لىۋىيە - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (68)

1622288
لىۋىيە - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى

لىۋىيە - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (68)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «لىۋىيە - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ** *** *********

لىۋىيە دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى (MBH) باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە 2021 ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ھەم ئۆزى، ھەم ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت ئەمەلدارلىرى (پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا) بۈگۈنگە قەدەر ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك زىيارىتىنى 2021 -يىلى 12-ئاپرېلدا ئەنقەرەدە ئىشقا ئاشۇردى. دىبەيبە 14 مىنىستىرى بىلەن بىرلىكتە ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى. تۈركىيە-لىۋىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ تۇنجى يىغىنىمۇ بۇ دائىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن نەتىجىسىدە ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدا بەش مۇھىم كېلىشىم ئىمزالاندى.

بۇ زىيارەت مۇھىم بىر سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. دىبەيبە باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەنگەن 2021-يىلى 5-فېۋرالدىن بۇيان ھەم ئۇ، ھەم پېرېزىدېنتلىق كېڭىشى رەئىسى مۇھەممەد يۇنۇس ئەل-مەنەفى نۇرغۇن پىرېزىدېنتلار ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىدىن تەبرىك ۋە قوللاش ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ مەزگىلدە ھەم دىبەيبە، ھەم مەنەفى ھەر ئىككىسى نۇرغۇنلىغان چەتئەل پايتەختلىرىنى زىيارەت قىلدى ۋە تىرىپولىدىمۇ نۇرغۇن چەتئەللىك ھەيئەتلەرنى  كۈتۈۋالدى.

 

لىۋىيە دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى ئۇزۇن مۇددەتلىك توقۇنۇش مۇھىتىدىن كېيىن، لىۋىيەدىكى بۆلۈنۈشنى يوقىتىدىغان قانۇنلۇق قۇرۇلما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئۈچۈن لىۋىيەگە نۆۋەتتە مۇداخىلە قىلىۋاتقان ئاكتىيورلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك لىۋىيە دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا قاتتىق تىرىشماقتا. ئەينى چاغدا ھەربىي ئىسيانچى ھافتەرنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەپ، لىۋىيە دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرماقچى بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر، روسىيە ۋە فىرانسىيەمۇ  بۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالماقتا.  

يالغۇز لىۋىيە مەسىلىسىگە مۇداخىلە قىلغان ئاكتىيورلارلا ئەمەس،  ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، كەلگۈسىدە لىۋىيەدىن نەپكە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغان بارلىق ئاكتىيورلارمۇ، لىۋىيە دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش، ياخشى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇنىڭغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىش ۋە كەلگۈسىدە لىۋىيەدىن ئىمتىيازغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. مۇشۇنداق بىر مۇھىتتا دىبەيبە ۋە لىۋىيە دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەيئىتىنىڭ ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولىشى، تۈركىيەنى لىۋىيەگە ئارىلاشقان ئاكتىيورلار ئارىسىدىكى «باراۋەرلەر ئىچىدە بىرىنچى» ئورۇنغا قويغانلىقتۇر. زىيارەتنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى، ناھايىتى كۆپ سانلىق مىنىستىرلار ئۆمىكى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىدۇر.

لىۋىيە دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى كابىنېتى، باش مىنىستىر دىبەيبەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى شەھەر ۋە رايون قاتارلىق نۇرغۇن تەڭپۇڭلۇقنى ئويلىشىش ئارقىلىق قۇرغان مۇرەسسە ۋە ئېتىبار بېرىش كابىنېتىدۇر. تېخنىكىلىق تەرىپى گەۋدىلىك بولغان بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى 2021-يىلى 24-دىكابىردا دۆلەتنى سايلامغا ئېلىپ بارىدىغان تەييارلىقلارنى قىلىش، بۆلۈنگەن ۋە رەقىب ئورگانلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە نەتىجىدە ئاممىغا خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

2011-يىلدىن بۇيان لىۋىيەدە كۈچلۈك ھاكىمىيەت قۇرغىلى بولماسلىقى، 2014-يىلدىن كېيىن ھافتەر قوزغىغان ئىچكى ئۇرۇش ۋە 2019-يىلى يەنە ھافتەرنىڭ تىرىپولىغا قىلغان ھۇجۇمى بىلەن باشقۇرۇشتىكى بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن لىۋىيە ساغلاملىقتىن مائارىپقىچە، ئۇل ئەسلىھەدىن بىخەتەرلىككىچە بولغان بارلىق ساھەدە ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. لىۋىيە خەلقى ئۈچۈن ئېيتقاندا، سىياسىي ئەربابلارنىڭ ئىدىيىۋى يۆنىلىشىدىنمۇ مۇھىم بولغىنى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش شارائىتىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە بولسىمۇ ياخشىلايدىغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتۇر.

بۇ ۋەجىدىن دىبەيبە باشچىلىقىدىكى دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئىنتايىن ئەمەلىي سەۋىيەدە نورماللاشتۇرىدىغان ھەل قىلىش چارىسى بەرپا قىلىشى لازىم. بۇ زىيارەتتە يالغۇز دىبەيبە ۋە ئۇنىڭ يېقىن گۇرۇپپىسىلا ئەمەس، يەنە 14 مەمۇرىي مىنىستىرنىڭمۇ ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدا تۈركىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن باراۋەر بولىشى ۋە تونىشىشى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىق ئۈچۈن ئەمەلىي سەۋىيىدە زېمىن ھازىرلاش مەقسىتىگە خىزمەت قىلىدۇ - ئەلۋەتتە. بۇ دائىرىدە تاشقى ئىشلار، سانائەت، مائارىپ، ئىچكى ئىشلار، مۇھىت، يەرلىك ھۆكۈمەت، تۇرالغۇ، سودا، خەزىنە، مالىيە ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى بىر يەرگە جەم بولدى. لىۋىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدە ۋاكىلەتەن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان باش مىنىستىر دىبەيبەمۇ تۈكىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇسۇلى ئاقار بىلەن كۆرۈشتى.

 

ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىدە لىۋىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىملەرنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىملىرىدىن بىرسى لىۋىيەدە تۈركىيە شىركىتى تەرىپىدىن قۇرۇلىدىغان ئۈچ ئېلېكتر ئىستانسىسىدۇر. لىۋىيەدە ھەم ئىنقىلاب جەريانىدا، ھەم ئىچكى ئۇرۇشتا نۇرغۇن ئۇل ئەسلىھە ئامىللىرى ۋەيران بولدى. بۇنىڭغا قوشۇمچە ئېلېكتر ئىستانسىلىرىمۇ ناچار باشقۇرۇش، سەل قاراش ۋە كۆڭۈل بۆلمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇنتىزىم مۇلازىمەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە لىۋىيە خەلقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرسى داۋاملىق دېگۈدەك توك ئۈزۈلۈپ قىلىشتۇر. قۇرۇلماقچى بولغان ئېلېكتر ئىستانسىلىرى لىۋىيەنىڭ ئېلېكتر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ. توك تارقىتىش ۋە تەمىنلەش ساھەسىدىكى بۇ ھەمكارلىق پەقەت باشلىنىش بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىق، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ئىمكانىيىتى يۇقىرى قۇرۇلۇشلار كېلىدۇ.

لىۋىيەدىكى يېڭى ھۆكۈمەت سىياسىي-ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدا تۈركىيەنىڭ مۇھىم بىر ئاكتىيور بولغانلىقىنى ۋە ئاكتىيورلۇقىنىڭ باشقا خەلقئارالىق ئاكتىيورلار تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكامۇ تۈركىيە بولماي تۇرۇپ تىنچلىق مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ قېيىن بولىدىغانلىقىنى ئويلاشماقتا. لىۋىيە ھۆكۈمىتىمۇ تۈركىيەنى بۇ ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىغا قويغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. بۇ قېتىمقى زىيارەتنى دەل بۇنىڭ دەلىلى دەپ چۈشىنىش لازىم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر