ساردەس قەدىمى شەھىرى ۋە دۇنيانىڭ تۇنجى بانكىچىلىق سىستېمىسى

تۆۋەندە نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1621176
ساردەس قەدىمى شەھىرى ۋە دۇنيانىڭ تۇنجى بانكىچىلىق سىستېمىسى
sardes 7.jpg
sardes 6.jpg
sardes 5.jpg
sardes 4.jpg
sardes 3.jpg
sardes 2.jpg
sardes (7).jpg
sardes (9).jpg
sardes (11).jpg
sardes 1.jpg
sardes (6).jpg
sardes (5).jpg
sardes (4).jpg
sardes (2).jpg
sardes (1).jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھازىرقى كۈندە بانكىلاردا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ؛ مۇنداقچە دېگەندە، بانكىلارنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئورنى ئويلىغىنىمىزدىنمۇ چوڭ. بانكىلار ھازىرقى كۈندىلا ئەمەس، بەلكى قۇرۇلغىنىدىن بۇيان كىشىلەر دائىم پايدىلىنىپ كەلگەن بىر ئورۇن بولدى. تارىختىكى تۇنجى بانكا مۇلازىمىتى قەدىمكى سۇمېر ۋە بابىلونغا تۇتىشىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، ئەينى دەۋردىكى بانكىلارنىڭ دېھقانلارغا ئۇرۇق ۋە ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن قەرز بەرگەنلىكىنى بىلىدۇ. بابىل ھۆكۈمدارى ھاممۇرابىنىڭ مەشھۇر قانۇنلىرىدا قەرزنىڭ قانداق تۆلىنىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ماددىلار بار.

ئۇ ۋاقىتتا پۇل بولمىغاچقا، ئەلۋەتتە قەرز بېرىش ۋە قايتۇرۇشلارمۇ ھەر خىل تاۋارلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلاتتى. بۇ ئەھۋال تاكى ئانادولۇنىڭ غەربىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان لىديا پادىشاھلىقىنىڭ تارىختىكى تۇنجى تەڭگە پۇلنى ئىجاد قىلىپ ئىشلىتىشىگىچە داۋاملاشتى. بۇ  مۇھىم كەشپىيات سودىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. تۇنجى مېتال پۇللار قۇيۇلغاندىن كېيىن، بۇ جۇغراپىيەنىڭ، بەلكىم دۇنيانىڭ تۇنجى بانكىسى لىديا پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى ساردەستە قۇرۇلدى. چۈنكى لىدىيالىقلار پۇلنى كەشىپ قىلغاندىن كېيىن، بۇ قىممەتلىك مېتالدىن ياسالغان پۇللارنى قوغداش ۋە ساقلاش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېغىر مەسىلىگە ئايلاندى. ئۇ يىللاردىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ساقلاش ئۇسۇلى تەڭگە پۇللارنى لايدىن  ياسالغان قازانغا قويۇپ يەرنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ قويۇش ئىدى. خەزىنە ئوۋچىلىرىنىڭ ئىشتىھاسىنى غىدىقلايدىغان بۇ ئۇسۇل بەزىدە ئارخولوگىيەلىك بايقاشلارغا يول ئاچسا، يەنە بەزىدە زور زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. كۆمۈپ قويۇشتىن باشقا پۇلنى ساقلاشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى، ئۇنى بۇتخانىلارغا يوشۇرۇپ قويۇش ئىدى. بۇتخانىلار ئىلاھنىڭ قوغدىشى ئاستىدا بولىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىنىدىغان بولغاچقا، قەدىمكى دەۋرنىڭ ئەڭ بىخەتەر جايلىرى ھېسابلىناتتى. كىشىلەر بۇتخانىلاردىكى دىنىي خادىملارغا بەلگىلىك ھاۋالە قىلىش ھەققى تۆلەش ئارقىلىق پۇلىنى كاپالەت ئاستىغا ئالالايتتى.

تارىختىكى تۇنجى پۇللار ئەفەس ئارتەمىس بۇتخانىسىنىڭ تېگىدىن تېپىلغان بولسىمۇ، ئەمما ساردەس قەدىمىي شەھىرىدىكى بۇتخانا، تارىخنىڭ تۇنجى بانكىسى بولۇش ئۇنۋانىغا ئىگە قىلىدىغان بىر خىل ئالاھىدىلىكى بىلەن تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. بۇتخانا تاملىرىدىكى بىر يېزىق، ئۇنى باشقا بۇتخانىلاردىن پەرقلەندۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ يېزىقتا تۇنجى بانكىچىلىق مەشغۇلاتىنىڭ بۇ يەردە قىلىنغانلىقى يېزىلىدۇ. بۇ خەتتە، قاچان، كىمگە، قانچىلىك قەرز بېرىلگەنلىكى، قەرزنىڭ بەدىلىگە قايسى مال— مۈلۈكنىڭ تۇتۇپ قېلىنغانلىقى، قەرز قايتۇرۇلمىغان تەقدىردە جازا بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. بۇ يېزىق بىر ھۆججەت بولۇپ، بۇتخانىنىڭ بانكىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە ساردەستىكى ئارتەمىس بۇتخانىسى 800 يىل بويىچە ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تولۇق  پۈتمەيدۇ. بىنانىڭ پۈتمىگەن قىسىملىرى بىزگە بۇتخانىنىڭ قانداق لايىھەلەنگەنلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىدۇ. ساردەستىكى ئارتەمىس بۇتخانىسى دۇنيادىكى ئىيون ئۇسلۇبىدىكى بۇتخانىلار ئىچىدە تۆتىنچى چوڭ ئىبادەتخانا دەپ قارىلىدۇ. بۇ نۇقسانسىز لايىھە، بىزنىڭ قەدىمكى بىناكارلار، ئىنژېنېرلار ۋە قۇرۇلۇش ئۇستىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم.

* * * * *

قەدىمكى ساردەس شەھىرى پەقەت تۇنجى تەڭگە پۇللار قۇيۇلغان ياكى تۇنجى بانكا سىستېمىسى ئورنىتىلغان جاي بولۇش بىلەنلا داڭلىق ئەمەس. بۇ باي مەدەنىيەتنىڭ پايتەختى يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسى بىلەن ئىسسىنىش تېخنىكىسى بىلەنمۇ داڭلىق. ئۇ يەنە ئانادولۇدىكى تۇنجى كېرەكسىز سۇ يوللىرى ئورنىتىلغان ۋە سۇ چىقىرىش سىستېمىسى بىلەن سازلىقلارنى قۇرۇتقان تۇنجى شەھەر ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنى ھازىرقى كۈندىمۇ ئۆزىنىڭ ماتېماتىكىلىق نەزەرىيەلىرى بىلەن ئاتىلىۋاتقان ماتېماتىك، شۇنداقلا پەلسەپەنىڭ ۋە قەدىمكى يۇناننىڭ يەتتە دانىشمىنىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغان تالېس روياپقا چىقارغانىدى.

يەر تەۋرەش بەلبېغىغا جايلاشقان لىدىيا پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى نۇرغۇن يەر تەۋرەشلەردىن ئامان قالغانىدى. رىم دەۋرىدە يۈز بەرگەن چوڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىن يەر ئىسسىقلىقى ئۆي ۋە دۇكانلارنى ئىسىسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى قېزىش جەريانىدا، بەزى دۇكان ۋە ئۆيلەرنىڭ ئىچىدە  كىچىك كۆلچەكلەرگە تۇتىشىدىغان ۋە تاملارنىڭ ئارىسىدا لايدىن پىشۇرۇپ ياسالغان سۇ تۇرۇبىلىرى تېپىلدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ سۇ تۇرۇبىلىرى ئىسسىق سۇنى شەھەردىكى يەنە بىر مۇھىم قۇرۇلۇش بولغان گىمنازىيەگە يەتكۈزۈپ، چېنىقىش ئۆيىنىڭ كەينىدىكى مۇنچا كۆلچىكىنى تولدۇراتتى. ئاندىن ئۇ يەردىكى ئىسسىق سۈنى ئۆي ۋە سودا رايونلىرىغا بېرىش ئارقىلىق يەنە بىر يېڭىلىق روياپقا چىقىرىلغان،  يەنى شەھەر قەدىمكى دەۋرلەردىلا يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسى بىلەن ئىسىسىتىلغانىدى.

* * * * *

ساردەس قەدىمكى شەھىرى مىسىر جىيزە ئېگىزلىكىدىكىدىنمۇ چوڭ بىر قەبرىستانلىق ساھەسىگە ئىگە. بۇ يەر تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ قەبرىستانلىق بولۇش بىلەن بىردىنبىر، بەلكىم بىن تۆپىلىكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قەبرىستانلىق بولۇشى مۇمكىن. شەھەرنىڭ شىمالىدىكى بىن تۆپىلىكى (تەپە) دىكى خارابە قەبرىستانلىقنى قەدىمكى دەۋرلەردىكىگە ئوخشاش بۈگۈنمۇ يىراقتىن كۆرگىلى بولىدۇ. چوڭ ۋە كىچىك تۆپىلىكلەردىن تەشكىل تاپقان بۇ جاي، كىشىنى دۇنيانىڭ سىرتىدىكى بىر جۇغراپىيەدە تۇرۇۋاتقاندەك ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇ رايونغا پەقەت ئاقسۆڭەكلەر ۋە دۆلەت ئەربابلىرىلا دەپنە قىلىناتتى، قەبرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە ئېگىزلىكى كۆمۈلگەن كىشىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. شۇڭلاشقا، بۇ رايوندىكى ئەڭ چوڭ قەبرە پادىشاھ ئالياتېسقا تەۋە دەپ قارىلىدۇ. لىدىيادىكى ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنىڭ ئارىلاشمىسىدىن ھاسىل بولغان ئاق  ئالتۇندىن تۇنجى تەڭگە پۇللارنى قۇيۇپ، خانلىقنى بېيىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان پادىشاھ ئالياتسنىڭ قەبىرىسى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۆپىلىك قەبىرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. قەدىمكى دەۋرنىڭ مەشھۇر تارىخ ئالىمى ھىرودوتۇس، پادىشاھ ئالياتېسنىڭ قەبرىسىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ۋە قايىللىقىنى تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىگەنىدى:

«لىدىيادا كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان بىر ئابىدە بار. مىسىر ۋە بابىلدىكى ئابىدىلەر بىر تەرەپتە تۇرۇپ تۇرسۇن، ئۇ يەردە شۇنداق بىر ئابىدە باركى، مەلۇم بولغان بارلىق ئابىدىلەرنى ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ كروئىسۇسنىڭ ئاتىسى ئالياتېسنىڭ قەبرىسى بولۇپ، ئېتەكلىرى چوڭ تاشلار بىلەن ئورالغان بىر توپراق دۆۋىسىدۇر.»

لەھەتلەر (دەپنە قىلىش ئورنى) بۇلاڭچىلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆپىلىكنىڭ مەركىزىدىن يىراق يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى. لېكىن، قېزىپ تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا قەبرە بۇلاڭچىلىرىنىڭ رىم دەۋرىدە قەبرىستانلىققا تونېل قېزىپ بېرىپ بولاڭ – تالاڭ قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى. كېيىنكى دەۋرلەردە ئوخشىمىغان تۆپىلىكلەردىكى قەدىمىي قەبىرلەر بۇلاڭ - تالاڭ قىلىندى، قەبرىلەردىن ئاساسلىقى زىبۇزىننەت ۋە زىياپەت ئەشيالىرى چىقىرىلدى. بۇ دەۋرنىڭ بايلىقى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك ماھارىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان بۇ نادىر ئەسەرلەر چەت ئەلگە ئەتكەس قىلىنىپ، قەدىمكى ئەسەرلەر ھەۋەسكارلىرىغا سېتىلدى. لىدىيا خەزىنىسى ياكى قارۇن خەزىنىلىرى دەپ ئاتالغان بۇ خەزىنە، مىس، كۈمۈش ۋە ئېسىل قول ھۈنەرۋەنچىلىكى بىلەن ياسالغان نۇرغۇن ئالتۇن زىبۇزىننەتلەر بىلەن ئاشخانا سايمانلىرىدىن تەشكىل تاپاتتى. ئۇزۇن مەزگىل نيۇيورك شەھەرلىك مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان خەزىنە، چەت ئەلگە ئوغرىلاپ كېتىلىپ 30 يىلدىن كېيىن نۇرغۇن قانۇنىي كۈرەشلەر نەتىجىسىدە ئۆزى تەۋە بولغان زېمىنغا — تۈركىيەگە قايتىپ كەلدى.

* * * * *

ئانادولۇ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئېتىقاد ۋە دىنلارنى باغرىغا باسقان،  باغرىدا گۈللەندۈرگەن بىر جاي... ئانادولۇ قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا «ئىلاھلار يۇرتى» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ جۇغراپىيە ئەپسانىلەردە تىلغا ئېلىنغان ئىلاھلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ۋەتىنى ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى دەۋرلەردە كەڭ قاتلاملارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ئىلاھلىق دىنلار بۇ تۇپراقلاردا ۋۇجۇدقا چىقمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. شۇڭلاشقىمۇ لىدىيا پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى ساردەس، تۇنجى تەڭگە پۇللار بېسىلىپ ئىشلىتىلگەن، مەشھۇر پادىشاھ يولى باشلانغان يەر بولۇشتىنمۇ ھالقىغان مۇھىم قەدىمىي شەھەردۇر. چۈنكى دۇنيادىكى يەھۇدىي دىنىغا تەۋە ئۈچىنچى مۇھىم بۇتخانا بۇ قەدىمكى شەھەرگە جايلاشقان. ساردەس سىناگوگى، ياۋروپا ۋە تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئىبادەتخاناسىدۇر. سېفارەد سېناگوگى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ ئىبادەتخانانىڭ ئەينى چاغدىكى ئانادولۇنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە بىردىنبىر ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكى، مىڭ كىشىنىڭ ئىبادەت قىلالايدىغانلىقى مەلۇم. بۇ ئابىدىۋى قۇرۇلۇش بىر قانچە قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەپسۇسكى، كىشىلەرگە دېگەندەك تونۇشلۇق ئەمەس.

بىر تەڭرىلىك دىنلار دەۋرىدە ساردەس قەدىمكى شەھىرى يالغۇز يەھۇدىيلارنىڭ ئېتىقادىغا ساھىبخانلىق قىلىپلا قالماي، خىرىستىيان دىنى ئۈچۈنمۇ مۇھىم رول ئوينىغانىدى. چۈنكى، خىرىستىيان دىنى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئانادولۇدىكى ئالدىنقى يەتتە چېركاۋنىڭ بىرى بۇ يەرگە سېلىنغان ۋە ئۇ ۋىزانتىيە دەۋرىدە بىر ئېپىسكوپ مەركىزىگە ئايلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر