلىنىدۇ...

* * * * *

كۈلتەپە — «كاپادوكيا تاختايلىرى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان —ئانادولۇدىكى تۇنجى يېزىق تاختايلىرى تېپىلغان جاي. ئەينى دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي - مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بۇ تاختايلار، ھىتىتلاردىن بۇرۇنقى تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. شۇڭلاشقا كۈلتەپە يېزىقلىق تاختايلىرى ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى – يۇنېسكونىڭ تارىخ مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا.

شەكىل چىقىرىش ئاسان بولغان ھۆل لايغا ئاسسۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان 23 مىڭ 500 يېزىقلىق لاي تاختاي تېپىلدى ۋە بۇلارنىڭ پەقەت تۆتتىن بىر قىسمىنىلا ئوقۇش مۇمكىن بولدى. كىۋادرات ياكى تىك تۆت بۇلۇڭلۇق تاختايلارنىڭ 2 - 3 سانتىمېتىرلىقلىرىمۇ، 10 ياكى 20 سانتىمېتىرلىقلىرىمۇ بار... ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سىياسىي شەرتنامىلەردىن تارتىپ كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگىچە، ئىش - ھەرىكەتلەردىن سوت خاتىرىسىگىچە، شەخسىي خەت – چەكلەردىن ۋەسىيەتنامىلەرگىچە بولغان ئوخشىمىغان تېمىلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. كۈلتەپە تاختايلىرىنىڭ دىققەتنى جەلپ قىلىدىغان يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، ھۆكۈمنامە، توختام دېگەندەك رەسمىي ھۆججەتلەرنىڭ كونۋېرتلارغا سېلىپ ساقلانغان بولۇشىدۇر. قەغەز تېخى كەشىپ قىلىنمىغان، خەتلەر لاي تاختايلارغا يېزىلىدىغان ئاشۇنداق بىر دەۋردە، سىزچە ئۇلار كونۋېرتنى قانداق ياسىغان بولۇشى مۇمكىن؟ ئەلۋەتتە ئۇنىمۇ لايدىن پايدىلىنىپ ياسىدى. يېزىقلار ئۈستىگە بىر قەۋەت لاي سۈرتۈپ قۇرۇتۇش ئارقىلىق قاراپ ئوقۇۋالغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈردى.  نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىكى خەت - چەكلەرنى مەخپىي تۇتۇش تىرىشچانلىقى، مەخپىيەلىككە بۇنچىلىك ئەھمىيەت بېرىلىشى، ھەقىقەتەن قىزىقارلىق ئەمەسمۇ؟

كۈلتەپە تاختايلىرى بىزگە يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ھەققىدىمۇ ئۇچۇر بېرىدۇ؛ ئۇ، تۆت مىڭ يىل ئىلگىرى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئەر - ئاياللارنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇ دەۋر ئانادولۇ ئاياللىرىنىڭ باشقۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، ھەتتا ھازىرقى زامان بىلەن رىقابەتلەشكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

* * * * *

بەلكىم بۇ سەرگۈزەشتە پۇل تېپىش، بەلكىم يېڭى جايلارنى كۆرۈپ، يېڭى كىشىلەر ۋە يېڭى مەدەنىيەتلەر بىلەن تونۇشۇش مەقسىتىدە باشلانغان بولۇشى مۇمكىن... تەسەۋۋۇر كۈچىمىزنى ئۇرغۇتىدىغان مېڭلارچە كىلومېتىرلىق يول تورىدا مىڭلارچە كىلوگىراملىق يۈكلەر بىلەن سەپەرگە ئاتلانغانلار، ئانادولۇدا دۇنياۋى سودىنىڭ ئاساسىنى تىكلىدى. «سۆز كېتىدۇ، يېزىق قالىدۇ» ئىبارىسىنى دەلىللىمەكچى بولغاندەكلا، بۇنىڭدىن مىڭلارچە يىل ئىلگىرى مۇھىم دەپ قارىغان ھەممىلا نەرسىنى يېزىپ قالدۇرۇش ئارقىلىق ئانادولۇنىڭ تۆت مىڭ يىل ئىلگىرىكى نىداسىنى بىزگىچە يەتكۈزدى. شۇ دەۋردىن بۈگۈنلەرگە سالام يوللىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر