ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ
كاپىر بولغانلارغا ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى دىنىدىن) توسقانلارغا ئۇلارنىڭ قىلغان بۇزغۇنچىلىقلىرى ئۈچۈن ئازاپ ئۈستىگە ئازاپ قوشۇپ، زىيادە ئازاب قىلىمىز.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نەھل سۈرىسى، 88 – 93 - ئايەتلەر. كاپىر بولغانلارغا ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى دىنىدىن) توسقانلارغا ئۇلارنىڭ قىلغان بۇزغۇنچىلىقلىرى ئۈچۈن ئازاپ ئۈستىگە ئازاپ قوشۇپ، زىيادە ئازاب قىلىمىز[88]. شۇ كۈندە بىز ھەربىر ئۈممەتكە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا قارشى (گۇۋاھلىق بېرىدىغان) بىر شاھىت (يەنى پەيغەمبەر) كەلتۈرىمىز ۋە (شۇ كۈندە) بىز سېنى ئۇلارغا (يەنى ئۈممىتىڭگە) شاھىت قىلىپ كەلتۈرىمىز. ساڭا بىز كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ھەممە نەرسىنى (يەنى كىشىلەر موھتاج بولىدىغان دىنىي ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى) چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، (دىللارغا) ھىدايەت، (بەندىلەرگە) رەھمەت، مۇسۇلمانلارغا مەڭگۈلۈك سائادەت بىلەن خوش خەۋەر يەتكۈزىدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق[89]. ئاللاھ ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا، خىش ـ ئەقرىبالارغا سىلە ـ رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ (سۆز ـ ھەرىكەتلەر) دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە پەند ـ نەسىھەت قىلىدۇ[90]. سىلەر ئەھدە تۈزۈشكەنلىرىڭلاردا، ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، قەسىمىڭلارنى (ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ) پۇختىلىغاندىن كېيىن بۇزماڭلار، چۈنكى سىلەر ئاللاھنى گۇۋاھچى قىلدىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ[91]. سىلەر پىششىق ئىگىرگەن يىپنى چۇۋۇپ پارچە ـ پارچە قىلىۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار. بىر جامائە (سان ۋە مال ـ مۈلۈك جەھەتتە) يەنە بىر جامائەدىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، قەسىمىڭلارنى ئالدامچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالىسىلەر (يەنى ئۆز ئارا ياردەملىشىش ئۈستىدە بىر جامائە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكەندىن كېيىن، سانى، پۇل ـ مېلى كۆپرەك يەنە بىر جامائەنى كۆرۈپلا ئىلگىرىكى جامائە بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىنى بۇزۇپ، كېيىنكى جامائە بىلەن ئەھدى تۈزىسلەر)، ئاللاھ سىلەرنى ھەقىقەتەن بۇنىڭ (يەنى ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئەمرى) بىلەن سىنايدۇ، سىلەر دەتالاش قىلىشقان ھەق ـ ناھەقنى قىيامەت كۈنى سىلەرگە چوقۇم ئېنىق ئايرىپ بېرىدۇ[92]. مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى) ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، لېكىن (ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىشنى تەقەززا قىلدى)، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) پۈتۈن قىلمىشىڭلار ئۈستىدە سوراق قىلىنىسىلەر[93].