ئاللاھ سىلەرگە ئۆيۈڭلارنى تۇرالغۇ جاي قىلىپ بەردى

ئاللاھ سىلەرنى ئىتائەت قىلسۇن دەپ، سىلەرگە ئەنە شۇنداق مۇكەممەل نېمەتلەرنى بېرىدۇ.

1613675
ئاللاھ سىلەرگە ئۆيۈڭلارنى تۇرالغۇ جاي قىلىپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نەھل سۈرىسى، 80 – 87 - ئايەتلەر. ئاللاھ سىلەرگە ئۆيۈڭلارنى تۇرالغۇ جاي قىلىپ بەردى، سىلەرگە ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىدىن ئۆيلەرنى (چېدىرلەرنى) قىلىپ بەردى، سىلەر كۆچكەن كۈنۈڭلاردىمۇ، تۇرغان كۈنۈڭلاردىمۇ ئۇنىڭ يىنىكلىكىنى ھېس قىلىسىلەر، سىلەرگە قويلارنىڭ يۇڭلىرىدىن، تۆگىلەرنىڭ يۇڭلىرىدىن، ئۆچكىلەرنىڭ يۇڭلىرىدىن ئۆي جاھازلىرىنى (يەنى سىلەر كىيىدىغان ۋە ئۆيۈڭلارنى سەرەمجانلاشتۇرىدىغان) ھەم مەلۇم مۇددەتكىچە (ئۆلۈم كەلگۈچە ياكى ئۇلار كونىراپ تۈگىگىچە) پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى قىلىپ بەردى[80]. ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ياراتقان نەرسىلەر (يەنى دەرەخلەر، تاغلار ۋە بىنالار) دىن (كۈننىڭ ھارارىتىدىن ساقلىنىدىغان) سايىلەرنى قىلىپ بەردى. تاغلاردىن سىلەرگە (غار، ئۆڭكۈرگە ئوخشاش) تۇرالغۇ قىلىدىغان جايلارنى قىلىپ بەردى. سىلەرگە ئىسسىقتىن (ۋە سوغۇقتىن) ساقلىنىدىغان كىيىملەرنى، ئۇرۇشتا سىلەرنى (زىيان ـ زەخمەتتىن) ساقلايدىغان تۆمۈر كىيىملەرنى تەييار قىلدى. ئاللاھ سىلەرنى ئىتائەت قىلسۇن دەپ، سىلەرگە ئەنە شۇنداق مۇكەممەل نېمەتلەرنى بېرىدۇ[81]. ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (ساڭا ھېچ زىيىنى يوق)، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر[82]. ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتىنى تونۇيدۇ، ئاندىن (ئاللاھتىن بۆلەك غەيرىيگە ئىبادەت قىلىش بىلەن) ئۇ نېمەتلەرنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تولىسى كاپىردۇر (يەنى كاپىر پېتىچە ئۆلىدۇ)[83]. شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھەر ئۈممەتتىن (ئۇنىڭغا ئىمان بىلەن ياكى كۇفرى بىلەن گۇۋاھلىق بېرىدىغان) بىر شاھىت (يەنى پەيغەمبەر) كەلتۈرىمىز، ئاندىن كاپىرلارغا (ئۆزرە ئېيتىشقا) رۇخسەت قىلىنمايدۇ ھەمدە ئۇلاردىن پەرۋەردىگارىنى رازى قىلىش (يەنى پەرۋەردىگارىنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىش) تەلەپ قىلىنمايدۇ[84]. زالىملار (يەنى مۇشرىكلار) ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلاردىن (ئازاب) يىنىكلىتىلمەيدۇ ۋە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ[85]. مۇشرىكلار (دۇنيادا چوقۇنغان) بۇتلىرىنى كۆرگەن چاغدا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بۇلار بولسا بىزنىڭ سېنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلىرىمىزدۇر» دەيدۇ، بۇتلىرى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: «شۈبھىسىزكى، سىلەر ھەقىقەتەن يالغانچىسىلەر» دەيدۇ[86]. شۇ كۈندە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا باش ئەگكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى چاغلىرىدا: «بۇتلار بىزگە شاپائەت قىلىدۇ» دېگەن) يالغان ـ ياۋىداقلىرى يوققا چىقىدۇ[87].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر